تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ھەق–ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن

  جىمىسار ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئايقىن دانىيار

  شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بىز ھەرمىللەت خەلق بىللە ياشايدىغان، بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ماكان. نۆۋەتتە مەن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرۇمنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل ئىستىل، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى ھەدەپ تەرغىب قىلىپ، تۈرلۈك سەپسەتىلەرنى توقۇپ، ‹‹غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ›› دېگەن بىمەنە سەپسەتىنى تەرغىب قىلىپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە كۈچەپ ئارازلىق سېلىپ، مىللىي قارشىلىشىشقا قۇترىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاپەت مەنبەسىگە ئايلاندى. ئۇلار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، بىگۇناھ ئاممىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، ئەشەددىي، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىل ئەپت – بەشىرىسى ۋە ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيەتكە قارشى ياۋۇز ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش كېرەك. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئۆسكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ھازىر ئامما يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك ۋە تۇرالغۇدىن غەم قىلمايدۇ، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشتىن، يەر تېرىسا، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. مەن تەنتەنىلىك ھالدا شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى ھەقىقىي تۈزىتىپ، پارتىيەلىك كادىرلار ئارىسىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمەن؛ سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى ۋە بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر ۋاقىت يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، دىققەتنى باشتىن – ئاخىر باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن؛ ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق، تەشەببۇسكار، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كۆزنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تۆھپە قوشىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تۇپرىقىنى يوقىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنىڭ چوڭقۇر ئەمەلىيلىشىشىگە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى