تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

  لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ تەبرىكلىدى، ۋاڭ ياڭ ئەسلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى بارلىق يولداشلارغا، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى دۆلىتىمىزدىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە يېزا ئىگىلىك ئىلمى ئاممىۋى تەشكىلاتى بولۇپ، ئۇ، جۇڭگونىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ باشتىن كەچۈرگۈچىسى ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىسى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ۋەزىپە قىلىپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، ئومۇملاشتۇرۇش، قوللىنىشنى، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› ئىشلىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىختىساسلىقلىرىغا يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي جەڭگاھىغا يۈزلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئويناپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ تەبرىكلىدى. ئۇ تەستىقىي يوليورۇقىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› ئىشلىرى تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى. يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى چۆرىدەپ، ئالاقە دائىرىسى كەڭ بولۇش، ئەقىلنى مۇجەسسەملەش، مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدا يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى بويىچە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتى ۋە دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى بىلىملىرىنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىلغار تۈر ۋە تېخنىكىلارنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇش ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى ئەسلەش پائالىيىتى 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ ئەسلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، دېھقانلار ۋە ئاۋامنىڭ ئىلىم – پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ئۈنۈمى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى 1917 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان مۇھىم ئىلمىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، مۇناسىۋەتلىك ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، قىسمەن ئاكادېمىكلار ۋە يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى، ئالىملىرى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى 11 – قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى، شېننۇڭ جۇڭخۇا يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى، تەيۋەن جۇڭخۇا يېزا ئىگىلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.