قىشتا پۇت چىلاش كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى، ھەتتا، بەزى ئاتا-ئانىلار بالىسىنى پۇت چىلايدىغان جايلارغا ئاپىرىشقا ئامراق. لېكىن، مۇتەخەسسىسلەر ئالتە ياشتىن كىچىك بالىلارغا پۇت چىلىتىشنىڭ ئۇلارغا زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى . ئەنخۇي ئۆلكىلىك بالىلار دوختۇرخانىسى كۆيۈك شەكىل تۈزەش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى چېن چېن ئۆزلىرىنىڭ يېقىندا پۇت چىلاش سەۋەبىدىن پۇتى كۆيۈپ قالغان بىر قانچە بالىنى داۋالىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئەسلىدە بالىنىڭ پۇتىنى چىلاش ئارقىلىق بالىنى تەرلىتىپ قىزىتمىسىنى ياندۇرماقچى بولغانىكەن.
دوختۇر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بوۋاقلارنىڭ، بالىلارنىڭ تېمپېراتۇرىغا بولغان سېزىمى چوڭلارغا ئوخشىمايدۇ، چوڭلارغا سەل-پەل قىزىق تۇيۇلغان سۇ بالىغا نىسبەتەن ناھايىتى قىزىق بولىدۇ، لېكىن ئۇلار ئىپادىلىيەلمىگەچكە، تېرىلىرى ئاسانلا كۆيۈپ قالىدۇ. ئۇلار دەسلەپتە سۇنىڭ قىزىقلىقىغا چىدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن پۇت چىلاش ۋاقتى ئۇزۇن بولسا بالىنىڭ پۇتلىرىنى قىزارتىپ، كۆيدۈرۈپ قويىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، مۇتەخەسىسسلەرنىڭ تەكلىپى بولسا، بوۋاقلارنىڭ، بالىلارنىڭ پۇتىنى چىلاشتا تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە يىلىمان سۇ ئىشلىتىش كېرەك. يازدا پۇت يۇيۇشقا ئىشىلتىدىغان سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى 38~40 سېلىسىيە گىرادۇس، قىشتا بۇنى ئاستا-ئاستا ئۆرلىتىپ، 45~50سېلسىيە گىرادۇس ئارىلىقىغا چىقارسا بولىدۇ. سۇنى داسقا پۇت چىلاشقۇدەكلا قۇيۇش، 3~5 مىنۇتقىچە چىلاش ئەڭ مۇۋاپىق. بۇنداق بولغاندا، پۇت تېرىسىدىكى قىل قان تومۇرلار كېڭىيىپ، قان ئايلىنىش تېزلىشىپ، پۇت تېرىسى ۋە توقۇلمىلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ياخشىلىنىپ، بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاشىدۇ، ئۇيقۇسى ياخشىلىنىدۇ.
(شىنخۇا تورى)
(پىراكتىكانت زىلالە غالىب تەرجىمىسى)