تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

يېڭى زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەلەپنى قاندۇرايلى

  شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورى

  11 – ئاينىڭ 30 – كۈنى قەشقەر شەھەرلىك 1 – سالامەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىدە ئەمدىلا سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتكەن قەشقەر شەھىرى ئاھالىسى غۇلامجان مەمەتتوختى ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشتە پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلۈپلا قالماي، يەنە قەلبى ئىللىتىلدى. بىز پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇق.

  قاغىلىق ناھىيەسىدىن كورلا ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى مەلۇم شىركەتكە كېلىپ ئىشلەۋاتقان ئارزۇگۈل ئابلا مۇنداق دېدى: پويىزدىن چۈشكەن شۇ دەقىقىدىلا ئىللىقلىق ھېس قىلغانىدىم، كارخانىغا كىرگەندىن كېيىن ھەر تەرەپلىمە غەمخورلۇققا ئېرىشتىم. كارخانا يېنىمىزدا كۆپ پۇل يوقلۇقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەر بىرىمىزگە 1000 يۈەندىن تۇرمۇش پۇلى بەردى؛ ئائىلىسىنى سېغىنىپ، كۆڭلى يېرىم بولمىسۇن دەپ، تۇغۇلغان كۈنلىرىمىزنى ۋە ھېيت – بايراملارنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. مەن چوقۇم تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ ۋە ئۆگىنىپ، كۆپچىلىككە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  ‹‹ئىللىقلىق›› ‹‹غەمخورلۇق›› ... بۇ سۆزلەردە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىدىكى تولۇپ تاشقان ئېرىشىش تۇيغۇسى ئەكس ئەتتى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىشنى باشتىن – ئاخىر ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ، خەلق تۇرۇمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئىشلارغا ئالدىن تۇتۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شۇ دەرىجىلىك مالىيە چىقىمى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلەتتى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىن مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشكىچە، داۋالاش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشكىچە، نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئەمىن تاپقۇزۇپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشكىچە، ئىللىقلىق ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشتىن چېگرانى گۈللەندۈرۈپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشكىچە، شۇنداقلا بىخەتەرلىك ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشكىچە... ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستى، تۇرمۇش سۈپىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى.

  يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، جەمئىيىتىمىزدىكى ئاساسلىق زىددىيەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەردى. زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ‹‹خەلق تۇرمۇشى›› دېگەن سۆزنىڭ خاس مەزمۇنى ۋە ئۇقۇم دائىرىسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگەردى ۋە كېڭەيدى. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە يېتەرلىك كىرىم، باراۋەر بولغان پاراۋانلىق، گۈزەل مۇھىت، شۇنداقلا كىشىلىك تۇرمۇشتىكى باراۋەر ئۆزىنى نامايان قىلىش پۇرسىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۈزەل ياشاش مۇھىتىغا بولغان ئىنتىلىش ۋە تەلپۈنۈشكە كېڭەيدى. يېڭى دەۋردىكى يېڭى زىددىيەتنى چىڭ تۇتساقلا، دەۋرنىڭ تەرەققىيات رىتىمىنى ئىگىلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايمىز.

  يېڭى زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەلەپنى قاندۇرۇشتا ئەسلىي مەقسەتنى ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەك. كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەسىلىسى بىر پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ خاراكتېرىنى سىنايدىغان سىناشتۇر. خەلقنى يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش ـــ پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر قەتئىي ئېغىشمايدىغان كۈرەش نىشانى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى دەۋر ئالاھىدىلىكىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدىن، خىزمەت تەلىپىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن پارتىيەمىزنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. ئاممىنىڭ يېڭى ئارزۇسى، يېڭى تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، خەلقنىڭ كىچىك ئىشىنى ئۆزىمىزنىڭ چوڭ ئىشى دەپ بىلىپ، ئىشنى خەلقنىڭ كۈتكىنى، ئويلىغىنىدىن، خەلق رازى بولىدىغان ئىشلاردىن باشلىغاندىلا، يېڭى دەۋردە خەلق تۇرمۇشىنىڭ يېڭى كارتىنىسىنى يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، خەلقنى يېتەكلەپ ئۈزلۈكسىز گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش نىشانىغا يېتەلەيمىز.

  يېڭى زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەلەپنى قاندۇرۇشتا ئىلمىي روھ ۋە ئاقىلانە پوزىتسىيە بولۇشى كېرەك. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا دۆلىتىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر خۇلاسىلەش ئاساسىدا ھازىرقى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىنى ئاساس قىلىپ، ‹‹خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، ھەم ھالىمىزغا بېقىپ ئىش كۆرۈپ، ئىشنى ئىشقا، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەش لازىم››، دەپ كۆرسىتىلدى. ‹‹چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش››، ‹‹ھالىغا بېقىپ ئىش كۆرۈش›› دەل يېڭى دەۋردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتكى يېڭى مەزمۇنلاردۇر. بىر تەرەپتىن، سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، خەلقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، كەلگۈسىدىكى مۇقىملىق، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى پىلانلاپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن، تۈرلۈك بايلىق، ئىقتىدار ۋە سۇبيېكتىپ، ئوبيېكتىپ شارائىتلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئىلمىي يۈزلىنىپ، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشى خىزمەت نىشانىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى