تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

سىياسىيغا قەتئىي ئەھمىيەت بېرىپ، باش نىشاننى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

  سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما گۈيبىن

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ‹‹ھەر خىل سىڭدۈرمىچىلىك، ئاغدۇرمىچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى، دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەردىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك›› دەپ كۆرسىتىلدى. بۇ بىزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزگە تېخىمۇ ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداشتىكى ئىرادىسى ۋە ئارزۇسىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ھازىر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندى، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ غايەت زور ئاكتىپ ئېنېرگىيەسى پۈتكۈل شىنجاڭ زېمىنىنى قاپلىدى. ئامما گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە گۈزەل يۇرت – ماكانىغا بولغان مۇھەببىتىنى پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى قەتئىي ھىمايە قىلىش، باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، زوراۋان – تېررورچىلارغا قارشى بىر سەپتە تۇرۇشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى، بىز چوقۇم تەستە قولغا كەلگەن بۇ نەتىجىلەرنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشىمىز، مۇستەھكەملىشىمىز ۋە يۈكسەلدۈرۈشىمىز كېرەك.

  مۇشۇ تۇپراقتا تۇغۇلۇپ، مۇشۇ زېمىندا چوڭ بولغان شىنجاڭلىق ھەم پارتىيە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ زېمىنغا چوڭقۇر مۇھەببىتىم بار، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنىڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ياشاش ۋە تەرەققىي قىلىشىمىزنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىمەن. سانسىز پاكىت ۋە قانلىق ساۋاقلار بىزنى شۇنداق ئاگاھلاندۇرىدىكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› دۆلەت ۋە خەلقنىڭ دۈشمىنى، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى، بىز چوقۇم ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلار، ئېغىز – بۇرۇن يالاشقانلار مەيلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن، خەلقنىڭ لەنىتىگە قالىدۇ ۋە قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

  پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇلۇغ پارتىيەمىزگە ۋە ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. ئىزچىل تۈردە شۇنى ئېنىق چۈشىنىپ يەتتىمكى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە گۈللەپ تەرەققىي قىلىشى بولمىسا، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلالمايدۇ؛ پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكى بولمىسا، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بولمايدۇ. شۇڭا بىز چوقۇم ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز ۋە ئۇلارنى پاش قىلىشىمىز، تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پوزىتسىيەدە كەسكىن، ھەرىكەتتە ئاكتىپ بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، ھالقىلىق پەيتتە دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  سىياسىي ئېڭىمنى ھەقىقىي كۈچەيتىمەن. سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەيمەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى قاتتىق چىڭىتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى كۈرەشتە باشتىن – ئاخىر بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم، تونۇشۇم بىرلىككە كەلگەن، تىلىم بىلەن دىلىم بىر، پوزىتسىيەم قەتئىي، قەدىمىم بىردەك بولىمەن.

  مۇقىملىق ئاساسىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختىلايمەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىچكى تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرىنچى سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ باشلامچىلىرىدىن، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر يۈرۈش بەنزە پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش، بىر يۈرۈش بەنزە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما – تەلىپى بويىچە ‹‹ئالتىنى چىڭ تۇتۇش››، ‹‹بەشنى باشقۇرۇش››، ‹‹تۆتنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››، ‹‹ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش››نى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئاتىمەن. مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى بوشاشتۇرماي دائىم چىڭ تۇتۇپ، خىراجەتكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، قابىل خادىملارنى تولۇقلاپ، جابدۇقلارنى تولۇق سەپلەپ، ئىنتىزام ئىجراسى مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىق قوغدايمەن. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ھەر ۋاقىت ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ‹‹بايراقدارى›› بولىمەن. ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، پارتىيەنىڭ مىللەت – دىن سىياسىتى، شىنجاڭنىڭ ‹‹ئۈچ تارىخ››ى قاتارلىقلارنى ئۆگىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي قوللىنىشقا كاپالەتلىك قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئائىلەمدىكىلەر، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىم ۋە ئەتراپىمدىكىلەرگە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق پەيدا قىلىدىغان جىنايى مەقسىتىنى ئېنىق تونۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئاممىنى ئالدايدىغان ۋە قايمۇقتۇرىدىغان ھىيلە – نەيرەڭلىرىنى ئېچىپ تاشلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ يالغان سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىپ، قۇدرەتلىك ئاكتىپ ئېنېرگىيە توپلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى