تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

نىلقا ناھىيەسىدىكى 609 نامرات ئائىلە پايچىك بولغاننىڭ پايدىسىنى كۆردى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نەبىجان ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ: نىلقا ناھىيەسىنىڭ قارا سۇ يېزىسى كىچىك قارا سۇ كەنتىدىكى 114 نامرات ئائىلە 11 – ئاينىڭ 22 – كۈنى شىنجاڭ ‹‹تيەنيۈەن›› ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 342 مىڭ يۈەن پايدىسىغا ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن بۇ يېزىدىكى 609 نامرات ئائىلە كارخانا پايچىكى بولغان يەتتە ئايدىلا 1 مىليون 827 مىڭ يۈەن پايدىغا ئېرىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش قەدىمىنى تېزلەتتى.

  نىلقا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى مۇرات بايغوجا شۇ كۈنى شىنجاڭ ‹‹تيەنيۈەن›› ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 609 نامرات ئائىلىگە پايدا بۆلۈپ بېرىش نەق مەيدانىغا بېرىپ، كارخانا ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە نەق پۇلنى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ، ناھىيەمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىغا كىرگەندىن بۇيان ئاممىغا قىلىپ بەرگەن ئەمەلىي ئىشىمىز.

  كىچىك قارا سۇ كەنتىدىكى ۋۇ جيەنپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن ‹‹تيەنيۈەن›› شىركىتى بىزگە 3000 يۈەندىن پايدا تارقىتىپ بەردى. بۇ 3000 يۈەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىز پۇقرالارغا قىلغان غەمخورلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئېرىم ئىككىمىز تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئالىمىز، 30 مو تېرىلغۇ يېرىمىز بار، ھازىر تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

  نىلقا ناھىيەسى 1986 – يىلى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە بولۇپ بېكىتىلگەنىدى. بۇ يىل بۇ ناھىيەدىكى 7595 نامرات ئائىلە، 29 مىڭ 57 نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بۇ ناھىيەنىڭ ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئايلاندى. ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇ يىل ‹‹ھۆكۈمەت +باشلامچى كارخانا+نامرات ئائىلە›› يۆلەش ئەندىزىسىنى يولغا قويدى. ‹‹تيەنيۈەن›› شىركىتى بۇ يىل 5 – ئاينىڭ بېشىدا قارا سۇ يېزىسىنىڭ سەككىز كەنتىدىكى 609 نامرات ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى.

  قارا سۇ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇڭ شىدې مۇنداق دېدى: بۇ شىركەت 10 مىڭ يۈەن قەرز پۇل بىلەن پايچىك بولغان ھەربىر ئائىلىگە ئالدىنقى ئۈچ يىلدا 3000 يۈەندىن پايدا ئايرىشنى بېكىتتى ھەم پايچىك بولغان دېھقان – چارۋىچىلارنى 100دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى