تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

جۇڭگو ئالەم سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە مۇھىم قەدەم ئالدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چېن فاڭ، دۇڭ رۈيفېڭ، سەي يۈگاۋ، جاڭ فاڭ

  تۇتۇق ماددا ئىنسانلار ئۇزاقتىن بۇيان ئىزدەپ كېلىۋاتقان ئالەمدىكى سىرلىق ماددا ئىدى، يېقىندا جۇڭگونىڭ ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھى تۇتۇق ماددىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىزنى بايقىدى.

  ‹‹تەبىئەت›› ناملىق خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئىلمىي ژۇرنالنىڭ تور بېكىتىدە 11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق تۇتۇق ماددا زەررىچىسىنى تەكشۈرگۈچى سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئالەم بوشلۇقىدا ئېلېكتىرونلۇق ئالەم نۇرىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە نورمالسىز تەۋرىنىشنى ئۆلچىگەنلىكى ئېلان قىلىندى. بۇ، ئىنسانلارنىڭ بۇ سىرلىق سىگنالنى تۇنجى قېتىم كۆزىتىشى بولۇپ، جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك ئىجادىي بايقاشقا ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى بەي چۈنلى مۇنداق دېدى: ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئەڭ يېڭى بايقىشى يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىجادىي نەتىجىگە ئېرىشىشتىكى زور بۆسۈش. ئەگەر داۋاملاشما تەتقىقاتلاردا بۇ بايقاشنىڭ تۇتۇق ماددا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانسا، بۇ، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلمىي نەتىجە بولىدۇ، ناۋادا ئۇ تۇتۇق ماددا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ، ھازىرقى ئىلمىي نەزەرىيەدە بۆسۈش ھاسىل قىلىشى مۇمكىن.

  ئالەم سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش مەشئىلى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگولۇقلارغا يەتكۈزۈلدى. ‹‹شەرق قىزاردى 1›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھتىن ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھقىچە، بىپايان چوڭقۇر دېڭىزدىن چەكسىز ئالەم بوشلۇقىغىچە، ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ نامەلۇم نەرسىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش، نامەلۇم نەرسىلەرنىڭ سىرىنى يېشىش بۇرچىنى ئۈستىگە ئالماقتا.

  تۇتۇق ماددىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىز بايقالدىمۇ؟

  ئىككى يىل ئۇدا كۆزىتىش ئارقىلىق ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ 1 تىرىليون 400 مىليارد ئېلېكتىرونۋولت (TeV) لۇق پەۋقۇلئاددە يۇقىرى ئېنېرگىيە سىپېكتىر بۆلىكىدە، نورمال ھالەتتىكىدىن روشەن پەرقلىنىدىغان بىر گۇرۇپپا ئېلېكتىرونلۇق ئالەم نۇرىنىڭ ‹‹ئورنىنى بېكىتتى››. ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئىجرائىيە ئالىمى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىجىنشەن رەسەتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چاڭ جىن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇنى ئىلگىرى ھېچكىم بايقىمىغان. نورمال ئېنېرگىيە سىپېكتىرىنىڭ ئۆزگىرىشى بىر تەكشى ئەگرى سىزىق بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يەردە تۇيۇقسىز بىر كۈچلۈك تەۋرىنىش پەيدا بولۇپ، بىر ‹‹ئۇچلۇق چوققا›› سىزىلغان، بۇ، بۇيەردە بىر ‹‹غارايىبات›› بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ‹‹تەبىئەت›› ژۇرنىلىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچىسى، خەلقئاراغا داڭلىق نەزەرىيە فىزىكىسى ئالىمى: ھازىرقى فىزىكىلىق مودېللار ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئەڭ يېڭى بايقىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، دەپ باھا بەردى.

  يېڭى بايقاش ئالىملار جاپالىق ئىزدەۋاتقان تۇتۇق ماددىنىڭ ئىزىمۇ – ئەمەس؟ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋۇ يۆلياڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭغا ھازىرقى سانلىق مەلۇمات ۋە نەزەرىيەۋى مودېللارغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، لېكىن بۇ ‹‹تۇتۇق ماددا زەررىچىسىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئېھتىماللىقىنىڭ يېڭى ئىسپاتىدىن بېشارەت بەردى.››

  تۇتۇق ماددا دېگەن نېمە؟ تۇتۇق ماددىنى بايقاشنىڭ ئەھمىيىتى زادى قانچىلىك؟

  ھازىر ئاساسىي ئېقىمدىكى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر مۇنداق قارايدۇ: ئىنسانلار بايقىغان ماددىلار ئالەم بوشلۇقىدىكى بارلىق ماددا مىقدارىنىڭ %5ىگىمۇ يەتمەيدۇ، قېپقالغان قىسمى تۇتۇق ماددا ۋە تۇتۇق ئېنېرگىيە قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. تۇتۇق ماددىنى بىۋاسىتە كۆزەتكىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ باشقا ماددا بىلەن بولغان ئۆزئارا تەسىرىمۇ ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ئىنسانلار ھازىرغىچە تۇتۇق ماددا توغرىسىدا كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە ئەمەس.

