تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە قىسمەن يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنىڭ باھاسى قىشلىق كۆكتاتلاردىن ئەرزان بولدى

  بەرەڭگىمۇ بۇلتۇرقىدىن 0.5 يۈەن ئەرزان بولدى

  ئاسىيا مەركىزى تورى خەۋىرى: بېييۈەنچۈن (گورۇھى) شىركىتى ئۇچۇر تېخنىكا بۆلۈمى نازارەت قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە بەرەڭگىنىڭ ھەر بىر كىلوگىرامىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 2.00 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن 0.5 يۈەن ئەرزان بولغان.

  ئۈرۈمچى بازىرىنى تەمىنلەيدىغان بەرەڭگە گۇچۇڭ، جىمسار ناھىيەسى ھەمدە ئۈرۈمچى شەھىرى ئەتراپىدىكى شىسەن دېھقانچىلىق مەيدانى، يۇقارقى تاغ قاتارلىق جايلاردىن كىرگۈزۈلىدىكەن. يىللاردىكى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا، بەرەڭگىنىڭ تېرىلغۇ تۈرىدە ئۆزگىرىش بولمىغان، لېكىن بۇ يىل كۆكتاتلارنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك چۈشۈپ، بەرەڭگىنىڭ باھاسى تېخىمۇ چۈشكەن. ئۈرۈمچى كۆكتات جەمئىيىتى ئىستاتىستىكا قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ يىل 11-ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۈرۈمچى شەھەر ئاممىسى داۋاملىق ئىستېمال قىلىدىغان 30 خىل كۆكتات باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.21 چۈشكەن. 13-دېكابىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كۆكتات بىۋاستە سېتىش نۇقتىسىدىكى كۆكتاتلارنى نازارەت قىلىش ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 60 تۈرلۈك كۆكتات ئىچىدە ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى 3.00 يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن كۆكتاتلارنىڭ تۈرى 27 خىلغا يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى