تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى

  يۈ جېڭشېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن نەنجىڭدا داغدۇغىلىق ھالدا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى سادىر قىلغان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. خاتىرە سارىيىنىڭ مەيدانى جىددىي ھەم سۈرلۈك تۈس ئالغان بولۇپ، دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلگەنىدى. مەيداننىڭ غەربىدىكى قارامتۇل كۈل رەڭ زور ‹‹كۈلپەت تېمى››دا ‹‹نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى›› دېگەن ئاق رەڭلىك خەت كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. ھەر ساھەدىن كەلگەن 10 مىڭغا يېقىن ۋەكىل مەيدىسىگە ئاق گۈل تاقاپ، سۈكۈتتە تۇردى.

  سائەت 9دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مۇراسىم نەق مەيدانىغا كېلىپ، ھەر ساھە ۋەكىللىرىدىن تۈزۈلگەن چاسا سەپنىڭ ئالدىدا تۇردى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۈچ خىل ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلىنىڭ 18 ئەسكىرى مىلتىقنى مۈرىسىگە ئېلىپ، تەكشى قەدەم بىلەن دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش سۇپىسىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئۆتۈپ ھۆرمەتتە تۇردى.

  سائەت 10دا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى باشلاندى. ھەربىي ئوركېستىر ‹‹پىدائىيلار مارشى››نى ئورۇنلىدى. پۈتۈن مەيداندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى، دۆلەت شېئىرى ساداسى پەلەككە يەتتى. دۆلەت شېئىرى ئورۇنلىنىپ بولغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى نەق مەيدانى ۋە پۈتۈن نەنجىڭ شەھىرىدە ھاۋا مۇداپىئە گۈدۈكى چېلىندى، ئاپتوموبىل، پويىز، پاراخوتلارمۇ تەڭلا گۈدۈك چالدى، پىيادىلەر جايىدا توختاپ سۈكۈتتە تۇردى.

  سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھەربىي ئوركېستىر ‹‹دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇزىكىسى››نى ئورۇنلىدى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ خىل ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى سەككىز گۈلچەمبىرەكنى كۆتۈرۈپ، ئاستا قەدەم بىلەن تەزىيە بىلدۈرۈش سۇپىسىغا چىقىپ، ‹‹كۈلپەت تېمى››نىڭ ئالدىغا گۈلچەمبىرەكلەرنى قويدى. نەنجىڭ شەھىرىدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ 80 ۋەكىلى ‹‹تىنچلىق خىتابنامىسى››نى ئوقۇدى.

  ئارقىدىن يۈ جېڭشېڭ سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز بۈگۈن داغدۇغىلىق ھالدا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز، مەقسىتىمىز نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارنى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلارنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە مىللىي قەھرىمانلارنى، جۇڭگو خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا ھاياتىنى تەقدىم قىلغان خەلقئارادىكى جەڭچىلەر ۋە دوستلارنى ياد ئېتىش، جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى يارىتىش قەتئىي مەيدانىنى جاكارلاپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتەك ئالىيجاناب ئارزۇسىنى دەبدەبىلىك ئىپادىلەش ئۈچۈندۇر.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخنى توغرا تونۇغاندىلا كەلگۈسىنى تېخىمۇ ياخشى ياراتقىلى بولىدۇ. ئۇرۇش بىر ئەينەك، ئۇ كىشىلەرگە تىنچلىقنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇتىدۇ. ياپونىيە مىلىتارىستلىرى قوزغىغان جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى جۇڭگو خەلقىگە غايەت زور بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا ياپونىيە خەلقىگىمۇ زور زىيان ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن ياپونىيە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن تىنچلىقنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن ئورتاق تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تىنچلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە، كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە تارىخقا سەمىمىي يۈزلىنىشىگە موھتاج. تىنچلىق ئۈچۈن، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ب د ت نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى يادرو قىلغان خەلقئارا تەرتىپ ۋە خەلقئارا سىستېمىنى بىرلىكتە قوغداپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو خەلقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن بەكرەك يېقىنلاشتى، شۇنداقلا ئۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن كۈچلۈك ئىشەنچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگە. يېڭى مۇساپىدە جۇڭگو خەلقى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش يارىتىدۇ. جۇڭگو خەلقى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى بىلەن بىللە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىدۇ.

  يۈ جېڭشېڭنىڭ سۆزى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، نەنجىڭ شەھىرىدىكى ھەرساھەنىڭ ئالتە ۋەكىلى ‹‹تىنچلىق چوڭ قوڭغۇرىقى››نى ئۈچ قېتىم چالدى. مۇڭلۇق قوڭغۇراق ئاۋازىغا ئەگىشىپ، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان 300 مىڭ كىشىنى چوڭقۇر ياد ئېتىشكە ۋە جۇڭخۇا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۇلۇغۋار غايە ۋە ئىرادىگە سىمۋول قىلىنغان 3000 تىنچلىق كەپتىرى كۆككە كۆتۈرۈلدى.

  دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ خاتىرە سارىيىنىڭ كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، ‹‹نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى تارىخىي پاكىتلار كۆرگەزمىسى››نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئېكسكۇرسىيە ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئىمزا قويۇش دەپتىرىگە تەمكىنلىك بىلەن ئىمزا قويدى.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئامان قالغانلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان خەلقئارادىكى دوستلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، ليۇ يەندۇڭ، شۈ چىلياڭ، جى بىڭشۈەن يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  خۇاڭ كۇنمىڭ دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر ۋە پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ۋەكىللىرى، مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە تارماقلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار، شەرقىي ئۇرۇش رايونى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، نەنجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، پارتىيە – گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋەكىللىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان خەلقئارادىكى دوستلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ جۇڭگو ئۇرۇش رايونى ۋە ياپونىيە فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ئامان قالغانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  80 يىلنىڭ ئالدىدىكى 1937 – يىلى 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى نەنجىڭغا بېسىپ كىرىپ، قېرىنداشلىرىمىزنى 40 نەچچە كۈن ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلىپ، 300 مىڭ كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تارىخىدا ئەڭ زۇلمەتلىك بىر بەت قالدۇردى. 2014 – يىلى 2 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 – يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، قانۇن چىقىرىش شەكلىدە 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى