تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمەن، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەگە، ۋەتەنگە ئۆزىنى بېغىشلاشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمەن

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى باقىت قېدىرباي

  مەن قازاق ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادام پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ يېتىشىپ چىققان، دادام پارتىيەگە چەكسىز سادىق ئىدى، ئۇ ئۆز كەچۈرمىشلىرى ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بىزگە قانداق ئادەم بولۇش، قانداق ئىشلارنى قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى ۋە بىزنى يېتەكلەيتتى، بىزگە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، دۆلەت ۋە خەلققە ياراملىق ئادەم بولۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى. مەن يەسلىدىن باشلاپ ھەر مىللەت دوستلار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئويناپ، بىللە چوڭ بولدۇم. ھەربىر قەدەمدىكى ئۆسۈپ يېتىلىش، ئىلگىرىلەش مۇساپەم پارتىيە تەشكىلىنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، پارتىيە ۋە دۆلەت ماڭا خىزمەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى، شۇڭا پارتىيە ۋە دۆلەتكە چىن قەلبىمدىن تەشەككۇر ئېيتىمەن. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ۋە ياخشىلايدىغان بىرقاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمى ئاشتى، داۋالىنىشى ئاسانلاشتى، ئوقۇشتىن غەم قىلمايدىغان، ھەممەيلەن يورۇق، ئازادە ئۆيلەردە ئولتۇرالايدىغان بولدى... مەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چىن كۆڭلىدىن ئۇرغۇپ چىققان مىننەتدارلىق، تەشەككۈر بىلدۈرۈش ھېسسىياتىنى ھېس قىلماقتىمەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى، پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پارتىيەنىڭ خەلقچىل، خەلقپەرۋەر، خەلق مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.

  پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىمەن. مەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى مەڭگۈ ئۇنتۇماي، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسى باشلاندى. پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىمدەك بىرىنچى سالاھىيىتىمنى، پارتىيە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتەك بىرىنچى مەسئۇلىيىتىمنى ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرىمەن.

  مۇقىملىقنىڭ تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىمەن. مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ دوستانە ئۆتۈشى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ ئۇل تېشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورۇنىۋېلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ماھىيىتىنىڭ مىللەت مەسىلىسىمۇ، دىن مەسىلىسىمۇ ئەمەس، ماھىيەتتە شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىشتەك رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىمەن؛ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ بىگۇناھ جانغا زامىن بولۇپ، نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپنى بۇزىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسىمەن، قانۇننىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغدايمەن، قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىمەن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››نىڭ رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى ھەرۋاقىت قەدىرلەيمەن.

  بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت ئەمەلىيىتىمدە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشانغا يېتىشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى كۆزلەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ زېمىنىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى