تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى

  (1995 – يىل 10 – ئاينىڭ 30 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 2004 – يىل 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى، 2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارارى›› غا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلدى، 2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پورت قانۇنى> قاتارلىق 7 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلدى، 2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 24 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 3 – قېتىم تۈزىتىلدى)

  مۇندەرىجە

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  2 – باب قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

  3 – باب قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

  1 – پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

  2 – پاراگراف سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

  3 – پاراگراف تۇرمۇش ئەخلىتىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

  4 – باب خەتەرلىك تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە

  5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا بۇ قانۇن قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

  2 – ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە تەتبىقلىنىدۇ.

  قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، رادىيوئاكتىپلىق قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ.

  3 – ماددا دۆلەت قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ پەيدا بولۇش مىقدارىنى ۋە زىيىنىنى ئازايتىش، قاتتىق تاشلاندۇقتىن تولۇق، مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە قاتتىق تاشلاندۇقنى زىيانسىزلاندۇرۇش پىرىنسىپىنى يولغا قويۇپ، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  دۆلەت قاتتىق تاشلاندۇقتىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىشقا پايدىلىق ئىقتىساد – تېخنىكا سىياسىتى ۋە تەدبىرىنى قوللىنىپ، قاتتىق تاشلاندۇقنى تولۇق يىغىۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىدۇ.

  دۆلەت قاتتىق تاشلاندۇقنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق تەدبىرنى قوللىنىشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە پايدىلىق ئىقتىساد – تېخنىكا سىياسىتى ۋە تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

  گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارمىقى شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى، يەردىن پايدىلىنىش، رايون بويىچە ئېچىش، كەسىپلەر تەرەققىياتى يىرىك پىلانلىرىنى تۈزۈشتە، قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ پەيدا بولۇش مىقدارىنى ۋە زىيىنىنى ئازايتىش، قاتتىق تاشلاندۇقتىن ھەرتەرەپلىمە پايدىلىنىش ۋە قاتتىق تاشلاندۇقنى زىيانسىزلاندۇرۇشنى تولۇق نەزەرگە ئېلىشى كېرەك.

  5 – ماددا دۆلەت قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، بۇلغىغۇچى قانۇن بويىچە مەسئۇل بولۇش پىرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ.

  مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقارغۇچى، ساتقۇچى، ئىمپورت قىلغۇچى، ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزى پەيدا قىلغان قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

  6 – ماددا دۆلەت قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىلمىي تەتقىقاتىغا، تېخنىكا يارىتىشقا، ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش جەھەتتىكى ئىلغار تېخنىكىنى كېڭەيتىشكە، قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تەشۋىقات – تەربىيەنى كۈچەيتىپ، مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك.

  7 – ماددا دۆلەت ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ ھاسىلىي مەھسۇلات ۋە تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدىغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشىغا ۋە ئىشلىتىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

  8 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىدە ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار ھەرتەرەپلىمە پايدىلىنىش پائالىيىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

  9 – ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ مۇھىت ئاسراش مەجبۇرىيىتى بار ھەمدە ئۇلار قاتتىق تاشلاندۇق بىلەن مۇھىتنى بۇلغىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى پاش قىلىش، شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  10 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايون دائىرىسىدە قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

  گوۋۇيۈەننىڭ قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت تازىلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۇرمۇش ئەخلىتىنى ئادالاش، يىغىش، ساقلاش، توشۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

  2 – باب قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش

  11 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەتنىڭ مۇھىت سۈپىتى ئۆلچىمى ۋە دۆلەتنىڭ ئىقتىساد – تېخنىكا شارائىتىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تېخنىكا ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ.

  12 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنى كۆزىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، بىرلىككە كەلگەن كۆزىتىش قائىدىسىنى تۈزىدۇ ھەمدە ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە كۆزىتىش تورىنى قۇرىدۇ.

  چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ تۈرى، مىقدارى، قاتتىق تاشلاندۇقنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلارنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

  13 – ماددا قاتتىق تاشلاندۇق پەيدا قىلىدىغان قۇرۇلۇشتا ھەمدە قاتتىق تاشلاندۇقنى ساقلاش، ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشىدا، قانۇن بويىچە مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھەمدە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مۇھىتىنى ئاسراشنى باشقۇرۇشقا دائىر بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىش شەرت.

  14 – ماددا قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىدە يانداشتۇرۇپ ياساش بېكىتىلگەن قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسىنى گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ باشلاش، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش شەرت. قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسى مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلىغان مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە ياكى ئىشلىتىلسە بولىدۇ. قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسىنى گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك.

  15 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى باشقا تارماقلار باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئورۇنلاردىن قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە مۇناسىۋەتلىكلىرىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە نەق مەيداندا تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق. تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلىشى، زۆرۈر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك. تەكشۈرگۈچى ئورگان تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇننىڭ تېخنىكا مەخپىيىتى ۋە كەسىپ مەخپىيىتىنى ساقلىشى كېرەك.

  تەكشۈرگۈچى ئورگان نەق مەيداننى تەكشۈرگەندە، شۇ مەيداندا ئۆلچەش، ئەۋرىشكە ئېلىش، قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر ماتېرىياللارنى كۆرۈش ياكى كۆپەيتىۋېلىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ. تەكشۈرگۈچىلەر نەق مەيداننى تەكشۈرگەندە كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى شەرت.

  3 – باب قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

  1 – پاراگراف ئادەتتىكى بەلگىلىمە

  16 – ماددا قاتتىق تاشلاندۇق پەيدا قىلغۇچى ئورۇن ۋە شەخسلەر تەدبىر قوللىنىپ، قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ياكى ئازايتىشى كېرەك.

  17 – ماددا قاتتىق تاشلاندۇقنى يىغىدىغان، ساقلايدىغان، توشۇيدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ئۇنىڭ چېچىلىپ كېتىشى، يوقاپ كېتىشى، ساقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياكى مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىشى شەرت؛ قاتتىق تاشلاندۇقنى خالىغانچە تۆكۈشكە، دۆۋىلەپ قويۇشقا، تاشلىۋېتىشكە، چېچىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

  ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ قانۇن – نىزاملاردا تاشلاندۇق تۆكۈش، دۆۋىلەش مەنئى قىلىنغان دەريا، كۆل، قانال، ئۆستەڭ، سۇ ئامبىرى ۋە ئەڭ يۇقىرى سۇ ئورنىدىن تۆۋەن ساھىل، قىرغاق قاتارلىق جايلارغا قاتتىق تاشلاندۇق تۆكۈشى، دۆۋىلەپ قويۇشى مەنئى قىلىنىدۇ.

  18 – ماددا مەھسۇلات ۋە ئورۇنى لايىھەلەش، ياساشتا، دۆلەتنىڭ پاكىز ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكا شارائىتىغا، قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەھۋالىغا شۇنىڭدەك مەھسۇلاتنىڭ تېخنىكا تەلىپىگە ئاساسەن، ئالاقىدار ئۆلچەم بېكىتىپ، زىيادە ئورۇۋېتىپ، مۇھىتنى بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  مەجبۇرىي يىغىۋېلىش مۇندەرىجىسىگە قانۇن بويىچە كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلاتنى ۋە ئورۇنى ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساتىدىغان، ئىمپورت قىلىدىغان كارخانىلار شۇ مەھسۇلات ۋە ئورۇنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يىغىۋېلىشى كېرەك.

  19 – ماددا دۆلەت پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىنىڭ يىغىپ پايدىلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش ئوڭاي بولغان ياكى مۇھىتتا ئاسان پارچىلىنىدىغان نېپىز يوپۇق ياكى تاۋار ئورۇسىنى تەتقىق قىلىش، ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

  دېھقانچىلىق يوپۇقىنى ئىشلىتىدىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر يىغىپ پايدىلىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، دېھقانچىلىق يوپۇقىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ياكى ئازايتىشى كېرەك.

  20 – ماددا چارۋا – قۇشلارنى كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىشتا، چارۋا – قۇشلارنىڭ قىغىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يىغىپ، ساقلاپ، ئىشلىتىپ ياكى بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئاھالە توپلاشقان جاي، ئايرودۇرۇم، قاتناش غول لىنىيەسى ئەتراپى شۇنىڭدەك شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن دائىرىدىكى ئوچۇقچىلىقتا شاخ – شۇمبا كۆيدۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ.

  21 – ماددا قاتتىق تاشلاندۇقنى يىغىدىغان، ساقلايدىغان، توشۇيدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، ئۈسكۈنە ۋە سورۇننى باشقۇرۇش، ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ نورمال ئىشلىشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  22 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلىرى ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بېكىتكەن تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، تۇرمۇش ئىچىملىك سۇ مەنبەسى، ئاساسىي ئېتىز مۇھاپىزەت رايونى ۋە ئالاھىدە مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان باشقا رايوندا سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنى يىغىپ ساقلاش، بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى، سورۇنى ۋە تۇرمۇش ئەخلىتىنى كۆمۈش مەيدانى ياساش مەنئى قىلىنىدۇ.

  23 – ماددا قاتتىق تاشلاندۇقنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ مەمۇرىي رايونىدىن يۆتكەپ چىقىپ ساقلايدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغانلار قاتتىق تاشلاندۇق يۆتكەپ چىقىلىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. يۆتكەپ چىقىلىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قاتتىق تاشلاندۇق يۆتكەپ كېلىنىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، شۇ قاتتىق تاشلاندۇقنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ مەمۇرىي رايونىدىن يۆتكەشنى تەستىقلىسا بولىدۇ. تەستىقلانمىغانلىرىنى يۆتكەشكە بولمايدۇ.

  24 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقنى چېگرا ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ تۆكۈش، دۆۋىلەپ قويۇش، بىر تەرەپ قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  25 – ماددا خام ئەشيا قىلغىلى بولمايدىغان ياكى زىيانسىزلاندۇرۇپ پايدىلانغىلى بولمايدىغان قاتتىق تاشلاندۇقنى ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. خام ئەشيا قىلغىلى بولىدىغان قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ ئىمپورتىغا چەك قويۇلىدۇ ۋە چەكلىمىسىز ئىمپورت تۈر بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودا مەسئۇل تارمىقى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى ئومۇملاشتۇرۇپ ماكرولۇق تەڭشەش تارمىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، گوۋۇيۈەننىڭ سۈپەت نازارەتچىلىكى، پىرىيوم – كارانتىن تارمىقى بىلەن بىرلىكتە ئىمپورتى مەنئى قىلىنغان، ئىمپورتىغا چەك قويۇلغان ۋە چەكلىمىسىز ئىمپورت قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ تىزىملىكىنى تۈزىدۇ، تەڭشەيدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

  مەنئى قىلىنغان ئىمپورت مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن قاتتىق تاشلاندۇقنى ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. چەك قويۇلغان ئىمپورت مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن قاتتىق تاشلاندۇقنى ئىمپورت قىلىشقا، گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودا مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ ئىجازەت بېرىشى كېرەك.

  ئىمپورت قىلىنىدىغان قاتتىق تاشلاندۇق دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە توشۇشى ھەمدە سۈپەت نازارەتچىلىكى، پىرىيوم – كارانتىن تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى شەرت.

  قاتتىق تاشلاندۇق ئىمپورتىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى سودا مەسئۇل تارمىقى، ئىقتىسادنى ئومۇملاشتۇرۇپ ماكرولۇق تەڭشەش تارمىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، سۈپەت نازارەتچىلىكى، پىرىيوم – كارانتىن تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

  26 – ماددا ئىمپورتچىلاردىن ئىمپورت قىلغان مېلىنى تاموژنىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزگەنلىكىگە قايىل بولمىغانلىرى مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە مەمۇرىي دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

  2 – پاراگراف سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

  27 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى ئومۇملاشتۇرۇپ ماكرولۇق تەڭشەش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنىڭ مۇھىت بۇلغاش چېكىنى بېكىتىدۇ، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر تېخنىكا سىياسىتىنى چىقىرىدۇ، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە تىزگىنلەيدىغان ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى كېڭەيتىدۇ.

  28 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى ئومۇملاشتۇرۇپ ماكرولۇق تەڭشەش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنىڭ پەيدا بولۇش مىقدارىنى ۋە زىيىنىنى ئازايتىدىغان ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىشقا، يارىتىشقا ۋە كېڭەيتىشكە تەشكىللەپ، مۇھىتنى ئېغىر بۇلغايدىغان سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنى پەيدا قىلىدىغان قالاق ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرى، قالاق ئۈسكۈنىلەرنىڭ مۇندەرىجىسىنى ئېلان قىلىپ، سۈرۈك ئىچىدە شاللىۋېتىدۇ.

  ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار، ئىمپورتچىلار ۋە ئىشلەتكۈچىلەر ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىدىكى ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىمپورت قىلىش ياكى ئىشلىتىشنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى ئومۇملاشتۇرۇپ ماكرولۇق تەڭشەش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلىگەن مۆھلەت ئىچىدە توختىتىشى شەرت. ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرى قوللىنىدىغانلار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مۇندەرىجىدىكى ھۈنەرنى قوللىنىشنى گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى ئومۇملاشتۇرۇپ ماكرولۇق تەڭشەش تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلىگەن مۆھلەت ئىچىدە توختىتىشى شەرت.

  مۆھلەت ئىچىدە شاللىۋېتىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلۈپ شاللىۋېتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ.

  29 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنىڭ پەيدا بولۇش مىقدارىنى ۋە زىيىنىنى ئازايتالايدىغان ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى كېڭەيتىپ، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  30 – ماددا سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنى پەيدا قىلىدىغان ئورۇنلار مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك.

  31 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار خام ئەشيا، ئېنېرگىيە ۋە باشقا بايلىقنى مۇۋاپىق تاللاپ، ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرى ۋە ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىپ، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنىڭ پەيدا بولۇش مىقدارىنى ۋە زىيىنىنى ئازايتىشى كېرەك.

  32 – ماددا دۆلەت سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنى مەلۇم قىلىپ تىزىملىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

  سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنى پەيدا قىلىدىغان ئورۇنلار گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنىڭ تۈرى، مىقدارى، يۆتكىلىشى، ساقلىنىشى، بىر تەرەپ قىلىنىشىغا دائىر ماتېرىياللارنى بېرىشى شەرت.

  ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەلۇم قىلىدىغان ئىشلاردا چوڭ ئۆزگىرىش بولسا، ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش كېرەك.

  33 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار پەيدا قىلغان سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىدىن ئىقتىساد، تېخنىكا شارائىتىغا قاراپ پايدىلىنىشى كېرەك؛ ۋاقتىنچە پايدىلانمايدىغانلىرى ياكى پايدىلانغىلى بولمايدىغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ساقلايدىغان ئەسلىھە، سورۇن قۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ بىخەتەر ساقلىشى ياكى زىيانسىزلاندۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشى شەرت.

  سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنى ساقلايدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، سورۇنلارنى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇش شەرت.

  34 – ماددا سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسى، سورۇنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاقىۋېتىش، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇش ياكى چۇۋۇۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ تاقىۋېتىش، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇش ياكى چۇۋۇۋېتىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ مۇھىت بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرت.

  35 – ماددا سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقى پەيدا قىلىدىغان ئورۇنلاردىن تاقىۋېتىلىدىغانلىرى ئىش توختىتىشتىن ئىلگىرى، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنى ساقلايدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، سورۇنغا بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىنمىغان سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، مۇھىتنى بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقى پەيدا قىلىدىغان ئورۇنلاردىن ئۆزگەرگەنلىرى دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنمىغان سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقى ۋە ئۇنى ساقلايدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، سورۇننى بىخەتەر بىر تەرەپ قىلىشى ياكى تەدبىر قوللىنىپ، شۇ ئەسلىھە، سورۇننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۆزگىرىشتىن ئىلگىرى، ئالاقىدارلار سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقى ۋە ئۇنى ساقلايدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، سورۇننىڭ بۇلغاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جاۋابكارلىقى ھەققىدە ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ بويىچە بولىدۇ؛ لېكىن، ئالاقىدارلارنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەجبۇرىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

  بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى تاقىلىپ قالغان ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنمىغان سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقى ۋە ئۇنى ساقلايدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، سورۇننى بىخەتەر بىر تەرەپ قىلىش خىراجىتىنى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى چىقىرىدۇ؛ لېكىن شۇ ئورۇننىڭ يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن بولسا، بىر تەرەپ قىلىش خىراجىتىنى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى قوبۇل قىلغۇچى چىقىرىدۇ. ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ بويىچە بولىدۇ؛ لېكىن، ئالاقىدارلارنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش مەجبۇرىيىتىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

  36 – ماددا كانچىلىق كارخانىلىرى ئىلمىي كان ئېچىش ئۇسۇلى ۋە رۇدا تاللاش ھۈنىرىنى قوللىنىشى، قالدۇق رۇدا، كۆمۈر تېشى، كېرەكسىز تاش قاتارلىق كانچىلىق قاتتىق تاشلاندۇقىنىڭ پەيدا بولۇش مىقدارى ۋە ساقلاش مىقدارىنى ئازايتىشى كېرەك.

  قالدۇق رۇدا، كۆمۈرتېشى، كېرەكسىز تاش قاتارلىق كانچىلىق قاتتىق تاشلاندۇقىنى ساقلايدىغان ئەسلىھەلەر ئىشلىتىشتىن توختىتىلغاندىن كېيىن، كانچىلىق كارخانىسى دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراشقا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە پېچەتلەپ، مۇھىت بۇلغىنىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  37 – ماددا كېرەكسىز ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى چۇۋۇش، پايدىلىنىش، بىر تەرەپ قىلىشتا، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىپ، تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  3 – پاراگراف تۇرمۇش ئەخلىتىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش

  38 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر – يېزا تۇرمۇش ئەخلىتىنى يىغىش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇرمۇش ئەخلىتىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ۋە ئۇنى زىيانسىزلاندۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تۇرمۇش ئەخلىتىنى يىغىش، بىر تەرەپ قىلىشنىڭ كەسىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرمۇش ئەخلىتىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىجتىمائىي مۇلازىمەت سىستېمىسىنى پەيدىنپەي بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

  39 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىت تازىلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شەھەر تۇرمۇش ئەخلىتىنى ئادالاش، يىغىش، توشۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا تەشكىللىشى كېرەك، شارائىت ھازىرلىغان ئورۇنلارنى تۇرمۇش ئەخلىتىنى ئادالاش، يىغىش، توشۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا خېرىدار چاقىرىش يولى بىلەن تاللىسا بولىدۇ.

  40 – ماددا شەھەر تۇرمۇش ئەخلىتىنى مۇھىت تازىلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، كۆرسىتىلگەن جايغا تۆكۈش كېرەك. ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۆكۈشكە، چېچىۋېتىشكە ياكى دۆۋىلەپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

  41 – ماددا شەھەر تۇرمۇش ئەخلىتىنى ئادالاش، يىغىش، توشۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا، دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەر مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىپ، مۇھىتنى بۇلغاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  42 – ماددا شەھەر تۇرمۇش ئەخلىتىنى ۋاقتىدا ئادالاپ، ئۇنى تەدرىجىي ھالدا تۈرگە ئايرىپ يىغىش، توشۇش ھەمدە پائال تۈردە مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە زىيانسىزلاندۇرۇش كېرەك.

  43 – ماددا شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېقىلغۇ قۇرۇلمىسىنى پىلانلىق ياخشىلاپ، شەھەردە كۆمۈر گازى، تەبىئىي گاز، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز ۋە باشقا پاكىز ئېنېرگىيەنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

  شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى شەھەرگە پاكىز كۆكتات كىرگۈزۈپ، شەھەر تۇرمۇش ئەخلىتىنى ئازايتىشى كېرەك.

  شەھەردىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سېتىۋېلىش نۇقتىلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇرمۇش ئەخلىتىدىن يىغىۋېلىپ پايدىلىنىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  44 – ماددا تۇرمۇش ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى، سورۇنىنى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە قۇرۇلۇش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۇھىت ئاسراش ۋە مۇھىت تازىلىقى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن قىلىپ قۇرۇش كېرەك.

  تۇرمۇش ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى، سورۇنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاقىۋېتىش، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇش ياكى چۇۋۇۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ. تاقىۋېتىش، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇش ياكى چۇۋۇۋېتىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، شۇ جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت تازىلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن كېڭىشىپ، ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن تەستىقلىتىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىتنى بۇلغاشتىن ساقلىنىشى شەرت.

  45 – ماددا تۇرمۇش ئەخلىتىدىن يىغىۋېلىنغان ماددىلارنى دۆلەت بەلگىلىگەن ئىشلىتىش ئۇسۇلى ياكى ئۆلچەم بويىچە ئىشلىتىش شەرت، كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان مەھسۇلاتلارغا ئىشلىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

  46 – ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلار قۇرۇلۇش جەريانىدا پەيدا بولغان قاتتىق تاشلاندۇقنى ۋاقتىدا ئادالىشى ھەمدە مۇھىت تازىلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە پايدىلىنىشى ياكى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  47 – ماددا ئاممىۋى قاتناش – تىرانسپورت تىجارىتى قىلىدىغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، توشۇش جەريانىدا پەيدا بولغان تۇرمۇش ئەخلىتىنى ئادالىشى، يىغىشى كېرەك.

  48 – ماددا شەھەرلەردە يېڭى رايون قۇرىدىغان، كونا رايوننى ئۆزگەرتىدىغان ۋە تۇرالغۇ مەھەللىسى قۇرىدىغان ئورۇنلار شۇنىڭدەك ئايرودۇرۇم، پىرېستان، بېكەت، باغچا، ماگىزىن قاتارلىق جامائەت ئەسلىھەلىرى، سورۇنلىرىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ مۇھىت تازىلىقىغا دائىر بەلگىلىمىسى بويىچە، تۇرمۇش ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىنى يانداشتۇرۇپ ياسىشى كېرەك.

  49 – ماددا يېزا تۇرمۇش ئەخلىتىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كونكرېت چارىسى يەرلىك نىزاملاردا بەلگىلىنىدۇ.

  4 – باب خەتەرلىك تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر ئالاھىدە بەلگىلىمە

  50 – ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە، بۇ بابتىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ بۇ بابتا بەلگىلىمە چىقىرىلمىغانلىرىغا بۇ قانۇندىكى باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

  51 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۆلەتنىڭ خەتەرلىك تاشلاندۇق مۇندەرىجىسىنى بېكىتىشى، خەتەرلىك تاشلاندۇقنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ بىر تۇتاش ئۆلچىمى، ئۇسۇلى ۋە بەلگىسىنى بېكىتىشى كېرەك.

  52 – ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقنىڭ قاچىسى ۋە ئورۇسى شۇنداقلا خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يىغىدىغان، ساقلايدىغان، توشۇيدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھەلەر ۋە سورۇنلارغا خەتەرلىك تاشلاندۇقنى پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى قويۇش شەرت.

  53 – ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇق پەيدا قىلىدىغان ئورۇنلار خەتەرلىك تاشلاندۇقنى باشقۇرۇش پىلانىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تۈزۈشى ھەمدە ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا خەتەرلىك تاشلاندۇقنىڭ تۈرى، مىقدارى، يۆتكىلىشى، ساقلىنىشى، بىر تەرەپ قىلىنىشىغا دائىر ماتېرىياللارنى يوللىشى شەرت.

  ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان خەتەرلىك تاشلاندۇق باشقۇرۇش پىلانىغا خەتەرلىك تاشلاندۇقنىڭ مىقدارى ۋە زىيىنىنى ئازايتىش تەدبىرى شۇنىڭدەك خەتەرلىك تاشلاندۇقنى ساقلاش، پايدىلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى كىرگۈزۈش كېرەك. خەتەرلىك تاشلاندۇقنى باشقۇرۇش پىلانىنى خەتەرلىك تاشلاندۇق پەيدا قىلىدىغان ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.

  بۇ ماددىدا بەلگىلەنگەن مەلۇم قىلىدىغان ئىشلار ياكى خەتەرلىك تاشلاندۇقنى باشقۇرۇش پىلانىنىڭ مەزمۇنىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولسا، ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش كېرەك.

  54 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادنى ئومۇملاشتۇرۇپ ماكرولۇق تەڭشەش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، سورۇن قۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللەپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، سورۇننى شۇ ئەسلىھە ۋە سورۇننى قۇرۇش يىرىك پىلانى بويىچە قۇرۇشى كېرەك.

  55 – ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇق پەيدا قىلىدىغان ئورۇنلار خەتەرلىك تاشلاندۇقنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى شەرت، ئۇنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۆكۈشكە، دۆۋىلەپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ؛ بىر تەرەپ قىلمىغانلارنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ بىر تەرەپ قىلمىغانلارنى ياكى بىر تەرەپ قىلىشى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولمىغانلارنى شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئورۇن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ۋاكالىتەن بىر تەرەپ قىلىدۇ، بىر تەرەپ قىلىش خىراجىتىنى خەتەرلىك تاشلاندۇق پەيدا قىلغۇچى ئورۇن چىقىرىدۇ.

  56 – ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقنى كۆمۈپ بىر تەرەپ قىلىشى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولمىغانلار خەتەرلىك تاشلاندۇق ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. خەتەرلىك تاشلاندۇق ھەققى ئېلىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

  خەتەرلىك تاشلاندۇق ھەققى خەتەرلىك تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

  57 – ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يىغىدىغان، ساقلايدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ئورۇنلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ ئىجازەتنامە ئېلىشى شەرت؛ خەتەرلىك تاشلاندۇقتىن پايدىلىنىپ تىجارەت قىلىدىغان ئورۇنلار گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىپ، تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئېلىشى شەرت. كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

  تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالماي ياكى تىجارەت ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلماي، خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يىغىش، ساقلاش، پايدىلىنىش، بىر تەرەپ قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  خەتەرلىك تاشلاندۇقنى تىجارەت ئىجازەتنامىسى بولمىغان ئورۇنلارنىڭ يىغىشى، ساقلىشى، بىر تەرەپ قىلىشىغا بېرىش ياكى ھاۋالە قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  58 – ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يىغىش، ساقلاشتا، ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى بويىچە تۈرگە ئايرىش شەرت. بىر يەرگە قويغىلى بولمايدىغان، خەتەرسىزلەندۈرۈلمىگەن خەتەرلىك تاشلاندۇقنى ئارىلاشتۇرۇپ يىغىش، ساقلاش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  خەتەرلىك تاشلاندۇقنىڭ ساقلىنىشىدا، دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇھاپىزەت تەدبىرى قوللىنىش ھەمدە ساقلاش ۋاقتىنى 1 يىلدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك شەرت؛ ساقلاش مۆھلىتىنى ئۇزارتىشقا توغرا كەلسە، تىجارەت ئىجازەتنامىسى بېرىشنى تەستىقلىغان مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش شەرت؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

  خەتەرلىك تاشلاندۇقنى خەتەرسىز تاشلاندۇق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ساقلاش مەنئى قىلىنىدۇ.

  59 – ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يۆتكەيدىغانلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يۆتكەش تالونى تولدۇرۇشى شەرت. خەتەرلىك تاشلاندۇقنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن ھالقىپ يۆتكەيدىغانلار خەتەرلىك تاشلاندۇق يۆتكەپ چىقىلىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. يۆتكەپ چىقىلىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يۆتكەپ كېلىنىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن كېڭىشىپ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، شۇ خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يۆتكەشنى تەستىقلىسا بولىدۇ. تەستىقلانمىغانلىرىنى يۆتكەشكە بولمايدۇ.

  يۆتكەپ چىقىدىغان خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يۆتكەپ چىقىلىدىغان جاي بىلەن يۆتكەپ كېلىنىدىغان جايدىن باشقا مەمۇرىي رايوندىن ئۆتكۈزۈشتە، خەتەرلىك تاشلاندۇق يۆتكەپ چىقىلىدىغان جايدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يول بويىدىكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

  60 – ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقنى توشۇشتا، مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىش ھەمدە دۆلەتنىڭ خەتەرلىك مال توشۇشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش شەرت.

  خەتەرلىك تاشلاندۇق بىلەن يولۇچىلارنى بىر تىرانسپورت ۋاسىتىسىدە توشۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

  61 – ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يىغىش، ساقلاش، توشۇش، بىر تەرەپ قىلىش سورۇنى، ئەسلىھەسى، ئۈسكۈنىسى، قاچىسى، ئورۇسى ۋە باشقا بۇيۇملارنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىشتە، تازىلاش شەرت.

  62 – ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇق پەيدا قىلىدىغان، يىغىدىغان، ساقلايدىغان، توشۇيدىغان، بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان ئورۇنلار كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بەرگەندە قوللىنىدىغان مۇداپىئە تەدبىرى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى تۈزۈشى ھەمدە تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى؛ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈشى كېرەك.

  63 – ماددا ھادىسە ياكى باشقا تاسادىپىي ۋەقە تۈپەيلىدىن، خەتەرلىك تاشلاندۇقى مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان ئورۇنلار مۇھىت بۇلغىنىش زىيىنىنى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ تۈگىتىشى ياكى يېنىكلىتىشى، بۇلغىنىشنىڭ زىيىنىغا ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ئورۇن ۋە ئاھالىلەرنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى ھەمدە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا دوكلات قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى قوبۇل قىلىشى شەرت.

  64 – ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇق مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاش، ئاھالىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن ياكى شۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بارلىقى ئىسپاتلانغاندا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان باشقا تارماق شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا دەرھال دوكلات قىلىشى، خەلق ھۆكۈمىتى زىياننىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ياكى ئۇنى ئازايتىدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىشى شەرت. ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجغا قاراپ، مۇھىتنى بۇلغايدىغان ياكى بۇلغاش ئېھتىمالى بولغان مەشغۇلاتنى توختىتىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ.

  65 – ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان نۇقتىلىق ئەسلىھە، سورۇننى ئىشتىن توختىتىش خىراجىتىنى ئالدىن ئېلىپ، مەبلەغ تەخمىنچوتى ياكى تىجارەت تەننەرخىگە كىرگۈزۈش كېرەك. ئېلىش ۋە باشقۇرۇش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى ۋە باھا مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ.

  66 – ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگراسىدىن ئۆتكۈزۈپ يۆتكەش مەنئى قىلىنىدۇ.

  5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  67 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى باشقا تارماقلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىمغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

  (1) مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش ياكى تەستىق ھۆججىتى چىقىرىپ بېرىشتە قانۇنغا ئەمەل قىلمىغانلار؛

  (2) سېزىلگەن ياكى پاش قىلىنغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى ھەققىدىكى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋېلىپمۇ بىر تەرەپ قىلمىغانلار؛

  (3) نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، قانۇنغا ئەمەل قىلماسلىقتەك باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار.

  68 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جەرىمانە قويىدۇ:

  (1) سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنى مەلۇم قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشتا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى ساختىپەزلىك قىلغانلار؛

  (2) ۋاقتىنچە پايدىلانمايدىغان ياكى پايدىلانغىلى بولمايدىغان سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنى تۈرگە ئايرىپ بىخەتەر ساقلايدىغان ئەسلىھە، سورۇن قۇرمىغانلار ياكى زىيانسىزلاندۇرۇش تەدبىرى قوللانمىغانلار؛

  (3) بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە شاللىۋېتىش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلۈپ شاللىۋېتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرگەنلەر؛

  (4) قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەسلىھەسى ۋە سورۇنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاقىۋەتكەن، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويغان ياكى چۇۋۇۋەتكەنلەر؛

  (5) تەبىئي مۇھاپىزەت رايونى، داڭلىق مەنزىرە رايونى، ئىچىملىك سۇ مەنبەسى مۇھاپىزەت رايونى، ئاساسىي ئېتىز مۇھاپىزەت رايونى ۋە ئالاھىدە مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان باشقا رايوندا سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنى يىغىپ ساقلاش، بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى، سورۇنى ۋە تۇرمۇش ئەخلىتى كۆمۈش مەيدانى قۇرغانلار؛

  (6) قاتتىق تاشلاندۇقنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ مەمۇرىي رايونىدىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكەپ چىقىپ ساقلىغان ۋە بىر تەرەپ قىلغانلار؛

  (7) مۇناسىپ مۇداپىئە تەدبىرى قوللانماي، سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنى توزۇتۇۋەتكەن، چۈشۈرۈپ قويغان، ساقىتىۋەتكەنلەر ياكى مۇھىتنى بۇلغايدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار؛

  (8) سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقىنى توشۇۋاتقاندا، يول بويىغا تاشلىۋەتكەن، چېچىۋەتكەنلەر.

  ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (8) تارماقچىسىدىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ (2)، (3)، (4)، (5)، (6)، (7) تارماقچىسىدىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  69 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرۇلۇشقا يانداشتۇرۇپ قۇرىدىغان قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەسلىھەسىنى قۇرماي، تەكشۈرتمەي ياكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزەلمەي تۇرۇپ، گەۋدە قۇرۇلۇشىنى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرگەنلەر ياكى ئىشلەتكەنلەرنى شۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەستىقلىغان مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىش ياكى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

  70 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى باشقا تارماقنىڭ نەق مەيداننى تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلارنى نەق مەيداننى تەكشۈرگەن تارماق بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغان ياكى تەكشۈرۈشتە ساختىپەزلىك قىلغانلارغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  71 – ماددا چارۋا – قۇشلارنى كۆلەملەشتۈرۈپ باققۇچىلاردىن چارۋا – قۇشلارنىڭ قىغىنى يىغىش، ساقلاش، بىر تەرەپ قىلىشتا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلماي، مۇھىتنى بۇلغىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

  72 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شاللىۋېتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقان، ئىمپورت قىلغان ياكى ئىشلەتكەنلەرنى ياكى شاللىۋېتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش ھۈنىرىنى قوللانغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى ئومۇملاشتۇرۇپ ماكرولۇق تەڭشەش تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ. قىلمىشى ئېغىرلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادنى ئومۇملاشتۇرۇپ ماكرولۇق تەڭشەش تارمىقى پىكىر تەييارلاپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئىش توختىتىش ياكى تاقاش قارارى چىقىرىشىغا يوللايدۇ.

  73 – ماددا قالدۇق رودا، كۆمۈر تېشى، كېرەكسىز تاش قاتارلىق كانچىلىق قاتتىق تاشلاندۇقىنى ساقلايدىغان ئۈسكۈنىلەر ئىشلىتىشتىن توختىتىلغاندىن كېيىن پېچەتلەشتە، دۆلەتنىڭ مۇھىت ئاسراشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

  74 – ماددا بۇ قانۇندىكى شەھەر تۇرمۇش ئەخلىتىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت تازىلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جەرىمانە قويىدۇ:

  (1) تۇرمۇش ئەخلىتىنى ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۆككەن، چاچقان ياكى دۆۋىلەپ قويغانلار؛

  (2) تۇرمۇش ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى، سورۇنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاقىۋەتكەن، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويغان ياكى چۇۋۇۋەتكەنلەر؛

  (3) قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىن قۇرۇلۇشتا پەيدا بولغان قاتتىق تاشلاندۇقنى ۋاقتىدا ئادالىماي ۋە يۆتكىمەي، مۇھىتنى بۇلغىغانلىرى؛

  (4) قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىن مۇھىت تازىلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلماي، قۇرۇلۇشتا پەيدا بولغان قاتتىق تاشلاندۇقتىن پايدىلانمىغان ياكى ئۇنى بىر تەرەپ قىلمىغانلىرى؛

  (5) تۇرمۇش ئەخلىتىنى توشۇۋاتقاندا يول بويىغا تاشلىۋەتكەن، چېچىۋەتكەنلەر.

  ئورۇنلاردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (3)، (5) تارماقچىسىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ (2)، (4) تارماقچىسىدىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. شەخسلەردىن ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (5) تارماقچىسىدىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  75 – ماددا بۇ قانۇندىكى خەتەرلىك تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىپ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جەرىمانە قويىدۇ:

  (1) خەتەرلىك تاشلاندۇقنى پەرقلەندۈرۈش بەلگىسى قويمىغانلار؛

  (2) خەتەرلىك تاشلاندۇقنى مەلۇم قىلىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشتا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى ساختىپەزلىك قىلغانلار؛

  (3) خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يىغىپ بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەسلىھە، سورۇننى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاقىۋەتكەن، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويغان ياكى چۇۋۇۋەتكەنلەر؛

  (4) خەتەرلىك تاشلاندۇق ھەققى تاپشۇرۇشتا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

  (5) خەتەرلىك تاشلاندۇقنى ئىجازەتنامىسى يوق ئورۇننىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا بەرگەن ياكى ھاۋالە قىلغانلار؛

  (6) خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يۆتكەش تالونى تولدۇرۇشتا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ، خەتەرلىك تاشلاندۇقنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىگەنلەر؛

  (7) خەتەرلىك تاشلاندۇقنى خەتەرسىز تاشلاندۇققا ئارىلاشتۇرۇپ ساقلىغانلار؛

  (8) بىر يەرگە قويغىلى بولمايدىغان خەتەرلىك تاشلاندۇقنى خەتەرسىزلەندۈرمەي تۇرۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ يىغقان، ساقلىغان، توشۇغان، بىر تەرەپ قىلغانلار؛

  (9) خەتەرلىك تاشلاندۇق بىلەن يولۇچىلارنى بىر ترانسپورت ۋاسىتىسىدە توشۇغانلار؛

  (10) خەتەرلىك تاشلاندۇق يىغقان، ساقلىغان، توشۇغان، بىر تەرەپ قىلغان سورۇن، ئەسلىھە، ئۈسكۈنە، قاچا ۋە ئورۇ ھەمدە باشقا نەرسىلەرنى باشقا ئىشقا ئىشلىتىشتە تازىلىمىغانلار؛

  (11) مۇناسىپ مۇداپىئە تەدبىرى قوللانماي، خەتەرلىك تاشلاندۇقنى توزۇتۇۋەتكەن، چۈشۈرۈپ قويغان، ساقىتىۋەتكەنلەر ياكى مۇھىتنى بۇلغايدىغان باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلار؛

  (12) خەتەرلىك تاشلاندۇقنى توشۇشتا، يول بويىغا تاشلىۋەتكەن، چېچىۋەتكەنلەر؛

  (13) كۈتۈلمىگەن خەتەرلىك تاشلاندۇق ھادىسىسى يۈز بەرگەندە قوللىنىدىغان جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھىسى ۋە مۇداپىئە تەدبىرى تۈزمىگەنلەر.

  ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (2)، (7)، (8)، (9)، (10)، (11)، (12)، (13) تارماقچىسىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ (3)، (5)، (6) تارماقچىسىدىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئالدىنقى تارماقنىڭ (4) تارماقچىسىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىلار ھەقنى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تاپشۇرىدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ تاپشۇرمىغانلارغا تاپشۇرىدىغان خەتەرلىك تاشلاندۇق ھەققىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  76 – ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇق چىقارغۇچىلاردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەتەرلىك تاشلاندۇقىنى بىر تەرەپ قىلمىغان ھەم قانۇن بويىچە چىقىرىدىغان بىرتەرەپ قىلىش ھەققىنى تۆلىمىگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ۋاكالىتەن بىر تەرەپ قىلىش ھەققىنىڭ 1 ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  77 – ماددا خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يىغىش، ساقلاش، پايدىلىنىش، بىر تەرەپ قىلىشتا، تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئالمىغانلار ياكى ئىجازەتنامىدە بەلگىلەنگىنىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ 3 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتىكى ئىشلارنى قىلىشتا، تىجارەت ئىجازەتنامىسىدە بەلگىلەنگىنىگە ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ ئىجازەتنامىسىنى شۇ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بەرگەن ئورگان بىكار قىلسىمۇ بولىدۇ.

  78 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقنى چېگرا ئىچىگە ئۆتكۈزۈپ تۆككەن، دۆۋىلەپ قويغان، بىر تەرەپ قىلغانلار، ئىمپورت قىلىش مەنئى قىلىنغان قاتتىق تاشلاندۇقنى ئىمپورت قىلغانلار ياكى ئىمپورتىغا چەك قويۇلغان قاتتىق تاشلاندۇقنى ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كىرگۈزۈپ، خام ئەشيا قىلغانلارنى تاموژنا قايتۇرۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 1 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ئىمپورتچىسى ئېنىق بولمىغان قاتتىق تاشلاندۇقنى قايتۇرۇۋېتىش جاۋابكارلىقىنى توشىغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ ياكى بۇ قاتتىق تاشلاندۇقنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدىن قېچىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى سىرتىدىكى قاتتىق تاشلاندۇقنى چېگرادىن ئۆتكۈزۈپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  79 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خەتەرلىك تاشلاندۇقنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگراسى ئارقىلىق يۆتكىگەنلەرنى تاموژنا خەتەرلىك تاشلاندۇقنى قايتۇرۇۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

  80 – ماددا چېگرا ئىچىگە قانۇنسىز كىرگۈزۈلگەن قاتتىق تاشلاندۇقنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تاموژنىغا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى قويىدۇ. تاموژنا مۇشۇ قانۇننىڭ 78 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا قارارى چىقىرىدۇ؛ مۇھىتنى بۇلغىغانلىرىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بۇلغىنىشنى تۈگىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

  81 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قاتتىق تاشلاندۇقى مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزەش قارارى چىقىرىدۇ؛ تۈزەش ۋەزىپىسىنى مۆھلەت ئۆتسىمۇ ئادا قىلمىغانلارنىڭ ئىش توختىتىشى ياكى تاقىشىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارار قىلىدۇ.

  82 – ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قاتتىق تاشلاندۇقى مۇھىتنى بۇلغاش ھادىسىسى پەيدا قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. زور زىيان سالغانلارغا بىۋاسىتە زىياننىڭ %30 ى بويىچە جەرىمانە قويىدۇ، لېكىن يۇقىرى بولغاندا 1 مىليون يۈەندىن ئاشمايدۇ، جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ قاتتىق تاشلاندۇقى مۇھىتنى بۇلغاپ، ئېغىر ھادىسە پەيدا قىلغانلارنىڭ ئىش توختىتىشى ياكى تاقىشىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قارار قىلىدۇ.

  83 – ماددا قاتتىق تاشلاندۇقنى يىغىش، ساقلاش، پايدىلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا، بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، زور مۇھىت بۇلغىنىش ھادىسىسى پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  84 – ماددا قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ بۇلغىشىدىن زىيانغا ئۇچرىغان ئورۇن ۋە شەخسلەر زىياننى تۆلەپ بېرىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

  تۆلەم جاۋابكارلىقى ۋە تۆلەم سوممىسى ماجىراسىنى ئالاقىدارلارنىڭ تەلىپى بويىچە، مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ياكى قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى باشقا تارماق مۇرەسسە يولى بىلەن بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. مۇرەسسەدە كېلىشەلمىسە، ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ. ئالاقىدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

  دۆلەت قانۇن مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش دەۋاسىدىكى زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا قانۇن ياردىمى بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

  85 – ماددا قاتتىق تاشلاندۇقى مۇھىتنى بۇلغىغانلار خەۋپنى تۈگىتىپ، قانۇن بويىچە زىياننى تۆلىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

  86 – ماددا قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىدىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەش دەۋاسىدا، زىيان سالغۇچىلاردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىش سەۋەبى ۋە ئۆزىنىڭ قىلمىشى بىلەن زىيان سېلىش نەتىجىسى ئوتتۇرىسىدا سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى بولمىغانلىرى ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  87 – ماددا قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغاش زىيىنىنى تۆلەش جاۋابكارلىقى ۋە تۆلەم سوممىسى ماجىراسىدا ئالاقىدارلار كۆزىتىش سانلىق مەلۇماتى بېرىشنى مۇھىت كۆزىتىش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. مۇھىت كۆزىتىش ئاپپاراتى ھاۋالىنى قوبۇل قىلىپ، كۆزىتىشكە دائىر سانلىق مەلۇماتنى ئەينەن بېرىشى كېرەك.

  6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  88 – ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

  (1) قاتتىق تاشلاندۇق دېگىنىمىز: ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە باشقا پائالىيەتلەردە پەيدا بولغان، پايدىلىنىش قىممىتىنى يوقاتقان ياكى پايدىلىنىش قىممىتىنى يوقاتمىغان بولسىمۇ، تاشلىۋېتىلگەن قاتتىق، يېرىم قاتتىق ھالەتتىكى ۋە قاچىدىكى گاز ھالەتتىكى بۇيۇم، ماددا، شۇنىڭدەك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا قاتتىق تاشلاندۇق قاتارىدا باشقۇرۇش بەلگىلەنگەن بۇيۇم، ماددىنى كۆرسىتىدۇ.

  (2) سانائەت قاتتىق تاشلاندۇقى دېگىنىمىز: سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا پەيدا بولغان قاتتىق تاشلاندۇقنى كۆرسىتىدۇ.

  (3) تۇرمۇش ئەخلىتى دېگىنىمىز: كۈندىلىك تۇرمۇشتا ياكى كۈندىلىك تۇرمۇش مۇلازىمىتىدە پەيدا بولغان قاتتىق تاشلاندۇق ھەمدە قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تۇرمۇش ئەخلىتى ھېسابلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن قاتتىق تاشلاندۇقنى كۆرسىتىدۇ.

  (4) خەتەرلىك تاشلاندۇق دېگىنىمىز: دۆلەتنىڭ خەتەرلىك تاشلاندۇق مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن ياكى دۆلەت بەلگىلىگەن خەتەرلىك تاشلاندۇقنى پەرقلەندۈرۈش ئۆلچىمى ۋە پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن خەتەرلىك تاشلاندۇقنى كۆرسىتىدۇ.

  (5) ساقلاش دېگىنىمىز: قاتتىق تاشلاندۇقنى مۇئەييەن ئەسلىھە ياكى سورۇندا ۋاقىتلىق قويۇپ قويۇشنى كۆرسىتىدۇ.

  (6) بىر تەرەپ قىلىش دېگىنىمىز: قاتتىق تاشلاندۇقنى كۆيدۈرۈپ ۋە ئۇنىڭ فىزىكىلىق، خىمىيەلىك، بىيولوگىيەلىك خۇسۇسىيىتىنى ئۆزگەرتىدىغان باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش، ھەجىمىنى كىچىكلىتىش، خەتەرلىك تەركىبىنى ئازايتىش ياكى تۈگىتىش ۋە ياكى قاتتىق تاشلاندۇقنى ئاخىرىدا مۇھىت ئاسراش بەلگىلىمىسىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن بولغان جايغا كۆمۈشنى كۆرسىتىدۇ.

  (7) پايدىلىنىش دېگىنىمىز: قاتتىق تاشلاندۇقتىن ئېلىنغان ماددىلارنى خام ئەشيا قىلىش ياكى يېقىلغۇ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

  89 – ماددا سۇيۇق تاشلاندۇقنىڭ بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. لېكىن سۇغا چىقىرىلغان كېرەكسىز سۇدىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە، بۇ قانۇن تەتبىقلانماي، ئالاقىدار قانۇنلار تەتبىقلىنىدۇ.

  90 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ۋە قاتناشقان قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر خەلقئارا شەرتنامىلەردە مۇشۇ قانۇندىكىگە ئوخشىمايدىغان بەلگىلىمە بولسا، خەلقئارا شەرتنامىدىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ؛ لېكىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پىكرىدە قالىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ماددىلار بۇنىڭ سىرتىدا.

  91 – ماددا بۇ قانۇن 2005 – يىل 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى