تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

دورا ئالماشتۇرۇش قېتىم سانىنىڭ كۆپ بولۇشى يارا ئېغىزىنىڭ پۈتۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ

  بەزىلەر يارا ئېغىزىنىڭ بالدۇرراق پۈتۈشى ئۈچۈن، دورا ئالماشتۇرۇش قېتىم سانىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە زىيادە كۆپ دورا ئالماشتۇرۇش يارا ئېغىزىدىكى گۆش بىخى توقۇلمىسىغا زىيان سېلىپلا قالماستىن، بەلكى يارا ئېغىزى توقۇلمىلىرىنىڭ زىيادە كۆپ ئۆسۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ، يارا ئېغىزىنىڭ پۈتۈشىگە پايدىسىزدۇر.

  چۈنكى يارا ئېغىزى پۈتۈش جەريانىدا يارا ئېغىزىدا نېپىز پەردە شەكىللىنىپ، گۆش بىخى توقۇلمىلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىنى يېپىپ، قوغداش پەردىسىنىڭ رولىنى ئويناپ، گۆش بىخى توقۇلمىسىنىڭ نورمال ئۆسۈشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يارا ئېغىزىدىكى زەخىملەنگەن توقۇلمىلاردا يەنە بىر خىل ئالاھىدە توقۇلما ھاسىل بولىدۇ، بۇ ئالاھىدە توقۇلما ھەر خىل توقۇلمىلار ئېھتىياجلىق بولغان ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ يارا ئېغىزىنىڭ پۈتۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەگەر دورا ئالماشتۇرۇش قېتىم سانى زىيادە كۆپ بولسا، گۆش بىخى توقۇلمىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى قوغداش قەۋىتى تەستە شەكىللىنىپ، يارا ئېغىزىدىكى توقۇلمىلارنىڭ ئارام ئېلىشى ۋە قايتا ئۆسۈشىگە پايدىسىز بولىدۇ، يەنە يېڭىدىن شەكىللەنگەن گۆش بىخى توقۇلمىسى ۋە ئېپىتېلىيە توقۇلمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يارا ئېغىزىنىڭ نورمال پۈتۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق، دورا ئالماشتۇرۇش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئوخشاشلا يارا ئېغىزىنىڭ پۈتۈشىگە پايدىسىز بولىدۇ.

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى