تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، داۋاملىق يېڭى سەھىپە يارىتايلى

  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، پىروفېسسور گاۋ جيەنلۇڭ   شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۇ چېڭ

  پارتىيەنىڭ 19 – قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتى پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، داۋاملىق يېڭى سەھىپە يارىتىشىنىڭ سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىدۇر.

  ‹‹يېڭى›› سۆزى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى بىر روشەن ئالاھىدىلىكتۇر. دوكلاتنىڭ ھەممىلا يېرىدە يېڭى ھۆكۈم، يېڭى پىكىر، يېڭى قاراشنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ، دوكلاتتا يەنە باشتىن – ئاخىر ماركسىزملىق ئەقىل – پاراسەت چاقناپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ، يادرولۇق ئەھمىيەتكە ئىگە ‹‹يېڭى دەۋر››، ‹‹يېڭى ئىدىيە››، ‹‹يېڭى نىشان››، ‹‹يېڭى مۇساپە››لەر سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى سۈرەتلەپ، دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتنى شەكىللەندۈرگەن.

  يېڭى دەۋر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى ۋە كوردىناتى بولدى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنۇلار تەنتەنىلىك جاكارلاندى: ئۇزاق مۇددەتلىك تىرىشىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، بۇ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي ئورنىنى بېكىتتى.

  بۇ يېڭى دەۋر دۆلىتىمىز ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش، تېز سۈرئەتتە ساغلام تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتۈپ، تارىخىي مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخىي خاراكتېرلىك تەسىر پەيدا قىلغان مۇھىم مەزگىل بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خۇددى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا دېيىلگىنىدەك: ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىقى يېقىنقى زاماندىن بۇيان ئۇزاق مۇددەتلىك ئازاب – ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقا، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتكەن ئۇلۇغ سەكرەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى رېئاللىشىدىغان پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ 21 – ئەسىردىكى جۇڭگودا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە، جۇشقۇنلۇققا تولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنىڭ دۇنيا ئاسمىنىدا جەۋلان قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى، نەزەرىيەسى، تۈزۈمى، مەدەنىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىش يولىنى كېڭەيتىپ، دۇنيادا تېز تەرەققىي قىلىشنىمۇ، ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىشىنىمۇ ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەت ۋە مىللەتكە يىپيېڭى يول تېپىپ بېرىپ، ئىنسانلار مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتىنى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ››.

  بۇ يېڭى دەۋر پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن باشلانغان. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بېكىتىلگەن يېڭى دەۋردىكى يېتەكچى ئىدىيە، ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچى يېڭى دەۋرنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ بەردى، يېڭى دەۋر ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەلىپىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي بۇرچنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2020 – يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئىككى باسقۇچلۇق نىشاننى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن داۋاملىق ئىلگىرىلىشىنىڭ تەرەققىيات ئارقا كۆرۈنۈشى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ‹‹يېڭى دەۋر››گە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئورنىنى بەلگىلەش كەلگۈسىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى ۋە كوردىناتى بولىدۇ. پەقەت بۇ ئاساسنى ئېنىق تونۇغاندىلا، يېڭى دەۋرنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ئاساسلىق ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئۆزلەشتۈرگىلى بولىدۇ؛ پەقەت بۇ كوردىناتنى ئېنىق توغرىلىغاندىلا، ھازىرقى مەسىلىلەر بىلەن كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ پەرقىنى ئېنىق تونۇغىلى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە قىلىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  يېڭى ئىدىيە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچىسى ۋە مىزانىدۇر

  ئەمەلىيەتتىمۇ، نەزەرىيەدىمۇ يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى يوق. يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم دەۋر تېمىسىغا قارىتا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىكى مۇھىم يېڭى نەتىجىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە يىغىنچاقلىنىشى بولۇپ، بۇ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىسىنىڭ ۋە كوللېكتىپ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرىدۇر. دوكلاتتا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ‹‹سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش›› ۋە ‹‹14تە چىڭ تۇرۇش››تىن تۈزۈلگەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئىككىىسى ئۆز ئارا بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ رامكىسىنى ئورتاق شەكىللەندۈرىدۇ.

  يېڭى ئىدىيە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تارىخىي تەرەققىيات ئەمەلىيىتىدىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجىدۇر، بۇ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجە بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىكى يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي سەكرەش.

  يېڭى ئىدىيەنىڭ شەكىللىنىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىش، پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغ كۈرىشى، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ئارزۇسىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتىكى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يېڭى ئىدىيە يېڭى ئەمەلىيەتكە ئاساسەن ئىقتىساد، سىياسىي، قانۇنچىللىق، پەن – تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، خەلق تۇرمۇشى، مىللەت، دىن، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىكى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە، ‹‹بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش››، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، بىرلىك سەپ، دىپلوماتىيە ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە نەزەرىيەۋى تەھلىل يۈرگۈزۈش ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تېخىمۇ ئوبدان قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە تېخىمۇ ئوبدان راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

  يېڭى ئىدىيە چوقۇم پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچىسى ۋە مىزانىغا ئايلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى باشلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندۇرىدۇ.

  يېڭى نىشان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنى ۋە كۆرسەتكۈچىنى بېكىتىپ بەردى

  ئارزۇ كۈرەشكە چاقىرىدۇ، نىشان كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قانداق ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدىغانلىقى، قانداق نىشان تۇرغۇزىدىغانلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالدى.

  يېڭى نىشان يېڭى دەۋرنى مەۋقە قىلغان. بۇ يېڭى دەۋر ‹‹ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئۇتتۇرىسىدىكى زىددىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكى››دىن ئىبارەت بۇ ‹‹ئومۇمىيەتكە تاقىلىدىغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمىتىگە نۇرغۇن يېڭى تەلەپنى قويدى››. بۇ يېڭى دەۋر، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ‹‹ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ ھەل بولمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغان، ئىلگىرى قىلىشنى ئويلىغان بولساقمۇ قىلالمىغان نۇرغۇن چوڭ ئىشنى قىلغان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن›› بەش يىل بولدى. بۇ تارىخىي ئۆزگىرىشلەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەر ۋە تەسىرلەر مۇقەررەر ھالدا بىزدىن ئىلگىرى بېكىتكەن نىشاننى تەڭشەشنى، تولۇقلاشنى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى، باسقۇچ خاراكتېرلىك نىشان ئورۇندالغاندىن كېيىنكى تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك نىشاننى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كونكرېت بەلگىلەشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  يېڭى نىشان يېڭى مۇساپىنى پىلانلىدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، ھەم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېقىنقى مەزگىللىك نىشاندىن قارىغاندا، 2020 – يىلىغا بارغاندا پارتىيە 16 –،17 –، 18 – قۇرۇلتايلىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى بىز قۇرۇپ چىققان بۇ ھاللىق جەمئىيەت ‹‹خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى›› كېرەك؛ ئوتتۇرا مەزگىللىك نىشاندىن قارىغاندا، 2020 – يىلىدىن 2035 – يىلىغىچە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئاساسىدا يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ يىراق مەزگىللىك نىشاندىن قارىغاندا، 2035 – يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، يەنە 15 يىل كۈرەش قىلىپ، دۆلىتىمىزنى باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  يېڭى نىشاننىڭ بېكىتىلىشى ھەم ھازىرنى مەۋقە قىلغان، ھەم كەلگۈسىگە نەزەر سالغان، ‹‹يېقىنقى مەزگىللىك، ئوتتۇرا مەزگىللىك، يىراق مەزگىللىك›› نىشان بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلدى، لۇشيەن ئېنىق، مەزمۇن كونكرېت بولدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قەدەم – باسقۇچلىرى، نىشان – ۋەزىپىلىرى ئېنىق سۈرەتلەپ بېرىلدى، قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مۇقىم ۋە ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان تەرەققىيات جەريانىنى شەكىللەندۈردى.

  يېڭى مۇساپە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلەش بۇرغىسىنى چالدى

  ‹‹ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتىن زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشقىچە بولغان جەرياندا، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ھېسابلىنىدۇ››. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىز قەتئىي تەۋرەنمەي، بوشاشماي، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك!

  بۇ يېڭى مۇساپە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسى. يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا دۆلىتىمىزنى ‹‹باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك››. ‹‹سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت›› قۇرۇشتىن ‹‹سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت›› قۇرۇشقىچە؛ ‹‹باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق››لىقتىن ‹‹باي – قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل بولۇش››قىچە بولغان مۇساپە يېڭى دەۋردە ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرىشى، يېڭى مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە بولغان ئىشەنچى بولۇپلا قالماستىن، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ بېيىشتىن قۇدرەت تېپىش ۋە گۈزەل بولۇشقىچە بولغان يېڭى ئۆزگىرىشىنى تېخىمۇ نامايان قىلىدۇ.

  بۇ يېڭى مۇساپە خەلقنىڭ كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشىدىكى مۇساپىدۇر. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باشتىن – ئاخىر خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغانلىقى، يېڭى دەۋردە خەلققە چوڭقۇر رىشتە باغلىغانلىقىنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا 2020 – يىلىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىل ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى نىشاندىمۇ بىرلا ۋاقىتتا خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، بۇلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا ‹‹پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشى ئۈچۈن پۇختا قەدەم تاشلاش››، شۇنداقلا ‹‹بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلىتىمىز خەلقىنى تېخىمۇ بەخت – سائادەتتىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك››. بۇ مەزمۇنلار يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ گۈللىنىشكە ئىنتىلىدىغان، قۇدرەت تېپىپ بېيىدىغان تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسى، شۇنداقلا خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ يېڭى مۇساپىسى ئىكەنلىكىنى قايتا – قايتا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  بۇ يېڭى مۇساپە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ داۋاملىق ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدۇر. يولداش شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا پارتىيەمىزنىڭ يېقىنقى 100 يىللىق كۈرەش قىلىش تارىخىنى سىستېمىلىق ئەسلەپ، مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي بۇ تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان بۈگۈنكى كۈندە، بىز يەنىلا بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىشىمىز كېرەك. ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ‹‹چوقۇم ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش كېرەك››، ‹‹چوقۇم ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش كېرەك››، ‹‹چوقۇم ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك››، ‹‹يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، پارتىيەنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكى ۋە باتۇرانە كۈرىشى ئارقىلىق بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنى ئۈزلۈكسىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە، بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يىمىرىلمەس كۈچنى مۇجەسسەملەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك!››

  بۇ يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل – قىزلىرى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە تولۇپ تاشقان ئىشەنچتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم – كوتىسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئۇلۇغۋار پىلان ۋە تۈرلۈك نىشان – ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى