نۇرغۇن كىشىلەر قەھۋە ئۈستىدە توختالغاندا، قەھۋە سالامەتلىككە زىيانلىق دەپ قارايدۇ، قەھۋە پۇرچىقى تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددا ئادەمنى خۇمار قىلىپ قويىدۇ، لېكىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە باش ئاغرىقىنى قويۇپ بېرىش رولى بار. ئارتۇق مىقداردىكى كوففېئىن ئادەم بەدىنىدىكى مىنېرال ماددا، بولۇپمۇ ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قەھۋەنى كۆپ ئىچىدىغان خانىم-قىزلارنىڭ قەھۋە ئىچمەيدىغانلارغا قارىغاندا بەدىنىدىكى كالتسىي ئاسانلا تۆۋەنلەپ كېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن سۆڭەك شالاڭلىشىش نىسبىتىنى يۇقىرىلاپ بارىدىكەن. ھامىلىدار ئاياللار مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىشى كېرەك بولۇپ، قەھۋەنى كۆپ ئىچكەندە ھامىلىنىڭ يېتىلىشىنى كېچىكتۈرۈپ، بويىدىن ئاجراپ كېتىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
قەھۋە ئىچكەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
قەھۋەنى تاماق بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق، ئىككى تاماق ۋاقتىدا ئىچىش كېرەك، بولمىسا يېمەكلىك تەركىبىدىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. داۋاملىق قەھۋە ئىچىپ بېرىدىغان خانىم-قىزلار كۈندە بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ، بەدەندىكى كالتسىينىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى تىزگىنلىشى كېرەك.