جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، مەن جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى بارلىق يولداشلار، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن!
جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى دۆلىتىمىزدىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە يېزا ئىگىلىك ئىلمى ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ باشتىن كەچۈرگۈچىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ۋەزىپىسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› ئىشلىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.
ھازىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىختىساسلىقلىرىغا يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي جەڭگاھىغا يۈزلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئويناپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شى جىنپىڭ
2017 – يىلى 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى)