يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئەنگىلىيەدە توققۇز ئايلىق بولغان، ئېگىزلىكى 48 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر ئېشەك كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ ئېشەكنىڭ ئېگىزلىكى ئىلگىرى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئېشەك دەپ قارىلىپ دۇنيا جېنىس رېكورتىغا ئېرىشكەن ئېشەكتىنمۇ 15 سانتىمېتىر پاكار ئىكەن. ئەمما بۇ ئېشەك تېخى يېشىغا توشمىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرچە دۇنيا جېننىس رېكورتىغا ئىلتىماس قىلىشقا قاتناشتۇرۇلمايدىكەن.
ئەنگلىيەدە دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئېشەك بايقالدى
مۇھەررىر:
زۆھرە تۇرسۇن
|
مەنبە:
تەڭرىتاغ تورى
2017/12/13 13:16
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.