تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   تەبىئەت

ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ئەسىر باش تېمىسىدىكى داچا سېتىلماقچى

    يەر شارى تورى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتى ئاۋستىن شەھىرىدە كۆلىمى 5500 كىۋادرات ئېنگلىز چىسى (تەخمىنەن 511 كىۋادرات مېتىر) كېلىدىغان  ئوتتۇرا ئەسىر باش تېمىسىدىكى بىر داچا بولۇپ، بۇ داچا ئاجايىپ ھەشەمەت ۋە نەپىس ئىكەن. بۇ داچا 2012-يىلى ئامېرىكا رادىيو شىركىتى «خەيرلىك سەھەر، ئامېرىكا» پىروگراممىسى ئۇيۇشتۇرغان ئولتۇراق ئۆيلەرنى باھالاش مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. نۆۋەتتە، بۇ  داچا 2 مىليون 200 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 15 مىليون 150 مىڭ يۈەن) غا سېتىلماقچى ئىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، 1992-يىلى ئىككى سەنئەتكار بۇ  كاتتا تۇرالغۇنى سېتىۋالغان بولۇپ، ئۇلار سەنئەت تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، بۇنى ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىدىكى ھەشەمەتلىك داچىغا ئۆزگەرتكەن. بۇ داچىدا تۆت ھۇجرا، تۆت مۇنچا، 14-ئەسىر ئۇسلۇبىدا ياسالغان تاش ئۆي، گۈللۈك ۋە سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بولۇپ، بۇ يەرگە كىرگەن كىشى ئۆزىنى خۇددى «ھوقۇق ئۇيۇنى» دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى