تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن

  شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇھى(شىنجاڭ شامال ئېنېرگىيەسى تەتقىقات ئورنى)دىن دانىيار دىلشات

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تېز تەرەققىياتى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۈنسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىدەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى كۆرۈشنى خالىماي، رەزىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ئىغۋا توقۇپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئىنتايىن ۋەھشى زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاشتىن ئىبارەت رەزىل سۇيىقەستىگە يەتمەكچى بولدى؛ ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بۇ ئىغۋالار ئارقىلىق ئۆزلىرىنى پەردازلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بىر قازاندا قايناپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى بۇزۇشقا ئۇرۇندى.

  دۆلەت كارخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار. ھازىرقى زاماندا ياشاۋاتقان ياش بولۇشتەك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئۈلگىلەردىن، ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك››كە قارشى كۈرەشتە قورقماي، قەتئىي چېكىنمەي، ھالقىلىق پەيتتە دادىل مەيدانىمنى بىلدۈرۈپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، ئورنۇمدىن دەس تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى قەتئىي تارمار قىلىمەن. مەن باشتىن – ئاخىر قەتئىي ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشنى مۇھىم، ئۇزاق مۇددەتلىك سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پوزىتسىيەدە كەسكىن، ھەرىكەتتە يۈكسەك ئاڭلىق بولۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

  جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشى خاتىرجەم بولۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتى. تۈرلۈك سىناقلار ئالدىدا بىز ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي، خىرىسلارغا دادىل تاقابىل تۇرۇپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، سىياسىي مەيدانىمىزدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك؛ ‹‹ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ ـــ بەخت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىقنىڭ ــ ئاپەت›› ئىكەنلىكىنى ھەر ۋاقىت ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى ياخشى قوغداپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇشىمىز كېرەك.

  ياشلار دۆلەتنىڭ ئۈمىدى، ۋەتەننىڭ كەلگۈسى. ئىلىم – پەنگە ھۆرمەت قىلىش، ھەقىقەت ئىزدەش ــ ھازىرقى زامان ياشلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچى. بىز چوقۇم توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق ھايات كوردىناتىمىزنى توغرىلىشىمىز كېرەك. ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش››تىكى ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، نادان، قالاق ئىدىيەۋى قاراش ۋە ھەرىكەت ئۇسۇلىنى چۆرۈپ تاشلاپ، يۈكسەك ھوشيارلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇپ، ھەق – ناھەق قارىشىمىزنى كۈچەيتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ، بارلىق خاتا سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا يولدا مېڭىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇ بىز كەڭ ياشلارغا ھازىرلانغان قابىلىيىتىمىزنى نامايان قىلىدىغان، نەتىجە يارىتىپ تۆھپە قوشىدىغان كەڭ سەھنە. بىز چوقۇم دەۋر قەدىمىگە يېتىشىپ، تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، قەيسەر، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان ئىستىل تۇرغۇزۇپ، ياشلارنىڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ‹‹ياشلار روناق تاپسا، دۆلەت گۈللىنىدۇ، ياشلار كۈچەيسە، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ. ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەت ئىستىقباللىق بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ›› دەپ كۆرسەتتى. بىز ھازىرقى زامان ياشلىرى چوقۇم پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، غايە – ئېتىقاد بايرىقىنى باشتىن – ئاخىر جەۋلان قىلدۇرۇپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، توغرىنى تاللاپ، پۇختا، ئەمەلىي ئىشلەپ، سالماق بولۇپ، ئوڭۇشسىزلىقتىن قورقماي، بوشاشماي ئىلگىرىلەپ، ئۆزىمىزنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تارىخىي ئېقىنىدا ھەقىقىي تاۋلاپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىشتە نۇر ۋە ئىللىقلىق تارقىتىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى