تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سېلىشىمىز كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 2 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى ۋە مۇھاكىمە قىلدى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 2 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى ۋە مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىدا كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، نۇقتىلىق خىزمەتلەر ۋە نىشان – ۋەزىپىلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشىمىز، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى زىچ چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش تەلىپى بويىچە، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىشىمىز ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەڭكەش ئالغا سۈرۈشىمىز، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ئورتاق پايدىلىنىدىغان تەرەققىيات قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ ئالاھىدە كەسىپلەرنى زورايتىپ، بىرىنچى كەسىپتە سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش، ئىككىنچى كەسىپتە مۇھىم نۇقتىلارنى تۇتۇش، ئۈچىنچى كەسىپتە زور تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شىنجاڭچە زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشىمىز؛ خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشىمىز ۋە ئۇنىڭدا غەلىبە قىلىشىمىز؛ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇشىمىز، ھەم كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تىرىشىشىمىز، ھەم شارائىتىمىزغا يارىشا ئىش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز؛ بازار سۇبيېكتىنى جانلاندۇرۇپ، تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، بازار ئىجازىتىدە پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشىمىز؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرۈشىمىز؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، ئىچكى تۈرتكىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز؛ مالىيە، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خامچوت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مالىيە چىقىمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپىدىن ساقلىنىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز؛ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ سىجىل، ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشىمىز؛ تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشىمىز، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ۋە تۈرلۈك تەلەپلەرنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ئىجرا قىلىشىمىز، ئىستىلنى ياخشىلاپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشان – ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداشقا، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 2 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇھىم سۆز قىلىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئىلمىي خۇلاسىلەپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك تەھلىل قىلىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى ھەم تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. بىز ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇماتقا ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى باشقۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى تولۇق تونۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى يولغا قويۇشىمىز؛ چوڭ سانلىق مەلۇماتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پەن – تېخنىكا ئالدىنقى سېپىنى كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىپ، سىياسىي مۇھىتنى ياخشىلاپ، سەردار ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىلىق كەسىپلىرىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز؛ چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز، چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش سەۋىيەمىز ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىشىمىز؛ چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر، تېخنىكا، ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى، ئاچقۇچلۇق سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىدىن سىگنال بېرىش ۋە مەنبەدىن تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى، قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز؛ چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئۆگىنىشىمىز، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار چوڭ سانلىق مەلۇمات توغرىسىدىكى كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى