تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىنچىكە، پۇختا بولۇشقا كۈچەپ، دەل جايىدا بولۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  لى پېڭشىن ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى توغرىسىدا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى:

  ئىنچىكە، پۇختا بولۇشقا كۈچەپ، دەل جايىدا بولۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىشىش سەۋەبىنى دەل تېپىپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسىنى يەنىمۇ ئىنچىكە ۋە پۇختا تۈزۈپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست پارتكوملىرىنىڭ نامراتلارنى يۆلەشكە مەسئۇل مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن شۇجىلىرىنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، لايىھەنى تۈزۈش خىزمىتىدە يېڭى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ پارتكوم شۇجىلىرى ئاساسلىق تۇتۇپ، مەخسۇس خادىم، مەخسۇس بەنزە بەلگىلىگەچكە ، يولغا قويۇش لايىھەسىدە تەپەككۇر تېخىمۇ ئېنىق، تەدبىر تېخىمۇ پۇختا، لايىھەنىڭ مەشغۇلاتچانلىقى تېخىمۇ كۈچلۈك بوپتۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، زوركۈچ چىقىرىپ، ھەقىقىي كۈچەپ، ‹‹كەسكىن، دەل جايىدا بولغان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئىنچىكە، پۇختا›› يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك. قاتلاممۇ قاتلام بېسىم شەكىللەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، قاتتىق مەسئۇلىيەت، قاتتىق تەدبىر، دۇرۇس ئىستىل ئارقىلىق ئۈچ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا تەبىئىي مۇھىت ناچار بولۇش، ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز بولۇش، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولماسلىق، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ئورتاق قىيىن مەسىلىلەر مەۋجۇت. جايلار، تارماقلار مەسىلە يۆنىلىشى ۋە دەل جايىدا بولۇش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى›› ئۇسۇلى بويىچە نامراتلىق سەۋەبىنى قايتا رەتلەپ، قايتا ئانالىز قىلىپ، ‹‹كېسەل›› سەۋەبىنى دەل تېپىپ، ‹‹كېسەل››گە قاراپ دورا بېرىپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى يەنىمۇ تولۇقلاپ، يەنىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ يولغا قويغىلى بولىدىغان قىلىپ، ئۈچ يىللىق خىزمەتنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نىشانىغا قەرەلىدە يېتىشنى ئاساس ۋە قوللانما بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. جامائەت ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى ھەقىقىي، توغرا تېپىپ، سۇ، توك، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى جەھەتتە ئۆلچەم، تەلەپلەرنى توغرا ئىگىلەپ، ھەم تۆۋەنلىتىۋەتمەي، ھەم ئۆستۈرۈۋەتمەي، ‹‹بار بولۇش›› ياكى ‹‹راۋان بولۇش››قا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ‹‹ئادەم مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش››تىن ئىبارەت قىيىن نۇقتىنى چۆرىدەپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسەت خاراكتېرلىك كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىدا، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەش، يەرنى ئېنىقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە يەرلىككە ماس كېلىدىغان ئەمەلىي، كەسكىن تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمسىز، قۇرۇق بولۇپ قالماسلىقىغا، دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر نامرات رايونلارغا قاراتقان ئالاھىدە سىياسىتىنى تەتقىق قىلىپ ۋە تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن تولۇق ۋە ياخشى پايدىلىنىپ، سىياسەتلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قوزغىشى كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشى، تارماقلار جىپسىلاشتۇرۇپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، يولغا قويۇش لايىھەسىنى بىر مەقسەتتە ياخشى تۈزۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى