تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

‹‹چوڭ دادا، بىزنى يەنە كۆرگىلى كېلىڭ››

  تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز مۇختار ئابدۇقادىر

  10 – ئاينىڭ 11 – كۈنى، بىر ئاپتوموبىل ئاقسۇ شەھىرىنىڭ توپلۇق يېزىسى مۇرىقەدەم كەنتىگە كېلىپ توختىدى، ئاپتوموبىلدىن بۇغداي ئۆڭ، چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان بىرەيلەن چۈشتى. شۇ ئەتراپتا ئويناۋاتقان بىر نەچچە بالا بۇ كىشىنى كۆرۈپلا: ئەمەرجان چوڭ داداش كەلدى، دەپ چۇرقىرىشىپ كەتتى.

  بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ليۇ جېنشى بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تىياتىرخانىنىڭ كىنو قويغۇچىسى ئىدى. بۇلتۇر ئۇ ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە مۇرىقەدەم كەنتىدە تۇرغاندا يۇرتداشلار ئۇنىڭغا ‹‹ئەمەرجان›› دەپ ئىسىم قويۇۋالغانىدى. بۇ كۈنى ئۇ كەنتكە كېلىپلا ئالدى بىلەن تۇغقىنىنى يوقلاپ، ئاندىن بۇ كەنتكە بەش كىلومېتىر كېلىدىغان توپلۇق كەنتىگە خىزمەتكە بارماقچى ئىدى.

ــ ئەھەت بۇرادەر، يېقىندىن بۇيان تىجارىتىڭىز قانداقراق؟ ليۇ جېنشى شۇنداق دېگىنىچە بازاردىكى بىر سامسىخانىغا كىردى، سامسىپەز ئەھەت مۇنىياز تونۇرغا سامسا يېقىۋاتقان بولۇپ، بۇ تونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ، خۇشال ھالدا:  ئاكا، بۈگۈن يەكشەنبە بولمىسا، ئەجەپ بۇ يەرگە كەلگىلى ۋاقتىڭىز چىقىپ قاپتۇغۇ؟ -دېدى.

  ـــ توپلۇق كەنتىگە كەلگەنىدىم، يولدىن ئۆتكەچ سىزنى يوقلاپ كەلدىم، 40 سامسا بېرىڭ، تۇغقىنىمنى يوقلاپ كېلەي، ئۇلار تېخى چۈشلۈك تاماق يېمىگەن بولۇشى مۇمكىن، دېدى ليۇ جېنشى 100 يۈەننى ئەھەت مۇنىيازنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويغاچ. ئىككىسى بىردەم تالاشقاندىن كېيىن، ئەھەت مۇنىياز ئامالسىز پۇلنى ئالدى.

  ـــ ئاكا، ھەر قېتىم تۇغقىنىڭىزنى كۆرگىلى كەلگەندە، ماڭا سودا قىلىپ بېرىسىز، رەھمەت سىزگە.

  ـــ نېمىگە رەھمەت ئېيتىسىز، ياخشى ئىشلەپ، كۆپرەك پۇل تېپىڭ، -دېدى ليۇ جېنشى.

  ئەھەت مۇنىياز ھورى چىقىپ تۇرغان سامسىلارنى قەغەز يەشىككە قاچىلاپ، ليۇ جېنشىغا تۇتقۇزدى.

  ليۇ جېنشى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، تۇغقىنىنىڭ كېۋەزلىكىگە كەلدى، ئادەمنىڭ بېلىگە كەلگۈدەك كېۋەزلىكتە ئالتە – يەتتە ئايال پاختا تېرىۋاتاتتى.

  ـــ ئاتىكەم، نۇرگۈل، غۇنچەم... كېلىڭلار، ئىسسىق سامسىدىن يەۋېلىڭلار، ليۇ جېنشى سامسا قاچىلانغان قەغەز يەشىكنى كۆتۈرۈپ، ئېتىز قىرىغا كەلدى.

  توۋلىغان ئاۋازنى ئاڭلىغان ئاتىكەم تۇردى ئورنىدىن تۇرۇپ، يىراقتىنلا ئۇنى تونۇۋالدى ۋە: ئەمەرجان كەپتۇ، دېدى.

  ـــ ئاكا، سامسا بەك ئوخشاپتۇ، ئۆتكەندە سىڭلىمغا ئۆي تېپىپ بەرگىنىڭىزگە تېخى رەھمەت ئېيتالمىغانىدىم، ئۆيىڭىزدىكىلەر ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟

  ـــ ياخشى، ھەممىسى ياخشى، بايا ئۆيۈڭلارنىڭ يېنىدىن ئۆتكەنىدىم، قوتان پۈتۈپتۇ، ئۆتكەندە سىزگە بەرگەن ئالتە قوينى ياخشى بېقىڭ، ئۇلار سىزنى بېيىتىدىغان قويلار جۇمۇ.

  ـــ خاتىرجەم بولۇڭ ئاكا، بۇ قويلارنى ياخشى بېقىپ سەمرىتىمەن- دېدى ئاتىكەم تۇردى ئىشەنچ بىلەن.

  ئاياللار سامسا يەۋاتقاندا، ليۇ جېنشى خالتىنى كۆتۈرۈپ، پاختا تېرىشقا چۈشتى، ئۇ پاختىنى ناھايىتى تېز تېرىۋاتاتتى، ئۇ پاختا تەرگەچ ئاياللار بىلەن مۇڭداشتى، ئېتىزلىقتا كۈلكە ئاۋازى ياڭرىدى.

  ليۇ جېنشى مۇرىقەدەم كەنتىدىكى بەش ئائىلىلىك بىلەن تۇغقان بولغانىدى. ‹‹ئەمەرجان كەلدى›› دېگەن خەۋەر بىردەمدىلا كەنتكە تارقالدى، كەنتتىكى بالىلار ئەمەرجاننى كۆرۈپ ‹‹چوڭ دادا، چوڭ دادا›› دەپ چۇرقىراشتى.

  ليۇ جېنشى ھەر قېتىم كەنتكە كەلگەندە 70 ياشقا كىرىپ قالغان پاشاخان ھوشۇرغا دورا ئالغاچ كېلەتتى، ئۇ بۇ قېتىممۇ شۇنداق قىلدى. پاشاخان ھوشۇر ليۇ جېنشىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، تاماق يەپ كېتىشىنى ئۆتۈندى. بىراق ليۇ جېنشىنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، ئامالسىزلىقتىن رەت قىلدى.

  پاشاخان ھوشۇر كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئەمەرجان ئوغلۇم، كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتسام، سىزنى ئۆز ئوغلۇمدەك كۆرىمەن، خىزمىتىڭىز تۈگىسە، ئۆيۈمگە كېلىپ تاماق يەپ كېتىڭ، مەن سىزگە سىز ئەڭ ئامراق لەڭمەن ئېتىپ بېرەي.

  ليۇ جېنشى مۇرىقەدەم كەنتىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئاپتوموبىلىنىڭ ئەينىكىنى چۈشۈرۈپ، ئۇلار بىلەن خوشلاشتى، يول بويىدىكى بالىلار ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلىتىپ: چوڭ دادا، خوش، بىزنى يەنە كۆرگىلى كېلىڭ، دېيىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى