تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلاردىن 200 نەچچە مىڭنى تەربىيەلەۋاتىدۇ

  ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %97تىن يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ

  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز تېخنىك ئىشچىلار مائارىپى بويىچە ھەر يىلى 200 نەچچە مىڭ ماھارەتلىك ئىختىساس ئىگىسىنى تەربىيەلىگەن ۋە يېتىشتۈرگەن، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %97تىن يۇقىرى بولغان، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ دەسلەپكى ئوتتۇرىچە مائاشى 3500 يۈەندىن يۇقىرى بولغان.

  ئىگىلىشىمچە، ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدا تېخنىك ئىشچىلار ئىنستىتۇتى – مەكتىپىدىن 98ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خوتەن ۋىلايىتىدە توققۇزى، قەشقەر ۋىلايىتىدە سەككىزى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە سەككىزى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئىككىسى بار ئىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز يەنە تېخنىك ئىنستىتۇتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ھەر بىر ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە يېتەكچى كەسىپ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان تېخنىك ئىنستىتۇتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى قۇرغان. ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا تېخنىك ئىنستىتۇتىدىن 18ى، يۇقىرى دەرىجىلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدىن يەتتىسى بار ئىكەن، يېقىنقى نەچچە يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز ئالتە تېخنىك ئىنستىتۇتىنى كۆپەيتىپ قۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۆتى خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرىدە ئىكەن.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا تېخنىك ئىشچىلار مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش بايلىقى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى يەنىمۇ ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز جەنۇبىي شىنجاڭغا قارىتىلغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلغان، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاپتونوم رايوندىكى نۇقتىلىق تېخنىك ئىشچىلار ئىنستىتۇتى – مەكتەپلىرىنى تەشكىللەپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 27 تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە شۆبە مەكتەپ تەسىس قىلغان.

  ئۇقۇشىمچە، 2017 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تېخنىك ئىشچىلار ئىنستىتۇتى – مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 89 مىڭ بولۇپ، ‹‹12 – بەش يىل››نىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن يىلدا قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار مۇقىم ئېشىپ، ‹‹ئىككىدە ئوقۇيالمىغانلار››نىڭ ھەممىسى تېخنىك ئىشچىلار ئوقۇش تۈزۈمى مائارىپى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

  ئوقۇش تۈزۈمى مائارىپىدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئەمگەكچىلەرنى كەسىپ جەھەتتە ئۆمۈرلۈك تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆسۈپ يېتىلگەن يېڭى ئەمگەكچىلەر، ئىشسىزلار، خىزمەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر، يېزا ئارتۇق ئەمگەكچىلىرى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار قاتارلىق شەھەر – يېزىلاردىكى بارلىق ئەمگەكچىلەرنى كەسىپ جەھەتتە تەربىيەلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كەسىپ جەھەتتە تەربىيەلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ماھارىتىگە تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى