تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن ئۇچۇرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى›› قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى(ئۈزۈندە)

  (2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

  57 – نومۇرلۇق

  ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى

  12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 – يىغىنى مۇنداق قارار چىقاردى:

  ...

  8. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

  (1) 44 – ماددىسىنىڭ 2 – تارمىقى: ‹‹تۇرمۇش ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى، سورۇنىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تاقىۋېتىش، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇش ياكى چۇۋۇۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ تاقىۋېتىش، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇش ياكى چۇۋۇۋېتىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، شۇ جايدىكى شەھەرلىك، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت تازىلىقى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇ جايدىكى مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن كېڭىشىپ، ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن تەستىقلىتىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، مۇھىتنى بۇلغاشتىن ساقلىنىشى شەرت›› دەپ تۈزىتىلدى.

  (2) 59 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقى: ‹‹خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يۆتكەيدىغانلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يۆتكەش تالونى تولدۇرۇشى شەرت. خەتەرلىك تاشلاندۇقنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن ھالقىپ يۆتكەيدىغانلار خەتەرلىك تاشلاندۇق يۆتكەپ چىقىلىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. يۆتكەپ چىقىلىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يۆتكەپ كېلىنىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بىلەن كېڭىشىپ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن، شۇ خەتەرلىك تاشلاندۇقنى يۆتكەشنى تەستىقلىسا بولىدۇ. تەستىقلانمىغانلىرىنى يۆتكەشكە بولمايدۇ›› دەپ تۈزىتىلدى.

  ...

  بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېڭىز ئۈستى قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاموژنا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو – چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەنتەربىيە قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆمۈر قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساياھەت قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە
  • تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەرگە لىق تولدى
  • ھەر مىللەت ئامما بايرامنى خۇشال ئۆتكۈزدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى