تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجۇ شەھىرىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجۇ شەھىرىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن كېيىن شۈجۇ قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى گۇرۇھى ئېغىر تىپتىكى ماشىنا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، تېخنىكا ماھىرلىرى قاتارلىق ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنى سەمىمىي يوقلاپ، ئۇلارنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرىشىدە كارامىتىنى كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇردى.

 ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجۇ شەھىرىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن كېيىن پەنئەن كۆلى كوچىسىدىكى ماجۇاڭ كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى پائالىيەت ئۆيىدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىۋاتقان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش تەسىراتىنى ئاڭلىدى، ئۆگىنىش خاتىرىسىنى كۆردى، ئۇلاردىن ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتىنى، قانداق تەكلىپ – پىكرى بارلىقىنى سورىدى، ئۇلارنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش داۋامىدا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنىدىن 13 – كۈنىگىچە جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ شۈجۇ شەھىرىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى چۈشتىن كېيىن شۈجۇدىكى فېڭخۇاڭشەن تېغىنىڭ شەرقى ئېتىكىگە كېلىپ، خۇەيخەي ئۇرۇشى ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، خۇەيخەي ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.