ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنى 29–قېتىملىق ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇردى
مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ 2017 – يىللىق 29 – قېتىملىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۆگىنىشتە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ھۆججىتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە سىياسىي ئاڭلىقلىقنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال ئۆزگەرتىشكە كۈچىشى كېرەك. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشى جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، سەۋەبىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى ۋە چارىسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ، ياخشى ئىستىل بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەنگۇڭتىڭ خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، سەۋىيەسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. تۈزۈم ئارقىلىق چەكلەشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم ئىجراسىنى ياخشى تۇتۇپ، تۈزۈمنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، قائىدە – ئىنتىزامغا بويسۇنۇشنى ھەر بىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىغا قويۇلغان تەلەپلەرنى ھەقىقىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى ئىستىل بىلەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.