يەر شارى تورى خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالىملار يېقىندا جەنۇبىي تىنچ ئوكياندا يېڭى بىر ئارالنى بايقىغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئارال 2014 - يىلى دېڭىز ئاستىدىكى يانار تاغنىڭ پارتلىشىدىن شەكىللەنگەن. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئالىملارنىڭ بۇ ئارالنى تەتقىق قىلىشى مارسنىڭ نەچچە مىليارد يىل ئىلگىرى پەيدا قىلغان يولىنى ئىگەللىشىگە ياردەم بېرىشى مۇمكىنكەن.
بۇ ئارال يانار تاغدىن شەكىللەنگەن بولغاچقا بەلكىم پارلاق كەلگۈسى يوق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئارال ئۇزۇن بىر مەزگىل مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىنكەن. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل ئەھۋال ئۇدا 30 يىل يۈز بېرىشى مۇمكىنكەن.
ئالىملارنىڭ قارىشىچە، مارستىمۇ ئىلگىرى يانار تاغ پارتلاش ئەھۋالى يۈز بەرگەن بولۇپ، ھازىرقى بۇ ئارال ئۇلارنىڭ ياخشى بىر تەتقىقات ئوبيېكتى ھېسابلىنىدىكەن.
نۆۋەتتە، بۇ ئارالنىڭ كۆپ قىسمىدا يانار تاغ كۈلى ۋە تاشلار بولۇپ، ئۇلار ھازىر دېڭىز – ئوكياننى چىرىتىۋېتىپتۇ. گەرچە بوران - چاپقۇن ۋە دېڭىز دولقۇنى ئاللىقاچان ئارال ئۈستىدىكى ماددىلارنى سۇنىڭ ئاستىغا ئۇچۇرۇتۇپ چۈشۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئارالنىڭ ئۈستىدە يەنىلا بىر قىسىم قالدۇقلار مەۋجۇتكەن. مارستا گەرچە نەچچە مىليارد يىلدىن بېرى شامالنىڭ يالىشى، ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن تاغ جىنسلىرى ۋە پارچىلارنىڭ سوقۇلۇشى يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا يانار تاغنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بايقىغىلى بولىدىكەن، بۇ يېڭى بايقالغان ئارال ئالىملارنىڭ جاۋاب تېپىشىغا ياردەم بېرىشى مۇمكىنكەن.