تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   دېلو تەھلىلى

يولغا بۇغداي، قوناق يېيىشتىن قاتناش ۋەقەسى كېلىپ چىقسا، مەسئۇلىيەتنى كىم ئۈستىگە ئالىدۇ؟

  جاڭ دەن 2016– يىلى 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى كەچ سائەت سەككىزلەردە پىراۋىسىز موتوسىكلىت ھەيدىگەن ۋە كەينىگە خوتۇنى ليۇ فاڭنى مىندۈرىۋالغان. ئۇلار جىمىسار ناھىيەسىنىڭ چۇنزىگەي بازىرى خۇڭشەنزى كەنتىنىڭ مەلۇم ئاچال يول بۆلىكىگە كەلگەندە، جاڭ دەن ئالدىدىكى ئاپتوموبىلدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، چاڭ جىنىڭ يول بويىغا يېيىتىپ قويغان بۇغدىيىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ كەتكەن.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ليۇ فاڭ ئۆزىنىڭ يارىسىنى مۇنداقلا سۈرۈلۈپ كەتكەن، دەپ قاراپ، دېلو مەلۇم قىلمىغان. ئەتىسى بەدىنىدىكى نورمالسىزلىقنى بايقاپ دوختۇرغا كۆرۈنگەندە، سول قوۋۇرغىسى ئۇۋۇلۇش خاراكتېرلىك سۇنغان، دەپ دىياگنوز قويۇلغان، داۋالىنىشقا 80 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك چىقىم بولغان. ئەدلىيەلىك باھالاش ئورنى ئۇنىڭ زەخمىسىنى 10 – دەرىجىلىك مېيىپ دەپ بېكىتكەن. 2016 – يىلى 9 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ليۇ فاڭنىڭ قىزى ساقچىغا مەلۇم قىلغان، ساقچى ئورۇنلىرى قاتناش ھادىسىسى ئىسپاتى چىقىرىپ بەرگەن.

  كېيىن ليۇ فاڭ چاڭ جىدىن تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلغاندا، تەرەپلەر بىرلىككە كېلەلمەي، ليۇ فاڭ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. سوتتا چاڭ جى ئۆزىنى ئاقلاپ مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى سىرتتىكى ئاۋازنى ئاڭلاپ چىقسام، بۇغدىيىمىزنىڭ ئۈستىدە بىر موتوسىكلىت بىلەن ئىككەيلەن بار ئىكەن، ئەينى چاغدا مەن ئۇلارنىڭ يارىلانغانلىقىنى بايقىمىدىم.

  دېلو تەھلىلى: جىمىسار ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى ئايجامال مۇنداق دېدى: ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى››نىڭ 31 – ماددىسىدا: ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ يول ئىگىلەپ، قاتناشتىن باشقا پائالىيەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن؛ ‹‹ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يول قاتناش ھادىسىسى زىيان تۆلەم دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى››نىڭ 10 – ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: يولغا قاتناشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان نەرسىلەرنى دۆۋىلەپ قويۇش، يېيىپ قويۇشتەك قىلمىشتىن قاتناش ھادىسىسى كېلىپ چىقىپ زىيان كۆرۈلسە، دەۋاگەر قىلمىش سادىر قىلغۇچىدىن تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللايدۇ.

  ئايجامال مۇنداق دەپ قارىدى: چاڭ جىنىڭ يېزا يولىدا بۇغداي قۇرۇتۇش قىلمىشى قانۇندا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولۇپ، روشەن خاتالىق كۆرۈلگەن، مۇناسىپ جىسمانىي زىيان تۆلىمىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. جىمىسار ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ھادىسىسى ئىسپاتى ليۇ فاڭ بايان قىلغان يارىلانغان ۋاقىت، ئورۇن بىلەن چاڭ جى بايان قىلغان ۋاقىت ۋە ئورۇننىڭ بىردەكلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ. ليۇ فاڭنىڭ يارىلانغان ئورنى ۋە داۋالانغان ۋاقتى قاتناش ۋەقەسىنىڭ جەريانى بىلەن ماس كېلىدۇ، سوت مەھكىمىسى ۋەقەنىڭ باغلىنىشچانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چاڭ جى مۇناسىپ زىيان تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. جاڭ دەننىڭ پىراۋىسىز موتوسىكلىت ھەيدىشى مەزكۇر دېلودىكى قوشۇمچە سەۋەب ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا سوت مەھكىمىسى جاڭ دەننى %40 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا، چاڭ جىنى %60 مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ليۇ فاڭنىڭ تۈرلۈك چىقىملىرى ئۈچۈن 110 مىڭ يۈەن تۆلەشكە بۇيرىدى.(دېلودىكى كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلايلى» باش تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت، ھۆسىنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • گۈزەل سەيلىگاھ قۇمقاناس
  • ھەر مىللەت ئاھالە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى مۇجەسسەملىدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى