تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزىتىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

  شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

  ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزىتىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ

  ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزىتىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  بۇ، شى جىنپىڭنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ‹‹شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ يېڭى ئىپادىلىرىدىن ھەزەر ئەيلەشكە توغرا كېلىدۇ›› دېگەن ماقالە توغرىسىدا بەرگەن يوليورۇقى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ماقالىدە ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋال قارىماققا يېڭى ئەھۋالدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە كونا مەسىلە، بۇ، ‹‹تۆت خاھىش›› مەسىلىسىنىڭ جاھىل، تەكرارلىنىش خاراكتېرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزىتىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار ‹‹تۆت خاھىش››نىڭ ئىپادىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئاساسىي زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇشى، بولۇپمۇ ئىپادە بىلدۈرۈش كۆپ بولۇش، قۇرۇق شوئار توۋلاش، ھەرىكىتى ئاز بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ناچار بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنى ئەستايىدىل ئۆزگەرتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، ‹‹سەركە ئۈنۈمى››نى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. پات ئارىدا قانات يايدۇرۇلىدىغان ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› باش تېما تەربىيەسىدە شەكىلۋازلىق قىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ياخشى ئىستىل بىلەن ياخشى ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىسىدە پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشتىن باشلاپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ‹‹تۆت خاھىش››نى تۈزىتىشتە زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە يەنىلا ساقلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، مەسىلەن: بەزى رەھبىرىي كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا رەسمىيەتچىلىك ۋە شەكىلۋازلىق قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەق مەيدانىنى ‹‹ئۆزىنى كۆز – كۆز قىلىش سورۇنى››غا ئايلاندۇرۇپ قويغان؛ بەزى ئورۇنلار ‹‹بوسۇغىسىنى تۆۋەنلەتكەن، قاپىقىنى ئاچقان›› بولسىمۇ، يەنىلا ‹‹ئىشى بىراۋان›› بولىۋەرگەن؛ بەزى جايلار رەھبەرلەرنىڭ ‹‹كۆرۈش دائىرىسى››دىكى تۈر قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹ئاممىنىڭ رازى بولماسلىقىدىن ئەمەس، رەھبەرلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالماسلىقتىن ئەنسىرىگەن››؛ بەزى جايلار قاتلاممۇ قاتلام تەكرار يىغىن ئېچىپ، يىغىن ئارقىلىق يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن؛ بەزى جايلار ماتېرىيال يېزىش، ھۆججەت تۈزۈشتە ئۆلۈك ھالدا كۆچۈرمىكەشلىك قىلغان، تۈزۈم ۋە تەدبىرلەرنى تۈزۈشتە ‹‹قاپاققا قاراپ نوگاي سىزغان››؛ بەزى كادىرلار ئىش بېجىرگەندە سۆرەلمىلىك، ھۇرۇنلۇق، چاكىنىلىق ۋە بوشاڭلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى يۇقىرىدىكىلەرگە ئىتتىرگەن؛ بەزى جايلار قاپاققا ئەمەس، باراڭغا ئەھمىيەت بېرىپ، زېھنىنى ‹‹ماتېرىيالنى كۆركەم›› قىلىپ تەييارلاپ، ‹‹ماتېرىيال ئارقىلىق نەتىجە يارىتىش››قا سەرپ قىلغان؛ بەزى رەھبىرىي كادىرلار مەسئۇلىيەتنى ھەدەپ تۆۋەنگە ئىتتىرىپ، ‹‹مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش››نى ‹‹مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىش››كە ئۆزگەرتىپ قويغان؛ بەزى كادىرلار ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ مەلۇم قىلماي، كارى بولماي، پوزىتسىيەدە بىپەرۋالىق قىلغان؛ بەزى كادىرلار ئېغىزىدا ھە دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلغان، سەھنىدە بىرخىل، سەھنىدىن چۈشكەندە يەنە بىر خىل بولغان.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 12 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ مۇھىم يوليورۇقىدا جەمئىيەتتىكى ئىللەتلەر بىۋاسىتە كۆرسىتىپ بېرىلگەن، يوليورۇقنىڭ مەزمۇنى مول، تەلىپى ئېنىق بولۇپ، ئۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىدىغان، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرىدىغان ئېنىق پوزىتسىيەسى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق ئىپادىلىدى، بۇ يوليورۇق پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشى، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىدە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار يوليورۇقنىڭ روھىنى تېزدىن يەتكۈزۈشى، ئۆگىنىشى ھەم ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىشقا ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئۇنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يوليورۇقنىڭ مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش قەتئىي ئىرادىسى بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇشى كېرەك؛ جايلار، تارماقلار يىل ئاخىرىدا دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ۋە تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە، ‹‹تۆت خاھىش››قا دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەر، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ يېڭى ئىپادىلىرىنى ئەستايىدىل تېپىپ چىقىپ، قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، قەتئىي تۈزىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىشى كېرەك؛ ئىشنى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن باشلاپ، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، قاتلاممۇقاتلام يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى يىل، چاغان قاتارلىق ۋاقىت، تۈگۈنلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ناچار ئىستىلنىڭ قايتا يامرىشىنى قەتئىي توسۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى ۋە كېڭەيتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.