پەن - تېخنىكا گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 14 _ دېكابىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جەنجياڭ شەھىرىدە ئېچىلغان 5 _ نۆۋەتلىك جۇڭگو دېڭىز - ئوكيان ئىقتىسادىي يەرمەنكىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىز دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز ئادەمسىز كاتېرنى ياساپ چىققان.
ئادەمسىز كاتېر «تيەن شىڭ 1 -نومۇر » 2017 - يىلى سېنتەبىردە ياساپ چىقىلغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئىتى 92.6 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، بۇ كاتېرنى خاربىن قۇرۇلۇش ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شېنجېن « خەيسىبى » پاراخوت شىركىتى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان. كاتېرنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 12.2 مېتىر بولۇپ، ماي بىلەن توكتا ھەرىكەتلىنىدىغان ئارىلاشما ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە.
ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر ئەنگلىيە ھەربىي تەرەپ سائەتلىك سۈرئىتى 92.6 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان، ئۇزۇنلۇقى 10 مېتىر كېلىدىغان ئادەمسىز رازۋېدكا كاتېرىنى ئاشكارىلىغان. بىراق « خەيسىبى » پاراخوت شىركىتىنىڭ چۈشەندۈرىشىچە، ئىگىلىگەن ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزنىڭ ياساپ چىققان ئادەمسىز كاتېرى دۇنيا بويىچە سۈرئىتى ئەڭ تېز كاتېر ھېسابلىنىدىكەن.