  شۇنىڭ ئۈچۈن، تۇتۇق ماددىنىڭ ‹‹سىرى›› 21 – ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم ئىلىم – پەن سىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. تۇتۇق ماددىنىڭ سىرىنى ئېچىش كوپېرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتى، نىيۇتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنى، ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى، كىۋانت مېخانىكىسىدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت قانۇنىيىتىنى تونۇشىدىكى يەنە بىر قېتىملىق زور ھالقىش ھېسابلىنىدۇ.

  ئالىملار تۇتۇق ماددىنىڭ كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان ئىستىقبالىغا نىسبەتەن دۇنياۋى رىقابەتنى قانات يايدۇرۇپ، تۇتۇق ماددىنىڭ ئىزىنى تۇنجى بولۇپ بايقاشقا ئۇرۇندى. ئاسماندا، كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى ئۈسكۈنىلىرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقاردى؛ يەر ئاستىدا، نەچچە مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇققا تەجرىبىخانا سالدى... ئالىملار بارلىق زېھنىنى سەرپ قىلىپ، كۆپ خىل تەكشۈرۈش ۋاسىتىلىرىنى قوللاندى، خەلقئارادىكى ئالاقىدار تەجرىبە ۋە ئۈسكۈنىلەر نەچچە ئونغا يەتتى.

  چاڭ جىن مۇنداق دېدى: ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئالەم نۇرىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، تۇتۇق ماددا زەررىچىسىنىڭ يوقىلىشىنىڭ ۋاسىتىلىك دەلىل ئىسپاتىنى ئىزدەيدۇ. نەزەرىيەۋى مودېلغا ئاساسلانغاندا، تۇتۇق ماددا زەررىچىسى يوقالغاندا يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك گامما نۇرى، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىرون قاتارلىق ئالەم نۇرى چىقىرىدۇ، مۇبادا ئالاھىدە يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئالەم نۇرى بايقالسا، تۇتۇق ماددىنىڭ ‹‹ھەقىقىي قىياپىتى››گە ھۆكۈم قىلىشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.

  ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار تەھلىل قىلىش ئۇسۇلى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان كاشىلىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتنى جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى تۆت كوللېكتىپنىڭ مۇستەقىل ئانالىز قىلىپ ھېسابلىشىغا ئايرىم – ئايرىم تاپشۇردى، ئاخىرىدا بىردەك: 1.4TeV ئورنى (1 تىرىليون 400 مىليارد ئېلېكتىرونۋولتلۇق پەۋقۇلئاددە يۇقىرى ئېنېرگىيە سىپېكتىر بۆلىكى)دا ھەقىقەتەنمۇ نورمالسىز ھادىسە بايقالدى، دەپ يەكۈن چىقاردى.

  بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئالىملارنىڭ تۇتۇق ماددىغا ئەڭ يېقىنلاشقان بىر قېتىملىق بايقىشى. چاڭ جىن مۇنداق دېدى: ئەگەر يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ ئىزنىڭ تۇتۇق ماددا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلسە، ئىنسانلار ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئىزىنى بويلاپ، ئالەم بوشلۇقىدىكى%5تىن باشقا نامەلۇم ماددىلار ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، بۇ بىر تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ قالغۇسى. تۇتۇق ماددىنىڭ ئىزىنى ئىسپاتلىيالمىغان تەقدىردىمۇ، ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئالەمنى كۆزىتىشىگە يېڭى بىر كۆزنەك ئېچىپ بېرىدۇ.

  ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ قانداق تەڭداشسىز ماھارىتى بار؟

  ‹‹تەبىئەت›› ژۇرنىلى جۇڭگو رايونىنىڭ ئىلىم – پەن باش نازارەتچىسى ئىدگېرستنېر چاڭ جىننىڭ سۆزىنى ياقلاپ مۇنداق دېدى: ئىلىم – پەن دەل نۇرغۇن ‹‹ئېھتىماللىق››لاردىن ھەقىقەتكە ئۈزلۈكسىز يېقىنلىشىشتۇر. ئالىملارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نورمالسىز نامەلۇم ماددىنى بايقىغان شۇ دەقىقە ئەڭ ھاياجانلىنارلىقتۇر.

  لېكىن، ‹‹نورمالسىزلىق›› بىلەن ‹‹ئېھتىماللىق››نى ئىزدەش ئۇنداق ئاسان ئەمەس. ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرى قويۇپ بېرىلىپ بوشلۇققا چىقىرىلغاندىن بۇيان، 3 مىليارد 500 مىليوندىن كۆپ يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئالەم نۇرىنى بايقىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن جەمئىي 100دىن ئارتۇق نورمالسىز ئېلېكتىروننى ئىزدەپ تاپتى، بۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدەشتىن قېلىشمايدۇ.

  ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى ئىلمىي قوللىنىش سىستېمىسىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى ۋۇ جيەن مۇنداق دېدى: ئاسماندىكى رادىياتسىيەلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ناھايىتى مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش زۆرۈر. خەلقئارادىكى ئوخشاش تۈردىكى تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ‹‹يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىرون، گامما نۇرىنىڭ ئېنېرگىيەسىنى ئۆلچەش توغرىلىق دەرىجىسى›› ۋە ‹‹ئوخشاشمىغان تۈردىكى ئالەم نۇرلىرىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى››دىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك ھالقىلىق تېخنىكا كۆرسەتكۈچى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئۇ تۇتۇق ماددا زەررىچىسىنىڭ يوقىلىش جەريانىدا پەيدا بولغان ناھايىتى ئاجىز سىگنالنى ئىزدەشكە ماس كېلىدۇ.

  ھازىر خەلقئارادا نوپۇزلۇق ئالاقىدار تەتقىقات تۈرلىرىدىن ئامېرىكىنىڭ ‹‹فېرمى›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھى، ياپونىيەنىڭ كالورىمېتىر تىپلىق ئېلېكتىرونلۇق تېلېسكوپى، شۇنداقلا داڭلىق فىزىكا ئالىمى دىڭ جاۋجۇڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ‹‹ئالفا›› ناملىق ماگنىت سىپېكتىرومېتىرى قاتارلىقلار بار. ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى ئىلمىي قوللىنىش سىستېمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش لايىھەلىگۈچىسى فەن يىجۇڭ مۇنداق دېدى: ئوخشاش تۈردىكى ئۈسكۈنىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ئېلېكتىرون ئېنېرگىيەسىنى كۆزىتىشنىڭ يۇقىرى چېكىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، ئۇ ئېرىشكەن ئېلېكتىرون ئەۋرىشكىسىنىڭ ‹‹ساپلىق›› دەرىجىسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى، بۇ، جۇڭگو پەن تەتقىقات خادىملىرى مۇستەقىل ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەكشۈرۈش تېخنىكىسى بولۇپ، يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىرون، گامما نۇرىنى ‹‹تېجەشلىك، قوللىنىشچان›› كۆزىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  شياڭگاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى سۇ مېڭ مۇنداق دېدى: ئاچقۇچلۇق ‹‹بۇرۇلۇش››نى ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ تۇنجى قېتىم ئۆلچەپ چىقتى، بۇ، جۇڭگونىڭ تۇتۇق ماددىنى سۈنئىي ھەمراھتا ئۆلچەش سەۋىيەسىنىڭ ناھايىتى ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  خۇش خەۋەر شۇكى، ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئوربىتىدىكى ھەرىكەت ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھنىڭ بوشلۇقتا خىزمەت قىلىش ئۆمرى لايىھەدىكىدىن زور دەرىجىدە ئۇزاق بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  جۇڭگو نەزەرىنى ئىنسانلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم – پەن ساھەسىگە ئاغدۇردى

  يېقىندا، ۋۇ جيەن ياۋروپادىكى ھەمكارلىق شىرىكى باش ئىشتابىغا زىيارەتكە باردى، يىغىن زالىغا ئۈچ ئىلمىي تەجرىبە قۇرۇلمىسىنىڭ بەلگىسى تىزىلغان بولۇپ، ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئايرىم – ئايرىم ھالدا ‹‹فېرمى›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ، ‹‹ئالفا›› ناملىق ماگنىت سىپېكتىرومېتىرى ۋە ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ ئىدى. ۋۇ جيەن مۇنداق دېدى: بۇ ئۇلار نەچچە ئون ھەمكارلىق تۈرى ئىچىدىن تاللاپ چىققان ۋەكىل خاراكتېرلىك تەجرىبىلەر، ئالاقىدار ساھەلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىن ئەڭ ئۈمىد بار. ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ تۇتۇق ماددا ئۈستىدە ئىزدىنىشى تەدرىجىي ھالدا ئىلىم – پەندىكى ‹‹ئادەمسىز رايون››غا كىردى. لېكىن، ‹‹ئادەمسىز رايون››دا ‹‹باشلامچى›› بولۇش ئاسان ئەمەس.

  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى، مەبلەغ قىس بولۇش سەۋەبىدىن، چاڭ جىن ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئالەم نۇرى تەتقىقات تۈرىگە قاتناشقان ئىدى. دەسلەپتە، ئۇنىڭ كۆزىتىش ئۇسۇلىنى ئامېرىكىدىكى كەسىپداشلىرى ئېتىراپ قىلمىدى، قايتا – قايتا تەقلىد قىلىش ۋە تەجرىبە قىلىپ دەلىللەش ئارقىلىق ئامېرىكا جەنۇبىي قۇتۇپ گاز شارى تۈرىدە ئاخىر ئۇنىڭ ئۇسۇلىنى قوللاندى ھەم يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئېلېكتىروننى كۆزىتىش جەھەتتە مۇھىم ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. كۆپ يىللاردىن كېيىن، ئامېرىكا كوللېكتىپىدىكى بىر پىروفېسسور خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا بۇ ئىشنى تىلغا ئالدى ھەمدە تولىمۇ ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: جۇڭگولۇق چاڭ پىروفېسسور ئەينى چاغدا بىزگە ناھايىتى بىمەنىدەك بىلىنىدىغان بىر تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، نەتىجىدە بىردىنلا مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇق.

  ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھقا ئىشلىتىلىدىغان تەكشۈرگۈچنىڭ ئاچقۇچلۇق بىر ئۆزىكىنى ئىمپورت قىلىشقا توغرا كەلدى، بىراق، ئەينى چاغدا چەت ئەللەر بۇ تۈردىكى ئۆزەكنى جۇڭگوغا سېتىشنى چەكلىگەنىدى. ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ تەتقىقات كوللېكتىپى ئىشنى نۆلدىن باشلاپ، ئۆزەك تەتقىق قىلىپ، ئۆزەكنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۆز تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى. چاڭ جىن مۇنداق دېدى: كۈنبويى باشقىلارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغاندا، قانداقمۇ مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ جۇڭگو پەن تەتقىقات خادىملىرى چوقۇم ئۆزىگە ئىشىنىشى كېرەك، چەت ئەللەرنىڭ تېخنىكا لىنىيەلىرىنىڭ بىزنىڭكىدىن كۈچلۈك بولۇشى ناتايىن، ئاچقۇچ بىز توغرا ئۇسۇلنى تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش – تۇرالماسلىقىمىزدا.

  چاڭ جىن باشچىلىقىدىكى ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ تەتقىقات كوللېكتىپى سۈنئىي ھەمراھنى لايىھەلەشتىن سىناق قىلىشقىچە بولغان جەرياندا، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى پەن تەتقىقات خادىملىرىنى ئۈزلۈكسىز جەلپ قىلدى، ھازىر بۇ كوللېكتىپ جۇڭگو، شىۋېيتسارىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى سەرخىل ئىختىساسلىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن 100دىن ئارتۇق ئەزاغا ئىگە كوللېكتىپقا ئايلاندى.

  ئادەملىك چوڭقۇر دېڭىزغا چۆكۈش تېخنىكىسىدىن كىۋانت مەخپىي ئالاقىسىگىچە، ‹‹ئەرش كۆزى›› ناملىق رادىيو تېلېسكوپتىن ‹‹ۋۇكۇڭ›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھقىچە، جۇڭگونىڭ ئىلىم – پەن ۋە تېخنىكىدىكى ‹‹ئادەمسىز رايون›› ئۈستىدە ئىزدىنىشى ئۈزلۈكسىز دائىملاشماقتا. ‹‹قۇم يىغىلسا تاغ بولۇر دېگەندەك، دۆلەتنىڭ ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئاساسىي تەتقىقاتقا ئۈزلۈكسىز ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئىلگىرىكى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇلىدۇ، شۇنداقلا ئالىملار ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇلىرىغا يېتىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ››، دېدى چاڭ جىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى