جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 13-دېكابىر تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 13-دېكابىر جۇڭگو خەلق بانكىسى ئۈرۈمچى مەركىزىي تارماق بانكىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2010 -يىلى چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپىنىڭ سىناق نۇقتىسى بولغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ ساھەگە چېتىشلىق كەسىپ دائىرىسى ۋە كۆلىمى تەدرىجىي كېڭىيىپ، بۇنىڭ راسچوت مىقدارى جەمئىي 250 مىليارد يۈەندىن ئاشقان.
چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپى بولسا ئاھالىلەر ۋە غەيرىي ئاھالىلەر ئارىسىدىكى خەلق پۇلى ئارقىلىق قانات يايدۇرۇلغان ياكى خەلق پۇلى ئارقىلىق راسچوت قىلىنغان تۈرلۈك چېگرا ھالقىغان كەسىپلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۆت يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان خەلق پۇلى كەسپى بەش ھەسسە ئاشقان.