يەر شارى تورى خەۋىرى: ئىسپانىيەدىكى بىر شىركەت يېقىندا ئۆزلىرى لايىھەلەپ چىققان يېڭى تىپتىكى ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتنى ئېلان قىلغان.
ئىگىلىنىشچە، بۇ توكسىكىلىت ئىككى كىشىلىك بولۇپ، ھەرقايسىسىنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسى بار ئىكەن، ئالدى ئىككى چاقلىق كەينى بىر چاقلىق بولۇپ، بىخەتەرلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. بۇ توكسىكىلىتقا بىر قېتىم تولۇق توك قاچىلانسا 150 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدىكەن، تولۇق توك قاچىلاشقا تۆت سائەت كېتىدىكەن. بۇ تىپتىكى توكسىكىلىت ئادەم توشۇيدىغان ۋە يۈك توشۇيدىغان ئىككى خىل بولۇپ، يۈك توشۇيدىغان توكسىكلىت 180 كىلوگرام يۈك كۆتۈرەلەيدىكەن. توكسىكىلىتنىڭ باھاسى ئالتە مىڭ ياۋرو(تەخمىنەن 46 مىڭ يۈەن) بولۇپ، 2018-يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ سېتىلىش مۆلچەرلەنگەن.