ئۆز خەۋىرىمىز: دۆلەت سەنئەت فوندىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى تەييارلىغان چوڭ تىپتىكى ئۇسسۇللۇق تىياتىر ‹‹ئەتلەس ھەققىدە ھېكايە›› 13-دېكابىر كەچ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ قوللىشى، دۆلەت سەنئەت فوندىنىڭ ياردىمى بىلەن 2016 – يىلىدىن باشلاپ بىر يىلدىن كۆپرەك كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىشى، مەخسۇس نەچچە قېتىم خوتەنگە بېرىپ ئەتلەسنىڭ تارىخى ۋە توقۇش جەريانلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، ئارتىسلارنىڭ بىر يىللىق جاپالىق مەشىق قىلىشى نەتىجىسىدە روياپقا چىققان. تىياتىردا ئەتلەس توقۇيدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقى، قايغۇلىرى، بىر جۈپ ئىشچان قولىغا تايىنىپ، ئەقىل – پاراسىتى بىلەن گۈزەل تۇرمۇش ياراتقانلىقىدەك تۇرمۇش كارتىنىسى ئۇسسۇل سەنئىتى ئارقىلىق نامايان قىلىنغان، شىنجاڭنىڭ ناخشا – ئۇسسۇل جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىلىپ، چىنلىق، مېھىر – شەپقەت، گۈزەللىكنىڭ نامايەندىسى بولغان «ئەتلەس»تىن ئىبارەت جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىكى ئېسىل مىراس مەملىكەت خەلقىگە تونۇشتۇرۇلغان. جۇڭگو ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، داڭلىق ئۇسسۇلچى دىلنار ئابدۇللا بۇ ئۇسسۇللۇق تىياتىرنىڭ سەنئەت يېتەكچىسى بولغان، سېنارىيەسىنى ‹‹لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى››غا ئېرىشكەن داڭلىق يازغۇچى شېن ۋېي يازغان، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكى ئىجادىيەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مېھرىئاي ئىبراھىم باش رېژىسسور بولغان.