تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

توڭلاتقۇدا يېمەكلىك قانچە كۆپ بولسا، توك سەرپىياتى شۇنچە يۇقىرى بولامدۇ؟

  نۇرغۇن كىشىلەر توڭلاتقۇدا يېمەكلىك قانچە كۆپ بولسا، توك سەرپىياتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمسە راستىنلا شۇنداقمىدۇ ؟

  كىشىلەر توڭلاتقۇدا يېمەكلىك كۆپ بولسا، توڭلاتقۇ كومپرىسسورنىڭ ئىشلەش ۋاقتىمۇ ئۇزۇن، توڭلاتقۇ ئىچكى سوۋۇتۇش قىسمىنىڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمى راۋان يۈرۈشمەيدۇ، تېمپېراتۇرىسىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا بولمايدۇ،شۇڭا كېتىدىغان توك سەرپىياتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراش خاتا.

  توڭلاتقۇدا يېمەكلىك لىق ۋاقتىدا سەرپ بولغان توك مىقدارى توڭلاتقۇ قۇرۇق ۋاقىتىغا قارىغاندا ئاز كېتىدۇ، يېمەكلىك لىق ۋاقتىدا توڭلاتقۇ كومپرېسسورىنىڭ ھەركەت قىلىشى كۆپ بولمايدۇ، ئىچكى قىسم سوۋۇتۇش بوشلۇقىمۇ كىچىكلەپ كېتىدۇ، ھەمدە توڭلاتقۇ ئىشىكىنى ئاچقان چاغدا ئۆي ئىچى كونۋېكسىيە نەملىكى ئاز بولۇپ، كۆپ توك ئىسراپ بولمايدۇ.

 ئەكسىچە،توڭلاتقۇ قۇرۇق ياكى يېمەكلىك ئاز بولسا، ئىچكى قىسمىغا ئۆتىدىغان سوغۇق ھاۋا كۆپىيىپ، توڭلاتقۇغا داۋاملىق سوغۇق بىلەن تەمىنلەش توك سەرپىياتىنى كۆپىيىپ كېتىدۇ.

توڭلاتقۇدا نەرسىلەر بەك ئاز ياكى قۇرۇق بولسا خورىغان توك مىقدارى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، يېمەكلىكنى توڭلاتقۇغا بەك لىق سالماسلىق، ئەڭ ياخشىسى ئۈچتىن بىر قىسىم بوشلۇق قالدۇرۇلۇپ، توڭلاتقۇ سوغۇق ھاۋانىڭ نورمال يۈرۈشىگە كاپالەت قىلىش ھەم توڭلاتقۇ ۋىكليۇچاتېلنى بەك كۆپ ئىشلىتىپ كەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا سوغۇق ھاۋانىڭ مىقدارى كۆپ ئېقىپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى