510 بوتۇلكا ساختا ئاق ھاراق تەكشۈرۈلدى
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونلۇق يېمەكلىك-دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى 11-دېكابىر شۇ رايوندىكى سودا ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، پۈتۈن رايون دائىرىسىدە ھاراق تۈرىدىكى قانۇنسىز بۇيۇملارنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 510 بوتۇلكا ساختا ھاراقنى تەكشۈرۈپ چىقتى.
شىنمىن يولىدىكى بىر تاماكا-ھاراق سېتىش دۇكىنىدا، قانۇن ئىجراچىلىرى ئۈچ بوتۇلكا ھاراقنىڭ سېتىش ئىجازەتنامىسى چاپلانمىغان ئىلى ھارىقى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاۋۋال دۇكاننىڭ تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈپ، تىجارەت ئىجازەتنامىسى دائىرىسى ئىچىدىكى سېتىش بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدە ھاراق تۈرىدىكى مەھسۇلاتنىڭ يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى.
ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ رايونلۇق يېمەكلىك-دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جوۋ بىڭ مۇنداق دېدى: يېقىندا بىز بىرلەشمە ھەرىكەت قانات يايدۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى 300 دىن ئارتۇق تاماكا-ھاراق دۇكىنىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق، تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئىلى ئالاھىدە ھارىقى، ۋۇلياڭيې، ماۋتەي قاتارلىق ساختا ئاق ھاراقلاردىن 510 بوتۇلكىنى بايقىدۇق، بۇلارنىڭ قىممىتى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.