تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن كۆزىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش چارىسى ۋە يانداش تۈزۈمنى تارقاتتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ شۇجۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىندا ‹‹ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش چارىسى››(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹يولغا قويۇش چارىسى›› دېيىلدى)گە تۈزىتىش كىرگۈزدى ھەم ‹‹كۆزىتىلگەن پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە ماسلىشىشى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش چارىسى››، ‹‹ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)لىك، ناھىيە(شەھەر، رايون)لىك پارتكوملاردا كۆزىتىش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹<شەھەرلىك، ناھىيەلىك پارتكوملاردا كۆزىتىش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر>نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى يولغا قويۇش پىكرى›› قاتارلىق ئۈچ يانداش تۈزۈمنى تۈزۈپ چىقتى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرى.

  ‹‹يولغا قويۇش چارىسى››دە، كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىنى تۈزىتىشنىڭ مەزمۇنى ۋە روھىغا ئاساسەن، ئوخشاشلا ‹‹كۆپەيتىش، تولۇقلاش، تەڭشەش›› ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئالاقىدار ماددىلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، سىياسىي كۆزىتىش، بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى كۆزىتىش بىلەن تولۇق قاپلاش، ۋىلايەت، ناھىيەلەر كۆزىتىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ‹‹يولغا قويۇش چارىسى››دە كۆزىتىش مەزمۇنى جەھەتتە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام بىلەن سىياسىي قائىدىنى جان تومۇر دەپ قاراش، ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىدىن تەۋرىنىش، پوزىتسىيەدە سۇسلۇق قىلىش، ھەتتا دۈشمەن كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز – بۇرۇن يالىشىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› قىلىش، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى›› بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىرىشىپ بايقاش قاتارلىق مەزمۇنلار قوشۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹يولغا قويۇش چارىسى›› ۋە يانداش تۈزۈمنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي كۆزىتىشنى قەتئىي ئېغىشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆزىتىشنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈشتە يۇقىرى – تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان نازارەتچىلىك تورىنى قۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى