قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئەنشۇن-ليۇپەنشۈي تۆمۈر يولى دەيگاڭ كەنتى بۆلىكىدىكى ئەڭ چوڭ كۆۋرۈك (27-نويابىر فوتوسى).
شىنخۇا تورى: 12-دېكابىر، جۇڭگو تۆمۈر يول 5-ئىدارىسى گۇرۇھىدىكى قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسى ليۇجى ئالاھىدە رايونىدىكى دەيگاڭ چوڭ كۆۋرۈكى بىخەتەرلىك جازىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئورىكىگە ئۇزۇنلۇقى 32 مېتىر كېلىدىغان ساندۇقسىمان لىمنى ئورنىتىشىغا ئەگىشىپ، بۇ گۇرۇھ مەسئۇل بولغان، گۈيجۇدىكى تۇنجى شەھەرلەر ئارا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئەنشۇن-ليۇپەنشۈي تۆمۈر يولى 1-نومۇرلۇق بۆلىكىدىكى 332 ئورەككە ساندۇقسىمان لىم تۇرغۇزۇش ۋەزىپىسى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. ئىگىلىنىشىچە، ئەنشۇن-ليۇپەنشۈي تۆمۈر يولىغا جەمئىي 15 مىليارد 121 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قۇرۇلۇش تۈرى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ تۆمۈر يول قوش لىنىيەدە يولۇچى توشۇش مەخسۇس لىنىيەسى بولۇپ، پويىزنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن. لىنىيەنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 124 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىدا 2015-يىل 11-نويابىر قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 2019-يىلى قۇرۇلۇش تاماملىنىپ قاتناش باشلىنىش مۆلچەرلىۋېنىپتۇ.
(ليۇ شۈ فوتوسى)