تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

ئاياللارنىڭ دوۋسۇنى ئاغرىشىدىكى سەۋەب

    كۆپلىگەن ئاياللارنىڭ دوۋسۇنى پات-پات ئاغرىيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ھاللاردا بۇ ئاغرىق بىر خىل ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن، شۇڭا ئاياللار بۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئاغرىق مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان.
    ئاياللار كېسەللىكى ياللۇغى
    دوۋسۇن ئاغرىغان بولسا، بۇ ئاياللار كېسەللىكى ياللۇغىدىن بولۇشى مۇمكىن، بەزى خانىم-قىزلار بۇ ئاغرىققا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەي، بۇنى پەقەت ئادەتتىكى ئاغرىق، دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئاياللار كېسەللىكى ياللۇغى سەۋەبلىك بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈش كېرەك.

    ھەيز

    بەزى خانىم-قىزلارنىڭ دوۋسۇنى ھەيز كېلىشتىن ئىلگىرى ئاغرىيدۇ، بۇنىڭدىن ئۇلار ھەيز ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ، بۇ نورمال بولغان بىر خىل فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە بولۇپ، ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال يۈز بەرسە دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

    ئۆسمە

    ئەگەر دوۋسۇن دائىم ئاغرىسا، بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك. چۈنكى ئۆسمىمۇ دوۋسۇن ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، باشقا بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئۆسمە سەۋەبلىك بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، بەل ئاغرىقىمۇ ئۆسمىنىڭ بىر خىل ئالامىتى. بۇنداق ئەھۋالدا، تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

    سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى
    سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى گەرچە  ئاياللار كېسىلىگە تەۋە بولمىسىمۇ، لېكىن ئاياللارنىڭ قورساق تۆۋەن قىسمىنىڭ ئاغرىشى بەلكىم جىددىي خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاپ،  ساقايتىش كېرەك.

    ئەمسە بۇ ئاغرىقنى قانداق پەسەيتىش كېرەك؟

    قورساقنى ئۇۋۇلاش ئۇسۇلى. ئەگە قورساق تۆۋەن قىسمىنىڭ ئاغرىشى ئاياللار كېسەللىكىدىن پەيدا بولغان ياللۇغ ياكى ھەيز سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، قول بىلەن قورساق قىسمىنى يېنىك ئۇۋۇلاپ بېرىش، بەك كۈچەپ ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك.

    ئاغرىق توختىتىش دورىسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش. ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى مۇۋاپىق ئىچىش، كۆپ يېمەسلىك كېرەك، بولمىسا دورىغا تايىنىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى