تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

تارىخنى ئۇنتۇماي، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلايلى

   ـــ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا 4 –قېتىملىق دۆلەتلىك تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن

  ‹‹جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون باسقۇنچىلىرى نەنجىڭنى خانىۋەيران قىلدى. ئاۋامنى تالان – تاراج ۋە قىرغىن قىلدى. 300 مىڭ كىشى ئارمان بىلەن جېنىدىن جۇدا بولدى. قۇياش ۋە ئاي خىرەلەشتى، يەر – زېمىن تىترىدى. بۇنداق قەبىھ ياۋۇزلۇق دۇنيادا ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن››.

  بۈگۈن نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت قانلىق ۋەقەنىڭ 80 يىللىق خاتىرە كۈنى، شۇنداقلا نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا 4 – قېتىملىق دۆلەتلىك تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى. بۇ قايغۇلۇق كۈندە بىز نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا بىگۇناھ قازا قىلغانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان بارلىق قېرىنداشلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە مىللىي قەھرىمانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز.

  ئۈچ يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەتلىك تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش يۈكسەك ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇماي، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى ئېچىشتەك قەتئىي مەيدانىنى جاكارلىغانىدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان، بىز دۆلەت نامىدا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ھۆرمەت ھېسسىياتىمىز بىلەن تىنچلىقنى قەدىرلەپ، مىللەتنىڭ كۈچى بىلەن گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلىدۇق. ھازىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چەكسىز پارلاق، جۇڭگو خەلقىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش ئىرادىسى تېخىمۇ مۇستەھكەم.

  1937 – يىلى 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرى نومۇسسىزلارچە جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغاپ، جۇڭگو خەلقىگە مىسلىسىز زور ئاپەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون ئارمىيەسى 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى نەنجىڭغا ياۋۇزلارچە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ۋەقەسىنى سادىر قىلدى، 300 مىڭ قېرىندىشىمىز ئېچىنىشلىق قىرغىن قىلىندى. بۇ كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىنتايىن زۇلمەتلىك بىر بەت، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك يۈرەك يارىسى بولۇپ قالدى. ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ئىگە جۇڭگو خەلقى ئىنتايىن قەبىھ، ياۋۇز ياپون تاجاۋۇزچىلىرى ئالدىدا تىز پۈكمىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ چاقىرىقى ۋە يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئاكتىپ كۈچلىرى دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، تاشقى دۈشمەنگە بىردەك تاقابىل تۇرۇپ، ئاخىرىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  ‹‹كىم تارىخنى ئۇنتۇپ قالسا، شۇ روھىي جەھەتتىن كېسەلگە مۇپتىلا بولىدۇ››. 80 يىل ئۆتۈپ كەتتى، تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئوق ئاۋازى تارىخنىڭ چاڭ – توزانلىرىدا كۆمۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، جۇڭخۇامېن سېپىلىدىكى ئوقلارنىڭ ئىزىنى يەنىلا ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ؛ نەنجىڭ شەھىرىدىن تارالغان پىغانلىق سادا شامالغا ئەگىشىپ ئۆچكەن بولسىمۇ، بىراق ‹‹تۈمەن مىڭ كىشىلىك ئازگال››دا جەسەت سۆڭەكلىرى يەنىلا مەۋجۇت. تارىخ دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ، پاكىتمۇ تىنىۋېلىش بىلەن يوقاپ كەتمەيدۇ. نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت قانلىق ۋەقەنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، تارىخنى ئۆزگەرتىش ۋە زوراۋانلىقنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنۇپ، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت قانلىق ۋەقە ۋە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىن تىنىۋېلىشتەك رەزىل قىلمىشقا 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقى ھەرگىز قوشۇلمايدۇ، شۇنداقلا ئۇ دۇنيادىكى تىنچلىق ۋە ھەققانىيەتنى سۆيىدىغان بارلىق خەلقنىڭ ئەيىبلىشى ۋە لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. ‹‹تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە ئۇرۇش دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى››. يىلمۇ يىل داۋاملاشقان دۆلەتلىك تەزىيە بىلدۈرۈش جاھان ئەھلىگە جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا، تارىخنى بۇرمىلاشقا قارشى تۇرىدىغان مەيدانىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، مىللىي گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسىدىن، ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىنى، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  دۆلەت نامى بىلەن، جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىمىز. ‹‹400 مىليون كىشى بىر مەقسەتتە قوراللىنىپ جەڭگە ئاتلاندى››، جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زاۋاللىقتىن گۈللىنىشكە يۈزلىنىدىغان زور بۇرۇلۇشىنى باشلىغانلىقىدىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدىن دېرەك بەردى، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن، جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلماقتا، ئۈمىد نۇرى كۆز ئالدىمىزدا. تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتەك قەتئىي ئېتىقاد بىلەن، قېرىنداشلار ۋە قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىش داۋامىدا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان ئۇلۇغ مىللىي روھنى مۇجەسسەملىگەندىلا، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

  دۆلەت نامى بىلەن، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى ئورتاق ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئۇزاققىچە تىنچ تۇرىدىغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان دۇنيانى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىمىز. جۇڭخۇا مىللىتى قېرىنداشلىرى ئېچىنىشلىق قىرغىن قىلىنىش، قانلار دەريا بولۇپ ئېقىشتەك ئازابنى باشتىن كەچۈرگەن، شۇڭا تىنچلىققا نىسبەتەن ‹‹پايدىسىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىلى بولمايدۇ›› دېگەن قائىدىنى تېخىمۇ چۈشىنىدۇ، ‹‹تىنچ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ ئۈمىدكە تولغان كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتىش›› ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭ. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىشىدىن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكىچە جۇڭگو ئىنسانىيەتكە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى باشتىن – ئاخىر ئۆزىنىڭ بۇرچى قىلىپ، باشتىن – ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنى قۇرغۇچى، پۈتۈن دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقۇچى، خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىغۇچى بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە ئىنسانلارنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى بىرلىكتە يارىتىدۇ.

  تارىخنى ئۇنتۇماي، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىرادە باغلاندى. بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئاياغ – ئاستى قىلىنىدىغان، يەتكىچە ئازاب – ئوقۇبەت تارتىدىغان دەۋرى كەلمەسكە كەتتى. پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرى بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، بىر مەقسەتتە قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھارماي – تالماي كۈرەش قىلىشى كېرەك، بۇ دەل قازا قىلغان قېرىنداشلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى تەسەللى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى