تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك

  شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 2–قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى:

  ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 12 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن كېيىن دۆلەتنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا 2 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ تەرەققىياتى كۈنسېرى يېڭىلانماقتا، بىز ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، يۈزلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان تەسىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، دۆلىتىمىز چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئېچىپ ئورتاق پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشىمىز كېرەك.

  بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى مېي خۇڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەم پىكىر – تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: چوڭ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچى. ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىنىڭ زىچ يۇغۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئالاقە تورى تېز ئومۇملاشتى، يەر شارى سانلىق مەلۇماتىدا پەۋقۇلئاددە ئېشىش، زور مىقدارلىق توپلىنىش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش، دۆلەت باشقۇرۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئىقتىسادنى رەقەملەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا تەتقىقاتى، سانلىق مەلۇماتنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق پايدىلىنىش، شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چوڭ سانلىق مەلۇمات تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ توردا مال سېتىۋېلىش، كۆچمە چىقىم قىلىش، ئورتاق پايدىلىنىدىغان ئىقتىساد قاتارلىق رەقەملىك ئىقتىساد يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مېڭىۋاتىدۇ. بىز دۇنيا پەن – تېخنىكىسىدا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشنى كۆزلەپ، ئەۋزەل بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات يادرولۇق تېخنىكىسىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، مۇستەقىل تەتقىق قىلغان، كونترول قىلالايدىغان چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسىپ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرى ۋە ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. تېز سۈرئەتلىك، كۆچمە، بىخەتەر، ئومۇميۈزلۈك بولغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇمات بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئاساسىي ئۇچۇر بايلىقى ۋە مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئۇچۇر بايلىقى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق شەيئىي تورغا ئۇلانغان، ئادەم – كومپيۇتېر مۇناسىۋەت قىلىدىغان، ئاسمان – زېمىن بىر گەۋدىلەشكەن تور بوشلۇقىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە بازار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ زور ئېھتىياجىغا ۋە خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي جەڭگاھىغا يۈزلىنىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتىنىڭ سىياسەت مۇھىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. سانلىق مەلۇماتنى ئېچىۋېتىشتە، بازار يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتنى ۋاسىتە قىلىپ ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سانلىق مەلۇماتنىڭ قوزغىتىش تىپىدىكى يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر تۈركۈم چوڭ سانلىق مەلۇمات باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىل چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سانلىق مەلۇماتنى ئاچقۇچلۇق ئامىل قىلغان رەقەملىك ئىقتىساد بەرپا قىلىش كېرەك. زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش چوڭ سانلىق مەلۇماتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قوللىنىشتىن ئايرىلالمايدۇ. بىز تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش بىلەن سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ سەھىپىنى داۋاملىق ياخشى پۈتۈپ، ياسىمىچىلىقنى رەقەملەشتۈرۈش، تورلاشتۇرۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشقا قاراپ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. سانائەت ئالاقە تورىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سانائەت ئالاقە تورى ئۇل ئەسلىھەسى ۋە سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات ئاساسىي بايلىقلىرىنىڭ رولىنى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ موتورلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى ئاساسلىق يېتەكچى ۋە تايانچ قىلىدىغان رەقەملىك ئىقتىسادنى تېز شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا ياردەم بېرىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرۇش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇشىمىز، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشىمىز، جامائەت مۇلازىمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈملەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەتنى يولغا قويۇش، ئەقلىي شەھەر قۇرۇش قاتارلىقلارنى تۇتقا قىلىپ، سانلىق مەلۇماتنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئورتاق پايدىلىنىشنى ۋاسىتە قىلىپ، تېخنىكا، كەسىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇچۇر توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان، بىر تۇتاش پىلانلاپ پايدىلىنىدىغان، بىر تۇتاش ئۇلىنىدىغان سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق پايدىلىنىش سۇپىسى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئۇچۇر بايلىقىدىن ئورتاق پايدىلىنىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، قاتلام، دەرىجە، رايون، سىستېما، تارماق، كەسىپ ھالقىغان ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەۋپ – خەتەر ئامىلىنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلىپ، خەۋپ – خەتەر ئامىلىنى بىلىش، مۆلچەرلەش، مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. ھۆكۈمەت – كارخانا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىشىپ، جامائەت مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق پايدىلىنىشنى تېزلىتىپ، كارخانا توپلىغان ئىجتىمائىي سانلىق مەلۇماتلارنى سۇپىغا ئۇلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ كۈچلۈك بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. ئالاقە تورىنىڭ مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ساپ تور بوشلۇقى يارىتىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇمات خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئالاقە تورى + مائارىپ››، ‹‹ئالاقە تورى + داۋالىنىش››، ‹‹ئالاقە تورى + مەدەنىيەت›› قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇقرالارنى ئاز قاترىتىپ، سانلىق مەلۇماتتىن كۆپ پايدىلىنىپ، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىشىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، قولايلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىشىمىز، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلىشىمىز، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك – ساقلىقنى ساقلاش، تۇرالغۇ، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردە چوڭ سانلىق مەلۇماتنى ئومۇملاشتۇرۇپ، قوللىنىپ، خەلققە قولايلىق تۈرلۈك تېخنىكىلارنى چوڭقۇر ئېچىشىمىز كېرەك. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ساھەسىدە چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تېز ياخشىلاشقا كۈچىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنىڭ سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىدىن سىگنال بېرىش ۋە مەنبەدىن تەكشۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. سىياسەت، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇننى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇن – تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. سانلىق مەلۇمات بايلىقىغا دائىر ھوقۇقنى بېكىتىش، ئېچىۋېتىش، ئوبوروت، سودا قىلىشقا ئالاقىدار تۈزۈملەرنى تۈزۈپ، سانلىق مەلۇمات مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تېخنىكا پاتېنت ھوقۇقى، رەقەملىك نەشر ھوقۇقى، رەقەملىق مەھسۇلات، خۇسۇسىي سىر قاتارلىقلارنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش كېرەك. خەلقئارا سانلىق مەلۇماتنى تىزگىنلەش سىياسەت زاپىسى ۋە تىزگىنلەش قائىدىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش، سانلىق مەلۇماتنى تەھلىل قىلىش، سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇش رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىدىكى ئاساسلىق ماھارەتتۇر. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنى چۈشىنىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتنىڭ خىزمەتلەردە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.