تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ بىلەن ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى بۇتېفلىكا ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئالجىرىيە 1 – نومۇرلۇق خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى بۇتېفلىكاغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئالجىرىيە 1 – نومۇرلۇق خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ شىچاڭدا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: ئالجىرىيە 1 – نومۇرلۇق خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھى تۈرى جۇڭگو – ئالجىرىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، بۇ، جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالەم قاتنىشى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك يول ئاچتى، ئالجىرىيەنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى. جۇڭگو ئالجىرىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئالجىرىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ.

  بۇتېفلىكا تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالجىرىيە 1 – نومۇرلۇق خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلىشى ئالجىرىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقىدىكى زور مۇۋەپپەقىيەت، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەنئەنىۋى چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى. ئالجىرىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.