تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كۆڭۈلنى توختىتىپ، كىچىك پېئىل بولۇپ، ھەقىقىي سىڭىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىمىز

  ـــ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېز ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى

  ئاپتونوم رايون 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سەپەرۋەرلىك سىن يىغىنى ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن، جايلار، تارماقلار تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە تەشكىللەپ يولغا قويدى. كۆپچىلىك ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىشتىكى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كۈچلۈك تۇتقا، كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئۈنۈملۈك يول ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتتى. كۆپچىلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەزىپىنى شەرتسىز تاماملايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمىز

  ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى توغرىسىدىكى سەپەرۋەرلىك سىن يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ پائالىيەت لايىھەسى تۈزدى ھەم ئۆزى بىۋاسىتە تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى تۇغقانلاشقان ئائىلىلەر تۇرۇشلۇق كەنتكە دەرھال ئالدىن بېرىپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇردى ھەم 12 – ئاينىڭ 9 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بەنگۇڭتىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە ئالاقىدار ئىشلارغا جىددىي سەپەرۋەر قىلدى ھەم ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتى ھەم كادىرلار ئىستىلىنى ياخشىلاشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئامما بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كەڭ، چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، تۇغقانلاشقان ئائىلىلەرگە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، مول مەزمۇنلۇق، تەربىيە ئەھمىيىتىگە ئىگە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئائىلىلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەردە يېتىپ، تەشۋىق – تەربىيە قىلىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، ئاممىۋى خىزمەتنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن باشلاپ كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ھەربىر تۈركۈمگە نازىر دەرىجىلىك رەھبەر يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى: تۇنجى تۈركۈمدىكى كادىرلار مارالبېشىغا يېتىپ باردى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى 46 كادىر، ئىشچى – خىزمەتچى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن كېيىن مارالبېشى ناھىيەسىگە بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سىياسىي كېڭەشتىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر، يېقىشلىق شەكىللەر ئارقىلىق قوشماقلاشقان تۇغقىنى ۋە كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە چۈشەندۈرۈپ، ھېس قىلدۇرۇپ، ئەستە ساقلاتقۇزۇپ، قۇلىقىغا، كاللىسىغا، قەلبىگە سىڭدۈرۈشى؛ قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن بىللە غىزالىنىشى، بىللە تۇرۇشى، بىللە ئۆگىنىشى، بىللە ئەمگەك قىلىشى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشى؛ قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى قېرىندىشىدەك كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ئويلىغانلىرى، تەپەككۇرى، ئارزۇسىغا ئەستايىدىل قۇلاق سېلىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى چوڭقۇر، ئېنىق، ئەمەلىي ئىگىلەپ، تۇغقىنىنى غەم – ئەندىشىدىن خالاس قىلىشى؛ سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى، تۇرمۇش ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىپ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنى كادىرلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ كادىرى دەي جىن ياش پارتىيە ئەزاسى، ئۇ بۇ قېتىم مارالبېشى ناھىيەسىگە بارغىچە ‹‹شى جىنپىڭنىڭ يەتتە يىللىق زىيالىي ياشلىق ھاياتى›› ناملىق كىتابنى ئېلىۋالدى. دەي جىن مۇنداق دېدى: داھىينىڭ ھېكايىسى ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاشتىكى جانلىق دەرسلىك بولۇپ، بىز ياشلارغا ئۈلگە تىكلەپ بەردى. سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى ئۆزۈمنى چېنىقتۇرىدىغان قىممەتلىك پۇرسەت، دەپ بىلىپ، كۆڭلۈمنى توختىتىپ، كىچىك پېئىل بولۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇندايمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى – مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى: بارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىغا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چۈشۈردى

  12 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى – مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى مۇئاۋىن شۇجىنى باش يېتەكچى قىلىپ، ‹‹قوش گۇرۇپپا باشلىقى بولۇش›› تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بارلىق كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى باشلاپ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ پىلال يېزىسى، بارىن يېزىسىدىكى سەككىز كەنتكە ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ بارىدۇ، ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىگە قاتناشقان كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن بىرلىشىپ، ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى ئورتاق قانات يايدۇرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى – مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى بارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىغا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى رولىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، ‹‹كۆرەڭ››، ‹‹نازۇك›› مىجەزلىرىنى ئۆزگەرتىپ، دېھقان سالاھىيىتى بىلەن يېزا تۇرمۇشىغا ھەقىقىي سېڭىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، ئۇششاق ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ئەمەلىي، چوڭقۇر ئىشلىشى كېرەك. بىللە كىتاب، گېزىت ئوقۇش، بىللە تېلېۋىزور كۆرۈش، پاراڭلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىشى كېرەك؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغدىشى، ئاساسىي قاتلامدىكى يولداشلار بىلەن ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلىشى، ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشى، ئەمەلىي، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى كېرەك؛ بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى، چاي قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، مۇڭدىشىش، سىردىشىش جەريانىدا مېھرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستلۇق رىشتىسىنى چىڭىتىشى كېرەك. ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى ئارقىلىق ئاممىۋى خىزمەت يېتەكچىلىكىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش ئەھۋاللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، دىققەتنى باش نىشانغا قاراتماسلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۆڭۈل قويماسلىق، ۋەزىپىسىنى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››، نامراتلارنى يۆلەش ۋە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئەھۋاللىرىنىڭ مەۋجۇت ياكى مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى پىششىق ئىگىلەپ، مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، ناھىيە، يېزا، كەنت پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، ياردەم بېرىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى، زىددىيەتلەرنى يېزا – كەنتتىلا ھەل قىلىشى، خەۋپ – خەتەرنى بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشى كېرەك.

  ئۈرۈمچى شەھىرى: خەلققە پايدىلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي، ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىمىز

  ئۈرۈمچى شەھىرى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش سىن يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك سۆزلەر، يېقىشلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يۈزتۇرا يەتكۈزۈپ، ئاممىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، ئۆزلەشتۈرەلەيدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ئاممىنىڭ ئۆيىگە، ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، ئامما بىلەن بىللە تۇرۇپ، بىللە غىزالىنىپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، ئامما نېمە يېسە كادىرلار شۇنى يەپ، ئاممىغا تاماق پۇلى تاپشۇرۇپ، ئاممىغا يۈك بولماسلىق كېرەك. مەھەللە (كەنت) ‹‹ئىككى كومىتېتى›› بەنزىسى بىلەن بىللە ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئورتاق ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم، ئومۇميۈزلۈك مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلققە پايدىلىق، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ ئىشىنى ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ئويلايدىغانلىرىنى، كۈتىدىغانلىرىنى، ئۈمىد قىلىدىغانلىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلار غەم قىلىدىغان ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى، بەخت تۇيغۇسىنى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەھەللىدىكى ئاھالە، ئامما بىلەن تۈرلۈك شەكىلدىكى مول مەزمۇنلۇق، تەربىيە ئەھمىيىتىگە ئىگە پائالىيەتلەرنى ئورتاق قانات يايدۇرۇپ، باردى – كەلدى قىلىش، پاراڭلىشىش، مۇڭدىشىش، يىغىلىش جەريانىدا چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلايمىز

  12 – ئاينىڭ 9 – كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ‹‹ئۈچ بىرلەشتۈرۈش››تە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى››دە ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، تۇغقانلىشىپ ياردەم بېرىشنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› ئورۇنلاشتۇرما – تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى پۇختا، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش؛ ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۇغقانلاشقان ئائىلىگە ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىپ بېرىپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىچ ئالاقە باغلاش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى بايقاشقا دىققەت قىلىپ، سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، چارە ئىزدەپ، پىكىر يولىنى روشەنلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى: ھەر بىر كادىر ‹‹ئوننى قىلىش››ى كېرەك

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى 100دىن ئارتۇق ئىشچى – خىزمەتچى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ بازىرىدىكى كەنتتە تۇرۇش نۇقتىسىغا بېرىپ، ‹‹تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن، تۇنجى تۈركۈمدە تۇغقان بولغان كادىرلار 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى يولغا چىقىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلغان: ئاياللار بىرلەشمىسىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەر پائالىيەت داۋامىدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن – ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك. ھەر بىر كادىر تۇغقانلىشىش جەريانىدا ‹‹ئوننى قىلىش››نى، يەنى پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ۋە سىياسىي ۋەزىيەتنى تەشۋىق قىلىشنى بىر قېتىم قانات يايدۇرۇشى، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى بىر قېتىم تەشكىللىشى، چوڭ تازىلىقنى بىر قېتىم تەشكىللىشى، ئاھالىلەرگە بىر ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشى، نامرات ئائىلىلەرنى بىر ياخشى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى، خەلق ئەھۋالىنى بىر قېتىم تەكشۈرۈشى، بىر پارچە خەلق ئەھۋالى خاتىرىسى يېزىشى، بىر پارچە تەسىرات ماقالىسى يېزىشى، قىممىتى بار بىر ئۇچۇرنى دوكلات قىلىشى، بىر ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇشى كېرەك. كۆرگەن، ھېس قىلغانلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، گۈزەل ھويلا – ئاران قۇرۇشتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان پىكىر ۋە چارە كۆرسىتىشى كېرەك. كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە غىزالىنىپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگىنىپ، ئۇيغۇرچە نەشرىدىكى ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتاي دوكلاتى››، ‹‹پارتىيە نىزامنامىسى›› ۋە ‹‹قوش تىللىق قانۇن قوللانمىسى››، ‹‹گۈزەل ئايال، بەختلىك ئائىلە توپلامى›› قاتارلىق كىتابلارنى ھەر بىر ئائىلە ئەزاسىغا يەتكۈزۈپ، چەكلىك ۋاقىتتا كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن تەشەببۇسكار بولۇپ، خىزمەتتە نەتىجە، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىشى كېرەك.

  (مۇخبىرلىرىمىز لى ياڭ، جاۋ جىيۈن، مېھرىگۈل ناسىر، جاۋ چۈنخۇا، ئىختيارىي مۇخبىرىمىز شېڭ يۈ، ۋاڭ نىڭ، جاڭ چېنجۈەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى