تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يېشىل ماركا ياراتماقتا، بازارلاردا تېخىمۇ مۇھىم ئورۇن ئىگىلىمەكتە

  مۇخبىرىمىز ليۇ يى

  يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئۇزاقتىن بۇيان يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان خىزمەتلەرنىڭ بىرى. ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش خىزمىتىدە ‹‹چىقىرىش››، ‹‹بازارغا كىرگۈزۈش››، ‹‹بازار ئىگىلەش››تەك ‹‹ئۈچ قەدەم بىلەن مېڭىش›› ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قولدىن چىقىرىش يوللىرىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېشىل ماركا ئوبرازىنى تىكلىدى.

  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش نەتىجىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش خىزمىتى ‹‹بازار ئىگىلەش››تىن ئوتتۇراھال، يۇقىرى دەرىجىلىك بازارغا تەرەققىي قىلىشتەك يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىش خىزمىتى يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ئۈزلۈكسىز ماسلىشىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى كەسكىن رىقابەتتە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، ياخشى پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرمەكتە.

‹‹يېشىل، ساغلام›› ماركا ئوبرازىنى يارىتىش كېرەك

  بازارنى ئېچىش سەۋىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ كۆپلىگەن ئۇسۇلى ۋە چارىسى بار، بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىمى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭغا يېشىل، ساغلام مەھسۇلات ئۇقۇمىنى سىڭدۈرۈش ۋە ماركا ئوبرازىنى تىكلەشتۇر.

  8 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، ئۇدا يەتتە نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسى كۆپلىگەن بېيجىڭلىق ئىستېمالچىنى جەلپ قىلىپ كەلدى.

  ئىستېمالچىلارنىڭ يېشىل، ساغلام مەھسۇلاتلارغا بولغان ئىنتىلىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويغانلىقىدۇر، شۇنداقلا ‹‹بازار ئىگىلەش››تىكى پايدىلىق پۇرسەتتۇر. 11 – ئايدا، بېيجىڭ ۋە گۇاڭجۇدا ئۇدا ئىككى نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا يەرمەنكىسىدە يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇلغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى مەھسۇلاتلار ‹‹ئۈچ مەھسۇلات، بىر ئۆلچەم›› ئېتىراپنامىسىنى ھازىرلىغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىلىۋاتقان ھازىرقى پەيتتە، ساغلام مەھسۇلاتلارنىڭ كۈچلۈك رىقابەت كۈچىنى نامايان قىلدى.

  بۇنداق يېڭى رىقابەت كۈچى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەسلىي تەسىرىنى ئۆزگەرتمەكتە. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن تەسىرى ئىلگىرىكى چوڭ، تەمى تاتلىق بولۇشتىن سۈپىتى يۇقىرى، تېخىمۇ ساغلام بولۇشقا قاراپ ئۆزگەرمەكتە. بۇنداق ئۆزگىرىش چىلان، ياڭاق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئەۋزەل مەھسۇلاتلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي، يەنە باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغىمۇ يېڭى بازار پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.

  ‹‹400 قاپتىن ئارتۇق سۈت پاراشوكىنى بىر كۈندىلا سېتىپ بولدۇق، كېيىنكى نەچچە كۈنگە مال قالمىدى››، دېدى 8 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ يەرمەنكىسىگە قاتنىشىۋاتقان ئالتاي قاناس سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مال ساتقۇچىسى زۇلقەر ئەركىن ‹‹ئوڭايسىزلانغان›› ھالدا. ئۇلار يەرمەنكىگە ئەكەلگەن مەھسۇلاتلىرىنى بىر كۈندىلا سېتىپ بولغانىدى.

  زۇلقەر ئەركىن مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ئىستېمالچىنىڭ شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ يېشىل بولۇشىغا بولغان ئىشەنچىسى قاناس سۈت پاراشوكى بازىرىنىڭ ئىتتىك بولۇشىدىكى مۇھىم سەۋەب، بىز بۇ ئەۋزەللىككە تايانساقلا كەلگۈسىدە بېيجىڭ بازىرىدا پۇت تىرەپ تۇرالايمىز.

  زۇلقەر ئەركىننىڭ 400 قاپتىن ئارتۇق سۈت پاراشوكىنى بىر كۈندىلا سېتىپ بولغانلىقى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بۈگۈنكى كۈندە، ئەلا سۈپەتلىك ئۇن، سۈت پاراشوكى، گۈرۈچ قاتارلىق كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان ‹‹شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى›› يېشىل، ساغلام بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بازاردا تېز سېتىلىپ، تېخىمۇ كەڭ يېڭى پۇرسەتلەرنى كۈتۈۋالماقتا.

  ‹‹چىقىرىش›› بىلەن ‹‹كىرگۈزۈش››كە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

  شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە بازارغا يۈزلەندۈرۈشتە، ‹‹چىقىرىش››قىلا تايىنىۋالماي، بەلكى مال سېتىۋالغۇچىلار، ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىكلىكىنى بىلدۈرۈش تېخىمۇ مۇھىم.

  بۇ يىل 8 – ئايدا، مەملىكىتىمىزدىكى 15 ئۆلكە (شەھەر)نىڭ 25 چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدىن كەلگەن مال سېتىۋالغۇچىلار ئۈرۈمچىگە يىغىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش – پىششىقلاش كارخانىلىرى ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش – سېتىشنى جىپسىلاشتۇردى، ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەلا سۈپىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. قىسقىغىنا نەچچە كۈندىكى ئىشلەپچىقىرىش – سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش پائالىيىتىدە 18 كارخانا 225 مىليون يۈەنلىك سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىمزالانغان كېلىشمىدىكى ئومۇمىي سومما 1 مىليارد 26 مىليون يۈەنگە يېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز جايىدىلا زاكاز قىلىپ سېتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  بۇنداق ئىشلەپچىقىرىش – سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش پائالىيىتى دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش – تارقىتىش بازىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بېيجىڭ ‹‹شىنفادى›› بازىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ پەن مۇنداق دېدى: مال سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر ئىشلەپچىقىرىش ئورنىغا بېرىپ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋالسا، مەھسۇلاتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيدۇ، بۇ، يېڭى سودا پۇرسىتىنى قېزىشقا پايدىلىق. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ‹‹شىنفادى›› بازىرىدىكى يىللىق سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تەخمىنەن %5 ئەتراپىدا بولماقتا. ‹‹شىنفادى›› بازىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى شىمالىي جۇڭگو، شەرقىي جۇڭگو قاتارلىق جايلاردا داۋاملىق سېتىلىپ، تېخىمۇ كەڭ بازار تاپتى.

  مال سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەرنىڭ ‹‹كىرگۈزۈش››، ‹‹چىقىرىش›› ئۇسۇلىمۇ يېڭىلىنىۋاتىدۇ. يېقىندىن بۇيان، بېيجىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن ئاھالە مەھەللىسىدىكى پوچتىخانىدىن شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالالايدىغان بولدى.

  شىنجاڭ ‹‹سادىق›› يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جاڭ ۋېنچاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر كارخانىمىز بېيجىڭ شەھىرىدىكى پوچتا شۆبە شىركەتلىرى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتماقتا، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پوچتا ئىدارىسىنىڭ قولايلىق مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ، بېيجىڭ بازىرىغا كىرمەكتە. بۇنىڭدا خېرىدارلار پوچتا ئىدارىسى تىجارەت زالىدا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرىدۇ، توردا تالون كەستۈرۈپ، پوچتا ئىدارىسىگە بېرىپ مالنى ئېلىۋېلىش قاتارلىق قولايلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  جاڭ ۋېنچاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇنداق تونۇشتۇرۇش ئۇسۇلى ئويلىغىنىمىزدىنمۇ ئارتۇق پايدا ياراتتى. ھازىر، ئالدىن سىناق قىلىنغان بىر قانچە تور نۇقتىلىرىنىڭ ئايلىق سودا سوممىسى 200 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى، بېيجىڭ شەھىرىدە نەچچە يۈز پوچتا مۇلازىمەت تور نۇقتىسى بار، كەلگۈسىدىكى مۇلازىمەت بوشلۇقى ۋە سېتىش يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور. شىنجاڭ ‹‹سادىق›› يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى بازار تىجارىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يەنە خېرىدارلار توپى ۋە سېتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىنچىكە تۈرگە ئايرىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مەھسۇلاتلارنى قاراتمىلىق تەشۋىق قىلىپ، تېخىمۇ توغرا ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك سېتىش يوللىرىنى ئاچتى.

  سۈپىتى ياخشى ماللارنى يۇقىرى باھادا سېتىپ، ماركا ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

  سۈپەتلىك ياخشى مەھسۇلات ھامان كۆزلىگەن باھادا سېتىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ۋاڭ پىڭ مۇنداق دېدى: سۈپەتلىك، ياخشى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قاتتىق سۈپەت ئۆلچىمىدىن ئۆتكۈزگەندىن باشقا، يەنە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق باھا قويۇش كېرەك، سۈپەت بىلەن باھا ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭلىق ماركا ئوبرازىنى قوغداشتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل.

  بۇ نۇقتا 8 – نۆۋەتلىك شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ يەرمەنكىسىدە تولۇق دەلىللەندى. بۇ يىللىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى يەرمەنكىسىدە، تەشكىلىي ھەيئەت يېتەكچى باھانى تەسىس قىلىشنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەرمەنكىگە قاتناشتۇرۇلغان مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ يېتەكچى باھادىن تۆۋەن بولماسلىقىنى، باھانى خالىغانچە تۆۋەنلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. تەشكىلىي ھەيئەت يەرمەنكىدە سېتىلىپ بولالمىغان مەھسۇلاتلارنى يەرمەنكىدىن كېيىن داۋاملىق سېتىشقا مەخسۇس ئورۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ، سۈپەتلىكلىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  شىنجاڭ ‹‹جياڭنەن جۇاڭيۈەن›› بىيو پەن – تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ دىرېكتورى جۇ شىڭگۇاڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى يىللاردا يەرمەنكىنىڭ ئاخىرىدا سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن باھا چۈشۈرۈلۈپ سېتىلغاچقا، نۇرغۇن خېرىدار باھا چۈشكەندە ئاندىن سېتىۋالاتتى، نەتىجىدە زىيان چىقاتتى. بۇ يىل كارخانىمىز ئوخشاش مەھسۇلات رىقابىتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن جۇغى ئادەتتىكى قوغۇندىن كىچىكرەك، ئەتلىك بولغان قوغۇننى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ بازارغا سالدى، بۇ قوغۇننىڭ ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى ئىككى كىلوگىرام ئەتراپىدا بولۇپ، ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە ئىستېمال قىلىشقا ئەپلىك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش جەريانى ئىز قوغلاپ باشقۇرۇلغاچقا، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنغان.

  جۇ شېڭگۇاڭ مۇنداق دېدى: بىر قوغۇن 50 يۈەن، بىر يېشىكى 150 يۈەن. نۇرغۇن خېرىدار بىرىنچى كۈنى قىممەت كۆرۈپ بىرنى سېتىۋېلىپ ئېلىپ كەتتى، ئۆيىگە بېرىپ يەپ باققاندىن كېيىن، ئەتىسى ئالايىتەن كېلىپ بىر يەشىكتىن سېتىۋالدى، بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، سۈپىتى ياخشى بولغان ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتنى بازاردا يۇقىرى باھادا ساتقىلى بولىدىكەن.

  جىڭ ناھىيەلىك تىيانشان باغۋەنچىلىك يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ چىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قاراشتا بولۇپ، مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا. كارخانىمىز پىششىقلىغان ئالقاتنىڭ سۈپىتى مەملىكىتىمىز بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، باھاسى قىممەترەك بولغاچقا، ئىلگىرى بارلىق مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىناتتى. بۈگۈنگە كەلگەندە مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىدا كۆرۈنەرلىك داۋالغۇش بولمىغان بولسىمۇ، كارخانىمىزنىڭ يېرىمدىن كۆپرەك مەھسۇلاتى دۆلەت ئىچىدە سېتىلماقتا، بۇلار دۆلەت ئىچىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېشىل، سۈپەتلىك بولۇشىغا بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى، ياخشى، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى باھاسى قىممەت بولسىمۇ، سېتىۋېلىشقا قورسىقى ئاغرىمايدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.

  ساغلام، يېشىل، سۈپەتلىك بولغاندا ئىستېمالچىلار ياقتۇرىدۇ، يېڭىچە سېتىش يوللىرىنى ئېچىپ، دەل جايىدا سېتىشنى ئىشقا ئاشۇرغاندا، سۈپەتلىكلىرىنى يۇقىرى باھادا سېتىپ، ماركا ئۈنۈمىنى يارىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ‹‹شىنجاڭ سۈپىتى›› دېگەن بۇ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى بازار مۇھىتىدا يېڭى ئالقىشلارغا ئېرىشمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى