دولانىنىڭ تۆۋەندىكىدەك رولى بار:
تېرىنى ئاقارتىپ، داغنى يوقىتىدۇ
دولانە تەركىبىدە مول ۋىتامىن C بار بولۇپ، تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى تەخمىنەن 53 مىللىگرام / 100گىرام، ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ 98مىللىگرام / 100گىرام، بۇ مىقدار لىموننىڭ 2.4 ھەسسىگە، ئالمىنىڭ 13ھەسسىگە تەڭ.تەركىبىدىكى ۋىتامىن C قان تومۇرنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى، مىكرو قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، تېرىنى ئاقارتىپ داغنى يوقىتىش رولى بار .
قان تولۇقلاش رولى بار
دولانە تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارى گەرچە ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن تەركىبىدىكى ۋىتامىن C ۋە ئورگانىك كىسلاتا تۆمۈر ماددىسىنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىققا پايدىسى بار.
قاننى جانلاندۇرۇپ ھەيزنى تەڭشەيدۇ
ئاياللاردا ھەيز راۋان بولماسلىقتىن پەيدا بولغان ھەيز ئاغرىش، ھەيز قېنىدە قان ئۇيمىسى بار بولسا دولانە ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.
مىجەزنى تەڭشەيدۇ
دولانە 10 گىرام، قىزىلگۈل 10 گىرام ئىككىسىنى بىللە چاي دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاپ ، ھۆسن گۈزەللەشتۈرىدۇ ۋە ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بار. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ مىجەزىنى تەڭشەيدۇ.
ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ
دولانە تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ.