تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: بۇ يىل قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ناھىيەلىك، شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىلىرى تەۋەلىكىدىكى 470 تىن كۆپرەك مىكرو، كىچىك كارخانا تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك 5 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تاپاۋەت بېجىنى كېمەيتىپ ئېلىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ باج ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش نىسبىتىنى %100كە يەتكۈزدى.
ۋىلايەتلىك يەرلىك باج ئىدارىسى بۇ يىل مەۋقەنى مىكرو، كىچىك كارخانىلارغا قارىتىلغان باجدىكى ئېتىبار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە مەدەت بېرىشكە قارىتىپ، ناھىيەلىك، شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىلىرىنىڭ سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، ئىجرا قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا قارىتا نازارەتچىلىك تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى. ناھىيەلىك، شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىلىرى مۇھىت ئاسراش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يېزا ئىگىلىكىنى جانلاندۇرۇش ساھەلىرىگە چېتىشلىق مۇلازىمەتچىلىك، توقۇمىچىلىق تىپىدىكى مىكرو، كىچىك كارخانىلارنىڭ بوغالتىرلىق ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەم بېرىش ۋە باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئەتراپلىق تەشۋىق قىلىش، ئىجرا قىلىش مۇلازىمەت سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ باجنى توغرا ھېسابلاش، ئۆز قەرەلىدە مەلۇم قىلىش، ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش تونۇشىنى ئۆستۈردى. باج كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشتا قانۇننى ئۆلچەم قىلىش، سىياسەتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇردى ھەم تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپلىرىنى ئاددىيلاشتۇردى. نەتىجىدە، يىل بېشىدىن ھازىرغىچە ۋىلايەت بويىچە 471 مىكرو، كىچىك كارخانىنى 5 مىليون 245 مىڭ يۈەن كارخانا تاپاۋەت بېجىنى كېمەيتىپ ئېلىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.