پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى مۇراسىمغا قاتنىشىدۇ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى. 12 – ئاينىڭ 13 – كۈنى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەتلىك تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسى سادىر قىلغان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلارنى خاتىرىلەش سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۆلەتلىك تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.
مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى، شىنخۇا تورى مۇراسىمنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە تارقىتىدۇ، مەركەزدىكى نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرى، ‹‹خەلق گېزىتى›› تېرمىنالى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېرمىنالى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالىمۇ بىرلا ۋاقىتتا بىۋاسىتە تارقىتىدۇ.