تىيانشان تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ئۇچۇرلىرى

ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى ‹‹مەسىلە بار قانۇن – نىزام››لارنى قانداق تەكشۈرۈپ تۈزىتىدۇ؟

 ـــــ دۆلەت ‹‹ئاساسىي قانۇن كۈنى››دە قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىش خىزمىتىگە نەزەر

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېن فېي ياڭ ۋېيخەن شيوڭ فېڭ

 ئوخشىمىغان قاتلاملاردا چىقىرىلغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە بېكىتىلگەن يەرلىكنىڭ داڭلىق ماركىلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ قوغداش، قوشۇمچە شەرت بىلەن قولغا ئېلىش... دېگەندەك بەلگىلىمىلەر ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ روھى ياكى بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەي، جامائەتنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رويخەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش تەرتىپىگە ئاساسەن ‹‹مەسىلە›› ساقلانغان بۇ بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىشنى ‹‹توختاتتى››.

  قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى رويخەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئاساسىي قانۇن خەلق قۇرۇلتىيىغا يۈكلىگەن مۇھىم نازارەت قىلىش خىزمەت ھوقۇقى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ قانۇن – تۈزۈم بىرلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىردۇر. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن – تۈزۈم خىزمىتى كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى رويخەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ‹‹مەسىلە بار قانۇن – نىزام››لار تۈزىتىلىپ ۋە بىكار قىلىنىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن – تۈزۈم بىرلىكى ئۈنۈملىك قوغدالغان.

  4 – قېتىملىق ‹‹ئاساسىي قانۇن كۈنى››نى ئۇزىتىپ قويۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە قائىدە خاراكتېرلىك بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، قانۇن چىقىرىشقا نازارەت قىلىشقا قاتنىشىپ باقايلى.

  مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش: قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە قانۇن – نىزاملاردىن ھالقىپ بەلگىلىمە چىقىرىشقا بولمايدۇ

  ئادۋوكات مياۋ يۇڭجۈن ئۆزى يازغان خەت سەۋەبىدىن ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگىنىنىڭ رويخەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش تەرتىپىنىڭ قوزغىتىلغانلىقىنى، يولغا قويۇلغىنىغا كۆپ يىل بولغان ‹‹قوشۇمچە شەرت بىلەن قولغا ئېلىش›› تۈزۈمىنىڭ ئىجرا قىلىشتىن توختىتىلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ پاش قىلىش خېتىنى يازغانلىقىم ئۆمرۈمدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىش بولدى.

  ئۈچ يىل بۇرۇن مياۋ يۇڭجۈن بىر جىنايى ئىشلار دېلوسىنى ئاقلاش جەريانىدا، تەپتىش ئورگانلىرى يولغا قويغان ‹‹قوشۇمچە شەرت بىلەن قولغا ئېلىش›› بەلگىلىمىسىنىڭ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈش خاراكتېرىدىكى ھۆججىتى ئىكەنلىكىنى، لېكىن جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدا بۇنداق بەلگىلىمىنىڭ يوقلىقىنى بايقىغان. مياۋ يۇڭجۈن بىزگە مۇنداق دېدى: مەن شۇ چاغدا بۇ ھۆججەتتە ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ مەسىلە بارمۇ قانداق؟ دەپ ئويلىدىم.

  مياۋ يۇڭجۈن ئەسلىي يازغان خېتىم سۇغا چۈشكەن تاشتەك يوقاپ كېتىشى مۇمكىن، دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن قانۇن – تۈزۈم خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى قىسقا ۋاقىتتا تەكشۈرۈش تەرتىپىنى قوزغايدىغانلىقىنى ئويلىمىغانىدى. قانۇن – تۈزۈم خىزمىتى كومىتېتى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پىكرىنى يوللىغاندىن كېيىن، ‹‹قوشۇمچە شەرت بىلەن قولغا ئېلىش›› ئاخىرى ئىجرا قىلىشتىن توختىتىلدى.

  بۇ پەقەت قانۇن – تۈزۈم خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ‹‹مەسىلە بار قانۇن – نىزام››لارنى رويخەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۈزەتكەن تىپىك مىساللىرىنىڭ بىرى. 2013 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە بولغان بەش يىلدا قانۇن – تۈزۈم خىزمىتى كومىتېتى 121 مەمۇرىي قانۇن – نىزام ۋە 125 ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرگەن، پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار ئوتتۇرىغا قويغان 1496 پارچە تەكشۈرۈش تەكلىپىنى مەجبۇرىي تەكشۈرگەن ھەم يەرلىك خاراكتېرلىك 1000دىن ئارتۇق قانۇن – نىزامنى نۇقتىلىق ھالدا مەخسۇس تۈر بويىچە تەكشۈرۈپ مۇھاكىمە قىلغان.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن – تۈزۈم خىزمىتى كومىتېتى قانۇن – نىزاملارنى رويخەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لياڭ يىڭ مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە مەمۇرىي قانۇن – نىزاملار، يەرلىك قانۇن – نىزاملار، ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈش قاتارلىق قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى بېكىتىش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز قېلىپلاشقان، سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن بولسىمۇ، لېكىن قانۇن چىقىرىش ھوقۇق چەكلىمىسىدىن ھالقىش، بېقىندۇرغۇچى قانۇننىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئېشىپ كېتىشتەك ئەھۋاللار بەزىدە يەنىلا كۆرۈلمەكتە.

  لياڭ يىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بەزىلەر ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە ئەمەسلىكى ئېنىق بولغان ئىشلارغىمۇ بەلگىلىمە چىقارغان؛ بەزىلەر مەمۇرىي ئىجازەت، مەمۇرىي جازا، مەمۇرىي مەجبۇرلاشلارنى كۆپەيتكەن ۋە ئۆزگەرتكەن، قانۇندىن ھالقىپ بەلگىلىمە چىقىرىش ئەھۋاللىرى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت؛ بەزىلەر پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ئازايتقان، مەجبۇرىيىتىنى كۆپەيتكەن ياكى تارماقلارنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئازايتقان؛ بەزىلەر قانۇندا تۈزىتىلگىنىگە ئاساسەن ۋاقتىدا ئېنىقلىمىغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بىلەن بىردەك بولمىغان. يەنە بەزى جايلار ‹‹ھەيران قالغۇدەك قانۇن – نىزاملار››نى چىقىرىپ، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى خۇنۈكلەشتۈرگەن.

  جۇڭگو سىياسىي – قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما خۇەيدې مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزدە بىر مەنبەلىك، كۆپ قۇتۇبلۇق قانۇن چىقىرىلىدۇ، قانۇننى بېكىتىش جەريانىدا ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا زىت ۋە بىردەك بولمايدىغان جايلار بولۇشى مۇمكىن. دۆلىتىمىز قانۇن – تۈزۈملىرىنىڭ بىرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، چوقۇم مۇكەممەل بولغان رويخەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كېرەك.جۇڭگو سىياسىي – قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جياۋ خۇڭچاڭ مۇنداق دېدى: قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى بېكىتىش جەريانىدا، ئۇنىڭغا قانۇندىن ھالقىپ بەلگىلىمە قوشۇشقا بولمايدۇ، ئەگەر بۇنداق قىلغاندا جەمئىيەتتە ئىنتايىن زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ، چوقۇم بېكىتىشتىن بۇرۇن ۋە چىقارغاندىن كېيىن تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. رويخەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنىڭ تەدرىجىي ئاشكارا بولۇشىغا ئەگىشىپ، جامائەتچىلىكنىڭ قانۇن چىقىرىشقا نازارەت قىلىش ئاكتىپلىقىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى، تەكشۈرۈش تەكلىپىنى قويغانلارنىڭ سانىمۇ تەدرىجىي كۆپەيدى، ئۇلار ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا خىلاپ قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تۈزىتىش ۋە بىكار قىلىش جەريانىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

  ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2013 – يىلىدىن 2017 – يىلىغىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پۇقرالار، تەشكىلاتلارنىڭ قانۇن – تۈزۈمنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپىدىن 1496نى تاپشۇرۇۋالغان. بۇ تەكلىپلەر چېتىلغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ بەزىلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار، بەزىلىرىنى تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇنلار بېكىتكەن. مەزمۇنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، ئەدلىيە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قانۇن – تۈزۈم خىزمىتى كومىتېتى تاپشۇرۇپ ئالغان تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى بىر – بىرلەپ ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بېكىتكەن ئورگانلارنى ماتېرىيال ئارقىلىق خەۋەرلەندۈرۈش ھەم پىكىر ئېلىش، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئېلىش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بەرگۈچىلەرگە يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ تۈزىتىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكەن.

  لياڭ يىڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن – تۈزۈم خىزمىتى كومىتېتى خىزمەت مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش قانۇنى، نازارەتچىلىك قانۇنىدا پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلارغا بېرىلگەن قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردىكى ئاساسىي قانۇن، قانۇنلارغا خىلاپ مەزمۇنلارنى تەكشۈرۈش تەكلىپىنى بېرىش ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ھەقىقىي قاتتىق تەدبىر قوللىنىش: ھۆججەتلەرنى جەزمەن ساقلاش، ساقلىغان ھۆججەتنى جەزمەن تەكشۈرۈش، خاتالىقنى جەزمەن تۈزىتىش

  دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە، بولۇپمۇ رايون تەسىس قىلىنغان شەھەرلەرگە يەرلىك قانۇن چىقىرىش ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، دۆلىتىمىزدە قانۇن چىقىرىش سۇبيېكتلىرىنىڭ سانى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، يەرلىك قانۇن – نىزاملارنىڭ سانىمۇ زور دەرىجىدە كۆپىيىدۇ، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تېخىمۇ زور خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا: ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشنى تەكشۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش كېرەك، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن – تۈزۈم خىزمىتى كومىتېتى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن رويخەتكە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، قانۇن چىقىرىش قانۇنى، نازارەتچىلىك قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، رويخەتكە ئېلىش قانۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى چىڭىتىپ، خەت – ئالاقە ئارقىلىق مەسلىھەت سوراش، سۆھبەتلىشىش، خەۋەرلەندۈرۈش، تۈزىتىش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ مۇكەممەللەشتۈرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېلېكتىرونلۇق رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئورگانلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا، تولۇق قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، رويخەتكە ئالدۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى