تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

كۈندە يەتتە سائەت ئۇخلاش يۈرەككە پايدىلىق

  يېقىندا ئوتتۇرا جۇڭگو پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۇڭجى تېببىي ئىنستىتۇتى بىلەن ئامېرىكا سودا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى سەھىيە ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بەك كۆپ ئۇخلايدىغان ياكى بەك ئاز ئۇخلايدىغان كىشىلەردە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن، كۈندە يەتتە سائەت ئەتراپىدا ئۇخلايدىغانلاردا بۇ خەۋپ ئەڭ تۆۋەن بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ماتېرىياللىرىنى سىستېمىلىق تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن تېنى ساغلام كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى تۆت خىل يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلغان. سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئانالىز نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇخلاش ۋاقتى بىلەن تۆت خىل يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئاقىۋىتى ئوتتۇرىسىدا U ھەرپى شەكلىدە مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولىدىكەن. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر كۈنى يەتتە سائەت ئۇخلايدىغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇخلاش ۋاقتى ھەر بىر سائەت قىسقارغاندا ئۆلۈم خەۋپى ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى%6، تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى %7، مېڭە سەكتىسىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى %5 كۆپىيىدىكەن. ئۇخلاش ۋاقتى ھەر بىر سائەت ئۇزارغاندا ئۆلۈم خەۋپى%13، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى%12، تاجسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى %5، مېڭە سەكتىسىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى %18 كۆپىيىدىكەن.

  ‹‹ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى جەمئىيىتى ژۇرنىلى››دا ئېلان قىلىنغان بۇ تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇۋاپىق دەرىجىدىكى ئۇيقۇ بىلەن يېمەك – ئىچمەك خۇددى ئاكتىپ چېنىقىشقا ئوخشاش بەدەنگە ئېنېرگىيە تولۇقلاپ، تەندىكى تۈرلۈك فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارلارنى تەڭشەيدىكەن، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. بەك كۆپ ئۇخلاش ياكى بەك ئاز ئۇخلاش يۈرەك ساغلاملىقىغا زىيانلىق بولىدىكەن، شۇڭا كىشىلەردىن ھەر كۈنى يەتتە سائەت ئەتراپىدا ئۇخلاشقا كېپىللىك قىلىش تەلەپ قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى