تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   قانۇن

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى

  (1987 – يىل 9 – ئاينىڭ 5 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 – يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1996 – يىل 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخىپ قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلدى، 2016 – يىل 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 24 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشقى سودا قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلدى)

  مۇندەرىجە

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  2 – باب ئارخىپ ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى

  3 – باب ئارخىپ باشقۇرۇش

  4 – باب ئارخىپتىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئېلان قىلىش

  5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  1 – ماددا بۇ قانۇن ئارخىپ باشقۇرۇش، توپلاش، رەتلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئارخىپنى ياخشى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

  2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئارخىپ بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى دۆلەت ئاپپاراتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ سىياسىي، ھەربىي، ئىقتىسادىي، ئىلىم – پەن، تېخنىكا، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق پائالىيەتلىرى داۋامىدا بىۋاسىتە شەكىللەنگەن، دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە نىسبەتەن ساقلاش قىممىتىگە ئىگە بولغان ھەر خىل يېزىق، جەدۋەل، ئىسخېما، ئۈن – سىن قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى تارىخىي خاتىرىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

  3 – ماددا بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى، قوراللىق كۈچلەر، سىياسىي پارتىيەلەر، ئىجتىمائىي گۇرۇھلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە پۇقرالارنىڭ ئارخىپنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار.

  4 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئارخىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئارخىپ ئىشلىرى قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

  5 – ماددا ئارخىپ خىزمىتىدە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجە بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ، ئارخىپنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە بىخەتەرلىكى قوغدىلىدۇ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئارخىپتىن پايدىلىنىشىغا ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ.

  2 – باب ئارخىپ ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى

  6 – ماددا دۆلەتنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئارخىپ ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئارخىپ ئىشلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلايدۇ، تەشكىللەپ ماسلاشتۇرىدۇ، تۈزۈمنى بىرلىككە كەلتۈرىدۇ، نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئارخىپ ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ ھەمدە ئۆز مەمۇرىي ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئارخىپ خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز ئورگىنىنىڭ ئارخىپىنى ساقلاشقا خادىم بەلگىلەيدۇ ھەمدە ئۆزىگە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئارخىپ خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  7 – ماددا ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئارخىپ ئاپپاراتى ياكى ئارخىپ خادىملىرى ئۆز ئورنىنىڭ ئارخىپلىرىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە ئۆزىگە قاراشلىق ئاپپاراتلارنىڭ ئارخىپ خىزمىتىگە نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  8 – ماددا مەركەز ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل ئارخىپخانىلار ئارخىپنى يىغىپ باشقۇرىدىغان مەدەنىيەت كەسپىي ئاپپاراتى، ئۇ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى ئارخىپلارنى قوبۇل قىلىش، توپلاش، رەتلەش، ساقلاش ۋە تەمىنلەشكە مەسئۇل بولىدۇ.

  9 – ماددا ئارخىپ خادىملىرى ئۆز خىزمىتىگە سادىق بولۇشى، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىشى، كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولۇشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئارخىپ توپلاش، رەتلەش، ئاسراش ۋە تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ياكى شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

  3 – باب ئارخىپ باشقۇرۇش

  10 – ماددا دۆلەت ئارخىپلاشتۇرۇلىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن ماتېرىياللار بەلگىلىمە بويىچە شۇ ئورۇننىڭ ئارخىپ ئاپپاراتى ياكى ئارخىپ خادىملىرىغا قەرەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشى، يىغىپ باشقۇرۇلۇشى شەرت. ئۇنى ھەرقانداق شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  دۆلەت ئارخىپلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلىگەن ماتېرىياللارنى خالىغانچە ئارخىپلاشتۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

  11 – ماددا ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئارخىپنى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئارخىپخانىغا قەرەللىك ھالدا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى شەرت.

  12 – ماددا مۇزېي، كۇتۇپخانا، خاتىرە سارىيى قاتارلىق ئورۇنلار ساقلاۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە كىتاب – ماتېرىياللاردىن ئارخىپ بولىدىغانلىرىنى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۆزى باشقۇرسا بولىدۇ.

  ئارخىپخانىلار بىلەن يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئورۇنلار ئارخىپتىن پايدىلىنىشتا ئۆزئارا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

  13 – ماددا ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل ئارخىپخانىلار، ئورگانلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئارخىپ ئاپپاراتلىرى ئىلمىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ئارخىپتىن پايدىلىنىشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى؛ زۆرۈر ئەسلىھەلەرنى ھازىرلاپ، ئارخىپنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلىشى؛ ئىلغار تېخنىكىنى قوللىنىپ، ئارخىپ باشقۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى كېرەك.

  14 – ماددا مەخپىي ئارخىپلارنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مەخپىيەتلىك دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە مەخپىيەتلىكنى بىكار قىلىش دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا ئالاقىدار قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولۇشى شەرت.

  15 – ماددا ئارخىپنىڭ ساقلىنىش قىممىتىنى باھالاش پىرىنسىپى، ساقلاش مۇددىتى ئۆلچىمى، ئارخىپنى كۆيدۈرۈش تەرتىپى ۋە چارىسىنى دۆلەتنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ. ئارخىپنى ئۆز مەيلىچە كۆيدۈرۈۋېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  16 – ماددا كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ئىلكىدىكى، دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە نىسبەتەن ساقلاش قىممىتى بولغان ياكى مەخپىي ساقلىنىدىغان ئارخىپلارنى ئىگىسى ئوبدان ساقلىشى كېرەك. ساقلاش شارائىتى ناچار بولغانلىق ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئارخىپ ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراش ۋە بىخەتەر بولماسلىق ئېھتىمالى بار، دەپ قارالغان ئارخىپلارنى دۆلەتنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئارخىپنىڭ مۇكەممەللىكىگە ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا ۋاكالىتەن ساقلاپ بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ئارخىپلارنى سېتىۋالسا ياكى ھەقلىق يىغىۋالسا بولىدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئارخىپلارنى ئارخىپ ئىگىلىرى دۆلەت ئارخىپخانىسىنىڭ ساقلاپ بېرىشىگە بەرسە ياكى سېتىپ بەرسە بولىدۇ. چەت ئەللىكلەرگە ياكى چەت ئەل تەشكىلاتلىرىغا سېتىپ بېرىش ياكى ھەدىيە قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

  دۆلەتكە ئارخىپ ھەدىيە قىلغانلارنى ئارخىپخانىلار مۇكاپاتلايدۇ.

  17 – ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپلارنى سېتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

  دۆلەت كارخانىلىرى، كەسپىي ئورۇنلار مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئالاقىدار ئارخىپلارنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنىڭ كونكرېت چارىسىنى دۆلەتنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى تۈزۈپ چىقىدۇ.

  ئارخىپنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، سېتىش ئىشلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

  18 – ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپلارنى ۋە بۇ قانۇننىڭ 16 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئارخىپلارنى ۋە ئۇنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى ئۆز ئالدىغا چېگرادىن ئېلىپ چىقىش مەنئى قىلىنىدۇ.

  4 – باب ئارخىپتىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى ئېلان قىلىش

  19 – ماددا دۆلەت ئارخىپخانىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئارخىپلار، ئومۇمەن شەكىللەنگەن كۈندىن باشلاپ 30 يىل توشقاندا جەمئىيەتكە ئاشكارىلىنىدۇ. ئىقتىساد، ئىلىم – پەن، تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەر خىل تۈردىكى ئارخىپلارنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش مۇددىتى 30 يىلدىن كەم بولسىمۇ بولىدۇ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە ياكى زور مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ھەم مۇددىتى توشسىمۇ جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان باشقا ئارخىپلارنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلاش مۇددىتى 30 يىلدىن ئارتۇق بولسىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭ كونكرېت مۇددىتىنى دۆلەتنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بېكىتىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىپ يولغا قويىدۇ.

  ئارخىپخانىلار ئاشكارىلايدىغان ئارخىپلارنىڭ كاتالوگىنى قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرۇشى ھەمدە ئارخىپتىن پايدىلىنىشقا شارائىت ھازىرلاپ، رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇشى، قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقرالىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ئاشكارىلايدىغان ئارخىپلاردىن قانۇنلۇق ئىسپات بىلەن پايدىلانسا بولىدۇ.

  20 – ماددا ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، باشقا تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالار ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقاتى ۋە باشقا خىزمەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئارخىپخانىلاردىكى ئاشكارىلانمىغان ئارخىپلاردىن ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا تەشكىلاتلاردا ساقلىنىۋاتقان ئارخىپلاردىن ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە پايدىلانسا بولىدۇ.

  ئاشكارىلانمىغان ئارخىپلاردىن پايدىلىنىش چارىسىنى دۆلەتنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل تارماقلار بەلگىلەيدۇ.

  21 – ماددا ئارخىپخانىغا ئارخىپ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، ھەدىيە قىلغان، ساقلاشقا بەرگەن ئورۇن ۋە شەخسلەر شۇ ئارخىپتىن ئالدىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە شۇ ئارخىپنىڭ جەمئىيەتكە ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان قىسمىدىن پايدىلىنىشنى چەكلەش ھەققىدە پىكىر بەرسە بولىدۇ، ئارخىپخانا ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

  22 – ماددا دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپلارنى دۆلەت ھوقۇق بەرگەن ئارخىپخانا ياكى ئالاقىدار ئورگان ئېلان قىلىدۇ؛ ئارخىپخانا ياكى ئالاقىدار ئورگاننىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئېلان قىلىش ھوقۇقى يوق.

  كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ئىلكىدىكى ئارخىپلارنى ئىگىسى ئېلان قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى شەرت، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ، باشقىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  23 – ماددا ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل ئارخىپخانىلار تەتقىقات خادىملىرىنى قويۇپ، ئارخىپ تەتقىق قىلىش ۋە رەتلەشنى كۈچەيتىشى، ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش ۋە نەشر قىلىشنى پىلانلىق تەشكىللەپ، ئوخشاش بولمىغان دائىرىدە تارقىتىشى كېرەك.

  5 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  24 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلاردىن بىرى كۆرۈلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:

  (1) دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپنى زىيانغا ئۇچراتقان ۋە يىتتۈرۈۋەتكەن بولسا؛

  (2) دۆلەت ئىلكىدىكى ئارخىپنى باشقىلارغا ئۆز مەيلىچە بەرگەن، كۆچۈرگەن، ئېلان قىلغان، كۆيدۈرۈۋەتكەن بولسا؛

  (3) ئارخىپنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، ياسىۋالغان بولسا؛

  (4) مۇشۇ قانۇننىڭ 17 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەتكە تەئەللۇق ئارخىپنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ساتقان ياكى ئۆتۈنۈپ بەرگەن بولسا؛

  (5) ئارخىپنى چەت ئەللىكلەرگە ياكى چەت ئەل تەشكىلاتلىرىغا ساتقان، ھەدىيە قىلغان بولسا؛

  (6) مۇشۇ قانۇننىڭ 10 –، 11 – ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئارخىپنى بەلگىلىمە بويىچە ئارخىپلاشتۇرمىغان ياكى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسا؛

  (7) ساقلىنىۋاتقان ئارخىپنىڭ خەتەردە قالغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تەدبىر قوللانماي، ئارخىپنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا؛

  (8) ئارخىپ خادىملىرى خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، ئارخىپنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا.

  ئارخىپخانىدىكى ئارخىپتىن پايدىلىنىشتا، ئالدىنقى تارماقنىڭ (1)، (2)، (3) تارماقچىسىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغانلارغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە مەمۇرىي جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ زىيان سالغانلارنى زىياننى تۆلەپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ.

  كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەردىن 1 – تارماقنىڭ (4)، (5) تارماقچىسىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سادىر قىلغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە مەمۇرىي جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولسا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە ئۇلار ساتقان ياكى ھەدىيە قىلغان ئارخىپنى مۇشۇ قانۇننىڭ 16 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ھەقلىق يىغىۋالسا بولىدۇ.

  25 – ماددا چېگرادىن ئېلىپ چىقىش مەنئى قىلىنغان ئارخىپ ياكى ئۇنىڭ كۆپەيتىلمىسى چېگرادىن ئېلىپ چىقىلغان بولسا، ئۇنى تاموژنا مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ مۇسادىرە قىلىنغان ئارخىپ ياكى ئۇنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

  6 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  26 – ماددا بۇ قانۇننى يولغا قويۇش چارىسىنى دۆلەتنىڭ ئارخىپ مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى چىقىرىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويىدۇ.

  27 – ماددا بۇ قانۇن 1988 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  (تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تىك چوققىدىكى «يار ئۈستىدە ئېچىلغان گۈل»
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
  • ئالتۇن كۈزدە بايىنغۇلىندا ساياھەت قىزىپ كەتتى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى