مۇخبىرنىڭ ئەنخۇي ئۆلكىلىك دوختۇرخانىدىن ئىگىلىشىچە، قىش پەسلى يۈرەك قان تومۇرى كېسىلى كۆپ يۈز بېرىدىغان پەسىل بولۇپ، يېقىنقى ئىككى ھەپتىدە بۇ دوختۇرخانا غول تومۇر قىستۇرما قەۋەت بىمارىدىن سەككىزنى جىددى قۇتقۇزغان. ناۋادا ئادەم بەدىنىدىكى «قەرەلسىز بومبا » دەپ ئاتالغان يۈرەك قان تومۇرى كېسىلى قوزغىلىپ قالسا، 48 سائەت ئىچىدىكى ئوتتۇرىچە ئۆلۈش نىسبىتى %50تىن ئاشىدىكەن، يەنە كېلىپ، قوزغالغان ئاشۇ بىر سائەت ئۆتسە ئۆلۈش خەۋپى%1 يۇقىرىلايدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر يۇقىرى قان بېسىمىنى تىزگىنلىيەلمەسلىك كېسەللىك تارىخى بار بىمارلارنىڭ مەيدىسى قاتتىق ئاغرىپ كەتسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى لازىم، دېگەن.
يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بارلار ھەم ئۇنى تىزگىنلىيەلمەيدىغانلار ھېلى ئىسسىق ھېلى سوغۇق مەزگىلدە غول تومۇر قىستۇرما قەۋىتى كېسىلىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئالاھىدە ساقلىنىشى كېرەك. غول تومۇر قىستۇرما قەۋىتى كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يۇقىرى قان بېسىمدىن مۇداپىئەلىنىش، دورىنى ۋاقتىدا يەپ، قان بېسىمى ۋە يۈرەك سوقۇشىنى نورماللاشتۇرۇش كېرەك؛ چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېيىش-ئىچىشتىن، سۈپەتسىز ئۇيقۇدىن ساقلىنىش، ھاياجانلىنىش ياكى قاتتىق ھەرىكەت قىلىش تەسىرىدە كۆكرەك سىقىلسا، ئاغرىسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، قان بېسىمىنى چۈشۈرۈش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، ناۋادا يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىدا كۆكرەك تۇيۇقسىز قاتتىق ئاغرىش، كۆكرەك، دۈمبە، مۈرە يوشۇرۇن ئاغرىش ياكى يىرتىلغاندەك ئاغرىش كۆرۈلسە، دەرھال ئالاقىدار ئوپېراتسىيە ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىپ، ئېغىر ئاقىۋەتتىن ساقلىنىش كېرەك.
(پىراكتىكانت زىلالە غالىب تەرجىمىسى)