تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر تەلىپىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

   شى جىنپىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجۇ شەھىرىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋر تەلىپىنى چىڭ ئىگىلەپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجۇ شەھىرىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن كېيىن شۈجۇ قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى گۇرۇھى ئېغىر تىپتىكى ماشىنا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، تېخنىكا ماھىرلىرى قاتارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي يوقلاپ، ئۇلارنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشىدە كارامىتىنى كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، جياڭسۇ شۈجۇ، 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجۇ شەھىرىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. جايلار، تارماقلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ پۇختا ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى تەلىپىنى چىڭ ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  قىشتىكى شىمالىي جياڭسۇدا ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، يەنىلا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ چىنجيەن، ئۆلكە باشلىقى ۋۇ جېڭلۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا شۈجۇ شەھىرىدە كارخانىغا، يېزىغا، ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىغا بېرىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى ۋە ھازىرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى بېيجىڭدىن شۈجۇغا كەلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن شۈجۇ قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى گۇرۇھى ئېغىر تىپتىكى ماشىنا چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. شۈجۇ قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى گۇرۇھىنىڭ ئاساسى 1943 – يىلى قۇرۇلغان 8 – ئارمىيە جەنۇبىي شەندۇڭ 8 – قورال – ياراغ زاۋۇتى بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان كۆپ خىل ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلىرى بازاردا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈپ، دۇنيا مىقياسىدا سېتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەتنىڭ ئەقلىي ياسىمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ھەم ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. شى جىنپىڭ كۆرگەزمە تاختىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش، تەرەققىيات، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش، خەلقئارا ھەمكارلىق، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، كارخانىنىڭ قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت كارخانىلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئاساسى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادنىڭ ‹‹تۈۋرۈكى››. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىگىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى تايانچ كۈچكە، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشىدىكى مۇھىم تۈۋرۈك ۋە تايانچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ شىركەتنىڭ كىران تەگلىكىنى قۇراشتۇرۇش سېخىغا كېلىپ، ئەقلىي ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئەقلىي چىڭىتىش سىستېمىسى، رەقەملەشكەن قۇراشتۇرۇش تېخنىكىسى ۋە يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان ھەممىباب كىراننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش تەرتىپى ۋە تېخنىكىلىق مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئىگىلىدى، سانائەت ئالاقە تورى چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنىڭ مەشغۇلاتىنى كۆردى، كارخانىنىڭ ياسىمىچىلىقنى مۇلازىمەتلەشتۈرۈش ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق يىراقتىن مۇلازىمەت قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، نەق مەيداندىكى ئىشچىلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. ئۇ يەنە قىزىقىش ئىلكىدە شىركەت پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان XCA220 تىپلىق ھەممىباب چاقلىق كىراننىڭ كابىنكىسىغا چىقىپ، تېخنىك خادىمدىن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەپسىلاتى ۋە مەشغۇلات تەرتىپىنى تەپسىلىي سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىشقا باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تۇتۇشتا جەزمەن ياسىمىچىلىقنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. جابدۇق ياسىمىچىلىقى ياسىمىچىلىقنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، دۇنياۋى ئۈستۈنلۈكنى تىرىشىپ يارىتىپ، تېخنىكا جەھەتتىكى سۆز ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، ئېلىمىزنى زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىقى چوڭ دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش كارخانىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ مەنبەسى، نۇرغۇن يادرولۇق تېخنىكىنى ئىزدەپ تاپقىلى، سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتىنى، ئۈنۈمىنى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى زور تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹جۇڭگودا ياسالدى››نىڭ ‹‹جۇڭگودا ئىجاد قىلىندى››غا، جۇڭگو سۈرئىتىنىڭ جۇڭگو سۈپىتىگە، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تاۋار ماركىسىغا ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن ئىشەنچ، سەۋرچانلىق، ئىرادە بىلەن ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنىغا ئايلىنىپ، خەلقئارا ئۆلچەمنى كۆزلەپ، تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىز كەسىپلىرىنىڭ دۇنيا قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇراھال، يۇقىرى سەۋىيەسىگە يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شى جىنپىڭ شۈجۇ قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى گۇرۇھىنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى سېپىنى كۆزلەپ، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ياخشى ئەندىزىسى، ياخشى تەجرىبىسى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىشكە رىغبەتلەندۈردى.

  سېخنىڭ سىرتىدىكى مەيدانغا شىركەت ئىشلەپچىقارغان كىران، يەر چىڭداش ماشىنىسى، يۆتكەش – توشۇش ماشىنىسى، يول ياساش ماشىنىسى، قوزۇق قېقىش ماشىنىسى قاتارلىق ئون نەچچە قۇرۇلۇش ماشىنىسى رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، تاغلىق جايلاردا ئىشلىتىلىدىغان قېزىش ماشىنىسى مەشغۇلات قىلىپ ئۈلگە كۆرسەتتى. شى جىنپىڭ ئەستايىدىل كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كارخانىنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تېخىمۇ زور بازار ئېچىپ، تېخىمۇ زور رول ئويناپ، تېخىمۇ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ مەيداندا شىركەتنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، تېخنىكا ماھىرلىرى قاتارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي يوقلىدى. ئۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرگە مۇنداق دېدى: شۈجۇ قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى گۇرۇھى شەرەپلىك تارىخقا ئىگە، كېلەچىكى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. ئېلىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشقا يۈزلەندى، بۇ جەزمەن ئۆتۈشكە تېگىشلىك ئۆتكەل، ھەربىر كەسىپ، ھەربىر كارخانا مۇشۇ يۆنىلىشكە قاراپ قەتئىي ئىلگىرىلىشى كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلەپ بېرىلدى، ئەمگەك مېۋىسىدە ھەممەيلەننىڭ ئۈلۈشى بار، مەسئۇلىيەتنىمۇ ھەممەيلەن تەڭ ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرى يېڭى دەۋردىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، پىداكارلىق بىلەن تۆھپە قوشۇپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشىدە كارامىتىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ شۈجۇ قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى گۇرۇھىدىن ئايرىلىپ، ئاپتوموبىل بىلەن شۈجۇ شەھىرى جياۋاڭ رايونىغا بېرىپ، كۆمۈر قېزىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن پەنئەن رايونىنى تۈزەش قۇرۇلۇشىدىكى شېننۇڭ پىرىستانىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىلگىرى كۆمۈر قېزىپ ئولتۇرۇشۇپ قاقاسلىشىپ كەتكەن بۇ رايون ھازىر ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، مەنزىرە بەرپا قىلىش ئارقىلىق كۆللىرى سۇغا تولغان، تېرەك ۋە تاللار بۈك – باراقسان ئۆسكەن سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونىغا ئايلانغانىدى. شى جىنپىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوننى تۈزەش ۋە بايلىقى تۈگىگەن شەھەرنى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆل بويىغا پىيادە بېرىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ يېڭى قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: بايلىقى تۈگىگەن رايوننى ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش چوڭ ئىش، ئەمەلىيەت بۇ ئىشنى تامامەن ياخشى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، بۇنىڭ ئاچقۇچى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش راۋاجلانغان، تۇرمۇش باياشات، ئېكولوگىيەسى ياخشى مەدەنىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشتا. كۆمۈر قېزىپ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوننى تۈزەشتىكى پايدىلىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  ئارقىدىن شى جىنپىڭ يېقىن ئەتراپتىكى پەنئەن كۆلى كوچىسىدىكى ماجۇاڭ كەنتىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ كەنت تارىخى سارىيىدا سۈرەت، ماتېرىيال، ئەمەلىي بۇيۇملارنى كۆرۈپ، بۇ كەنتنىڭ نوقۇل ھالدا كۆمۈرگىلا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىشنى كۆپ خىل كەسىپنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇشقا ئۆزگەرتىش تەجرىبىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مۇنداق دېدى: خاس كەسىپ، خاس ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ـــ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، بۇنىڭدا ھەر يەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرۈپ، پىلانلاش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. شى جىنپىڭ پارتىيە ئەزالىرى پائالىيەت ئۆيىدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىۋاتقان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئاڭلىدى، ئۆگىنىش خاتىرىسىنى كۆردى، ئۇلاردىن ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتىنى، قانداق تەكلىپ – پىكرى بارلىقىنى سورىدى، ئۇلارنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش داۋامىدا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى يېزىلاردىكى ھەرقايسى تەشكىلات ۋە تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، سەپەرۋەر قىلىدىغان، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ كەنتنىڭ خۇش پۇراق تۈگۈچ تەييارلاش ئۆيىدە كەنت ئاھالىسى تەييارلىغان ھەر خىل خۇش پۇراق تۈگۈچلەرنى كۆردى. 80 ياشلىق كەنت ئاھالىسى ۋاڭ شيۇيىڭ باش شۇجىغا: مەن جۇڭيى دورىسى بىلەن تەييارلىغان خۇش پۇراق تۈگۈچ ناھايىتى ياخشى سېتىلىۋاتىدۇ، يىلدا 200 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىمەن، دېدى. شى جىنپىڭ خۇش پۇراق تۈگۈچنى قولىغا ئېلىپ، ئۇنىڭ قول ھۈنىرىنى ماختىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ، خۇش پۇراق تۈگۈچتىن بىرنى سېتىۋالدى ھەم كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: مەنمۇ ئىشلىتىپ باقاي، دېدى.

  كەنت ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئۆيىدە ئىش بېجىرىشكە كەلگەن ئامما سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سۇپىسىدىن كەنت ئىشلىرى ئۇچۇرىنى ئىگىلەۋاتاتتى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتى، ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا ئۇچۇر ئاشكارىلاش مەشغۇلاتىنى كۆردى، كومپيۇتېردا كەنت ئاھالىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈش تەرتىپىنى ئىگىلىدى، يەرلىك كادىرلارغا كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ۋە ئۇچۇر مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىشنى جەزمەن ياخشى قىلىپ، سانلىق مەلۇماتنى كۆپرەك يەتكۈزۈپ، ئاممىنى ئازراق قاترىتىشنى تاپىلىدى. كەنت مەدەنىيەت زالىدا شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىلىرىدىن تەشكىللەنگەن سەنئەتچىلەر تەييارلىغان پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش قوشىقىنى ئاڭلاپ، ياخشى تەييارلاپسىلەر، ياخشى ئورۇنلىدىڭلار، دەپ ماختىدى، ئۇلارنى كەنت ئاھالىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ناھايىتى مۇھىم، ماددىنىڭ روھقا، روھنىڭ ماددىغا ئايلىنىشى دىيالېكتىكىلىق نۇقتىئىنەزەر، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى تەڭ تۇتۇش، بولۇپمۇ دېھقانلارنىڭ روھىي قىياپىتىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ماجۇاڭ كەنتىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ يېتىپ كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى تەڭلا باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ ساغلام، بەختلىك بولۇشىنى، كۈنلىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشى ئۆتۈشىنى تىلىدى. چاۋاك، كۈلكە ئاۋازى ئۇزاققىچە ئۈزۈلمىدى.

  شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن كېيىن شۈجۇدىكى فېڭخۇاڭشەن تېغىنىڭ شەرقى ئېتىكىگە كېلىپ، خۇەيخەي ئۇرۇشى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، خۇەيخەي ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. خۇەيخەي ئۇرۇشى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم ئۇرۇش بولۇپ، پۈتۈن جۇڭگونى ئازاد قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىنىڭ ئالدىدا شى جىنپىڭ خۇەيخەي ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى ھەم ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى. خاتىرە سارىيىدا شى جىنپىڭ ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ۋەزىيەت، ئۇرۇش قىلىش، خەلق ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش قاتارلىق بۆلەكلەرنى نۇقتىلىق ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلىغاچ، ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى سورىدى، ئارىلاپ توختاپ، سىنچىلاپ قاراپ، پۈتۈن دىققىتى بىلەن تەپەككۇر قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىزنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىشىمىز ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۇلار ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بەدىلىگە ئاچقان يولدا بوشاشماي كۈرەش قىلىش، مەڭگۈ كۈرەش قىلىش ئۈچۈندۇر. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خۇەيخەي ئۇرۇشى بىزگە شۇنداق چوڭقۇر ئىلھام بېرىدۇكى، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇش قورال – ياراغ ۋە ئەسكىرىي كۈچكىلا باغلىق بولۇشى ناتايىن، قىسىمنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىشى، قوماندان ۋە جەڭچىلەرنىڭ ئىشەنچى ۋە جاسارىتى، خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ھەمىشە تېخىمۇ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. بىز خەلق ئارمىيەسىنىڭ قىزىل گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، روھلۇق، ئىقتىدارلىق، جىگەرلىك، ئەخلاقلىق يېڭى دەۋر ئىنقىلابىي ھەربىيلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلىشىمىز كېرەك. پارتىيەمىز ۋە خەلق ئارمىيەسىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ھەم تارىخىي تەجرىبىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ ۋە مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.